+تېما يوللاش
uzdil يوللانغان ۋاقتى:2018-1-30 13:53 3104 قېتىم كۆرۈلدى 21 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
uzdilcom.png

ئۇزدىل ئەترىتى كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا تورچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قىبلىنامە قىلىپ، 10 يىلغا يېقىن مەزگىلدە  تور تېخنىكا دەرسلىكلىرىنى تارقىتىش، توربېكەت سېستىمىسى تۈزۈش، شۇنداقلا بېكەت قۇرۇشقا ياردەملىشىپ، تور تېخنىكا بىلىملىرىنى تارقىتىش قاتارلىق كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. 2018.يىلىدىن ئېتىبارەن، نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ماسلاشقان ئاساستا كەسپىي قۇرۇلمىسىنى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەر ئارقىلىق بېكىتىدۇ:

1. گوگېل تەرجىمانى

گوگېل تەرجىمانى نۆۋەتتە دۇنيادىكى 120 دىن ئارتۇق تىللار بويىچە ئۆز ئارا جۈملە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئامبىرى قۇرۇلۇشى دېگەندەك ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقتىن، يۇقارقى تىللار بىلەن ئۆز ئارا تەرجىمە ئىشلىرى زور دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغان. شۇنداقلا گوگېل تەرجىمانىغا بېقىنىپ خىزمەت قىلىدىغان 100 نەچچە ئەپ دېتالى، نەچچە مىڭ تەرجىمە تور بېكىتى ۋە تور كۆرگۈچ ئارقىلىق تور بېكەتنى بەت يۈزىدە تەرجىمە قىلىش قاتارلىق نەچچە مىليون تور بېكەتنى بىمالال تەرجىمە قىلىشتەك ئەۋزەل، شۇنداقلا ھەقسىز ئىقتىدارلاردا ئۇيغۇرتىلى بىر چەتتە قالدى.

زىيارەت ئادرىسى: https://translate.google.cn

سۆزلۈك قوشۇش بېتى: https://translate.google.com/community#en/ug

ئۇزدىل ئەترىتى ئىزچىل گوگېل تەرجىمانىغا سۆزلۈك قوشۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، تەرجىمە مۇلازىمىتى تەمىنلىنىدىغان تور بېكەتلەر قاتارىدا كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندە بىر مىليون ئەتراپىدا تەرجىمە ئۇچۇرى بولۇش كېرەك ئىكەن. بىز ئۇزدىل تورى ئارقىلىق سۆزلۈك قوشۇشقا ئالاقىدار تېخنىكا ۋە مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ تۆھپىكارلارغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىشنى خالايمىز.

2. تەرجىمەۋىكى

تەرجىمەۋىكى (translatewiki.net) تور تەرجىمە سۇپىسى بولۇپ، MediaWiki نىڭ تەرجىمە كېڭەيتىلمىسىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن. ئۇنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئۇچۇرى قوشۇلسا، دۇنيادىكى 50 كە يېقىن تور بېكەت سېستىمىسى، دېتال رامكىسى قاتارلىقلارغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلۇپ بىۋاستە يەرلىكلىشىدۇ.
زىيارەت ئادرىسى: http://translatewiki.net

ئۇيغۇرچە تىل بۆلىكى بېتى: https://translatewiki.net/wiki/Special:SupportedLanguages/ug-arab

ئۇزدىل ئەترىتى ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرجىمەۋىكى سۇپىسىغا تەرجىمە ئۇچۇرى قوشۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا ئىگە بېكەت سېستىمىلىرى ۋە سېستىما ئېچىش رامكىلىرىنى تارقىتىش ۋە تەشۋىقات قىلىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ.

3. W3C ئىتتىپاقى

W3C ئېنتىرنىت ئىتتىپاقى 1994.يىلى قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، ئاساسىي مەقسىتى ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كېلىشىمنامىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئورتاق ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، تور دۇنياسىنىڭ پۈتكۈل يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىش.
2016.يىلى 3.ئايدىن باشلاپ ئۇزدىل ھەقسىز تور تېخنىكا دەرسلىكلىرى نامىدا W3C نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە تېخنىكا بىلىملىرى كەڭ كۆلەمدە تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى. بۇنىڭدا ئاساسىي HTML دىن CSS غىچە، ھەتتاكى XML ، SQL ، JS ، PHP ، ASP ۋە ASP.NET قاتارلىق خەلقئارا ئۆلچەمدىكى تور تېخنىكا دەرسلىكلىرى ۋە پايدىلىنىش قوللانمىلىرى تولۇق تەمىنلەندى. شۇنداقلا 149 قىسىملىق ئۇزدىل تور تېخنىكا سىن دەرسلىكلىرىمۇ تۈزۈپ ئېلان قىلىنىپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.

زىيارەت ئادرىسى: http://www.uzdil.net

4. فورۋو ئاۋاز لۇغىتى

فورۋو (forvo.com) دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق تىللارنىڭ ئاۋازلىق سۆزلۈك لۇغىتى بولۇپ، ئۇزدىل ئەترىتى قىسقىغىنە 4 ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرىغا 5000 دىن ئارتۇق سۆزلۈك قوشۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرتىلىنىڭ دەرىجىسىنى ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىردى.

زىيارەت ئادرىسى: https://zh.forvo.com/languages/ug

ئۇزدىل قوشقان سۆزلۈكلەر: https://zh.forvo.com/user/uzdil

5. تور بېكەت ۋە سالون

ئۇزدىل ئەترىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇزدىل تورى، ئۇزدىل تور تېخنىكىسى ۋە ئۇزسودا سالونى قاتارلىق تور بېكەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرى ئارقىلىق تور تېخنىكا بىلىملىرىنى كېڭەيتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ كەلمەكتە.

ئۇزدىل تورى: http://www.uzdil.com

ئۇزدىل تور تېخنىكىسى: http://www.uzdil.net

ئۇزسودا سالونى: http://www.uzsoda.com



ئاخىرقى سۆز

بىز ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمىز، ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى دېگەن بۇ ئۇقۇم مۇنداقلا تىلغا ئېلىپ قويىدىغان، بىر قانچە ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. دۆلىتىمىزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىلىق قۇرۇلىۋاتقان خەلق تورى، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، رادىئو ئىستانسىسى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق ئۇيغۇرچە ئورگان بېكەتلىرى ۋە ئۇيغۇرچە بېكەت، ئۈندىدار سالونلىرى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان كەڭ تور تېخنىكا شىركەتلىرى، شۇنداقلا سېپىمىزغا ئۈزلۈكسىز قوشۇلىۋاتقان ئوت يۈرەك تېخنىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە، ئۇچۇر دەۋرىدە مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى ھازىرلاش، تېخنىكا ۋە تەرەققىياتتا دۇنيا بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. بىز بۇ پۇرسەتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك.

ئۇزدىل ئەترىتى دېڭىزنىڭ بىر تامچىسى كەبىي ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالىسا دېگەن ئۈمىدتە.

21ئادەم ئىنكاس يازدى

خۇشبەگ ۋاقتى: 2018-2-1 11:47:43
تېزىملىتىپ كىرۋالغاندىن  كېيىن  بەكلا قولايكەن،تېزلا  چۈشىنىپ كىتەلەيدىكەنمىز. مۇشۇنداق تەرجىمە،دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش توربېتى ياسىسىمۇ بولىدىكەن.ۋاقت بولسىلا كۈندە 20سۆزنى  تەرجىمە قىلىپ قويساقمۇ  كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىلى كۆپىيىپ قالىدۇ.
114742zz3a7ihlbammofm7.png
رىيال ۋاقتى: 2018-1-30 14:25:05
ۋاھ  ھەقىقەتەن  ئۇلۇغ ئىش بوپتۇ ، ياشاپ كىتىڭلا ئۇزدىل گۇرۇپپىسى  ،   تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئىرىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
AZIZJANIM ۋاقتى: 2018-1-30 14:32:25
قۇلۇڭلارغا  دەرت كەلمىسۇن   
stilly ۋاقتى: 2018-1-30 14:33:58
خەلقىمىزنىڭ كومپىيوتېر ، تور ،تىل-يېزىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتىسىلەر . قولۇڭلارغا دەرت كەلمىگەي . داۋاملىق يۈكسىلىشىڭلارغا تىلەكداشمىز.
tirixqan008 ۋاقتى: 2018-1-30 14:35:01
سىزگە  شۇنداق ھۆرمىتىم با ،سىز نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل توختىماي ئۇيغۇر تورچىلقى ئۈچۈن ھەم ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن تىرشىۋاتسىز .سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت .ھەراس ھەممەيلان بىر كۈچ چىقىرىپ گوگىل تەرجىمانغا ئۇيغۇچە سۆزلۈك ئامبىرى قوشساق ياخشى بولاتتى .ئەگەر ئالىپ تورىغا چىقىدىغان بارلىق كىشىلەر ۋاقتى ھەم شارائىتى يار بىرىپ قالسا ھەم خالسىا مۇشۇ ئىشقا بىرلىكتە كۈچ چىقارساق
yusanjan13 ۋاقتى: 2018-1-30 14:54:41
مەن  نىمە  دىيەلەيتتىم،   سىلەرنى تېخىمۇ تىرىشىڭلار  دىيىشكە تىلىم كۈيۈۋاتىدۇ ،    سىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىمەن،  جاپا چەكتىڭلار
رۇھ ۋاقتى: 2018-1-30 14:56:47
ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئەزىز دۇستۇم سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار ھەرگىز يەردە قالمايدۇ.داۋاملىق تىرشىڭلار.
mhd ۋاقتى: 2018-1-30 16:01:46
گوگىل تەرجىمانىغا قانداق سۆز قۇشىدۇ ، ئەگەر مەن قىلالىسام سۆز قۇشۇشقا تەييار ئىدىم
uzdil ۋاقتى: 2018-1-30 16:06:17
رىيال يوللىغان ۋاقتى  2018-1-30 14:25
ۋاھ  ھەقىقەتەن  ئۇلۇغ ئىش بوپتۇ ، ياشاپ كىتىڭلا ئۇزدىل  ...

كۆپ رەھمەت. داۋاملىق يېقىندىن قوللاپ بەرگەيسىز.
uzdil ۋاقتى: 2018-1-30 16:08:25
tirixqan008 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-30 14:35
سىزگە  شۇنداق ھۆرمىتىم با ،سىز نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئ ...

سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت. يۇقارقى تۈرلەرگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ۋە بىلىملەر پات ئارىدا ئۇزدىل تورى ئارقىلىق كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىدۇ. سېپىمىزگە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلارنى ھەر ۋاقىت قىزغىن قارشى ئالىمىز. <ئىش بىرلىكتە، كۈچ ئۆملۈكتە>، كۆپچىلىك قولىدىن كېلىشىچە ياردەملەشسە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار بىز بىلەن تېخىمۇ تېز يۈز كۆرۈشىدۇ.
arwahjan ۋاقتى: 2018-1-30 16:55:00
ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە  ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بارلىق ئۇستازلارنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت
داۋاملىق تىرىڭشڭلار
RuZi/520 ۋاقتى: 2018-1-30 17:37:28
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   RuZi/520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-30 17:43  

ئالامەت ھېي....مەن بەك ھاياجانلىنىپ كىتىپ بارىمەن..ئىشىڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن...
ئاتەش11 ۋاقتى: 2018-1-30 18:52:32
بەك خوش بولدۇم. ئەجرىڭلارغا تەشەككۈر.
hopujan ۋاقتى: 2018-1-30 19:50:18
مۇشۇ تاپتا مەن بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم ئەجرىڭلاغا كۆپ تەشەككۈر، مەن پەقەت شۇنداق دىيەلەيمەن، تېنىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن ئىشلىرىڭلرغا ئۇتۇق تىلەيمەن، مەن ئالىپتىكى قېرىنداشلارنىڭ پايدىلنىشى ئۇچۇن بىرەر تىما يوللاشنى ئويلاشقان بولساممۇ لىكىن تازا قاملاشتۇرالمايدىكەنمە، ئەمما يانچۇقىمدىن تىلفۇنۇمنى ئالساملا كۆردىغىنىم مۇشۇ ئالىپ تورى مەن بەك ياختۇرۇپ كۆرىمەن، ئەمما كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاشۇ مىڭ بىر جاپادا يازغان تىمىللىرنى قايتا قايتا كۆرىمەن، ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلارنىڭ سالامەت ئىشىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن،
351038824 ۋاقتى: 2018-1-30 22:41:23
ھەممىڭىزلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئيتىمەن  ئىشلىرىڭلارنىڭ تىخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部