+تېما يوللاش
esir يوللانغان ۋاقتى:2018-1-30 13:10 3768 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كومپيۇتېرغا قوش سىستېما قاچىلاش-Windows7 ۋە Windows10


بىلىسىلەر، يېقىندىن بېرى VMware بىلەن تۇتۇشۇپ قالدىم. مەۋھۇم كومپيۇتېرنى قانچىلىك بۇزساقمۇ بەرىبىر دادىمىز تىللىمىغاندىكىن قورقماي بۇزۇپ باقمامدۇق!؟ بۈگۈن دەل مەۋھۇم كومپيۇتېرغا Win7 بىلەن Win10 نى قوش سىستېما قىلىپ قاچىلاشنى تەجرىبە قىلىدىغان كۈن!

تەييارلىق: Windows7 ۋە Windows10 لارنىڭ ئوپتىك دېسكا زاپاس ھۆججىتى (*.iso ھۆججىتى)، Vmware يۇمشاق دېتالى ۋە ئۇنى ئىشلىتىپ قۇرغان Windows7 مەۋھۇم كومپيۇتېرى، WinPE قوزغاتقۇچ.

مەشغۇلات باسقۇچى:
1. سىستېما قاچىلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق (ئەگەر ھەقىقىي كومپيۇتېرغا قوش سىستېما قاچىلىماقچى بولسىڭىز، بۇ تەييارلىق باسقۇچىدىن ئاتلاپ كېتىڭ).
1) بىز قوش سىستېما قاچىلىماقچى بولغىنىمىز ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تەييار قىلىۋالغان ئىككى دانە سىستېما iso ھۆججىتىنى مەۋھۇم ئوپتىك دېسكا ھالىتىدە مەۋھۇم كومپيۇتېرغا تونۇتۇۋالىمىز: VMware نى قوزغىتىپ، مەۋھۇم كومپيۇتېر Windows7 نى تاللاپ، ئاندىن 【编辑虚拟机设置】نى باسساق، كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىنى تەڭشەش يۈزى- 虚拟机设置 كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.
02.jpg
2) «مەۋھۇم كومپيۇتېرنى تەڭشەش» 【虚拟机设置】كۆزنىكىدىن CD/DVD ئۈسكۈنىسىنى چەكسەك، ئوڭ تەرەپتە ئۈسكۈنە ھالىتى (设备状态) كۆرۈنىدۇ.
03.jpg
3) بۇ يەردىن «iso ھۆججىتىنى ئىشلىتىش» 【使用iso镜像文件】 نى تاللاپ، ئاندىن «كۆز يۈگۈرتۈش» 【浏览】كونۇپكىسىنى بېسىپ، Windows7 نىڭ ئوپتىك دېسكا زاپاس ھۆججىتى (*.iso) نى كۆرسىتىپ بېرىمىز.
ئەمدى Windows10 نىڭ iso ھۆججىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن، مەۋھۇم ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچتىن بىرنى قوشىمىز:
4) باش كۆزنەكتىن 【编辑虚拟机设置】نى بېسىپ،مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسىنى تەڭشەش虚拟机设置 كۆزنىكىنى ئاچىمىز.
بۇ يەردىن «قوشۇش» 【添加】كونۇپكىسىنى باسىمىز.
04.jpg

5) مەۋھۇم ئۈسكۈنە قوشۇش يېتەكچى رامكىسى ئېچىلىدۇ. CD/DVD驱动器 نى تاللاپ كېيىنكى قەدەم.
05.jpg

6) بۇ يەردىن «ئوپتىك دېسكا زاپاس ھۆججىتى (iso) نى ئىشلىتىش» 【使用iso镜像】 نى تاللاپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز.
06.jpg

7) 【iso镜像】 رامكىسىنىڭ  ئوڭ تەرىپىدىكى 【浏览】 نى بېسىپ، Windows10 نىڭ iso ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، «تاماملاش» 【完成】 نى باسىمىز.
07.jpg

نەتىجىدە ئىككى دانە ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچ قۇرۇلدى ۋە ئىككى دانە iso ھۆججىتى مەۋھۇم كومپيۇتېرغا تونۇتۇلۇپ تەييار بولدى.
08.jpg
ئەمدى مەۋھۇم كومپيۇتېردا CMOS قا كىرىپ، ئوپتىك دېسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ، ئوپتىك دېسكا ئارقىلىق WinPE نى قوزغىتىپ، سىستېما قاچىلاشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.
ناۋادا بارماقدېسكىدىن قاچىلىماقچى بولساق، يەنى WinPE نى بارماقدېسكىدىن يېتەكلىمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز؟
8) WinPE قوزغاتقۇچ بارماقدېسكىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ، 4)- باسقۇچتىكى مەشغۇلاتنى تەكرارلاپ، مەۋھۇم ئۈسكۈنە قوشۇش يېتەكچىسىنى ئاچىمىز. ئاندىن «قاتتىق دېسكا» 【硬盘】 نى تاللاپ كېيىنكى قەدەم.
09.jpg
9) رەسىمدىكىدەك تاللاپ (فىزىكىلىق قوزغاتقۇچنى مەۋھۇم كومپيۇتېردا ئىشلىتىش) كېيىنكى قەدەم.
10.jpg
10) «ئۈسكۈنە» 【设备】 دىن«فىزىكىلىق قوزغاتقۇچ-1» 【PhysicalDrive1】 نى تاللايمىز، دىققەت: بۇ يەردىكى نۆلىنچى قوزغاتقۇچ باش ئاپپاراتتىكى ئاساسىي قاتتىق دېسكىنى كۆرسىتىدۇ، بارماقدېسكىدىن بىرقانچىسى ئۇلانغان ياكى قوشۇمچە قاتتىق دېسكا ئۇلانغان ئەھۋالدا بۇ يەردىن تاللايدىغىنىمىزمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن.
11.jpg
11) «تاماملاش» 【完成】 نى باسساق، بارماقدېسكا مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ئىككىنچى قاتتىق دېسكا ھالىتىدە ئۇلىنىدۇ.
12.jpg
2. تەڭشەش تاماملاندى، ئەمدى WinPE ئارقىلىق كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ، Win7 نى قاچىلايمىز.
1) CMOS قوزغىلىش تىزىملىكىنى تەڭشەش ئۈچۈن «مەۋھۇم كومپيۇتېر» 【虚拟机】تىزىملىكىدىن «توك مەنبە» 【电源】 تارماق تىزىملىكى ئىچىدىكى «BIOS تەڭشىكىنى قوزغىتىش» 【启动到BIOS设置】 نى باسىمىز.
13.jpg
مەۋھۇم كومپيۇتېر CMOS قاكىرىدۇ:
14.jpg
2) ئادەتتىكى كومپيۇتېرنى تەڭشىگەندەك، بارماقدېسكىدىن ياكى ئوپتىك دېسكىدىن (WinPE قوزغاتقۇچ) قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ، F10 نى بېسىپ ساقلاپ چېكىنسەك، مەۋھۇم كومپيۇتېر قايتىدىن قوزغىلىپ، WinPE قوزغىتىش تىزىملىكىگە كىرىدۇ.
15.jpg

بۇنىڭدىن WinPE نى تاللاپ قوزغىتىمىز. قوزغالغاندىن كېيىنكى ئۈستەل يۈزى:
16.jpg
3) DiskGenius نى ئىجراقىلىپ، قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىۋالىمىز. رايونغا ئايرىش دەرسلىكى: بۇ يەرنى بېسىڭ.
4) ئاندىن【手动运行Ghost】نى قوش چېكىپ، Ghost پروگراممىسىنى قوزغىتىمىز.
17.jpg
【OK】نى بېسىپ، ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىمىز.
18.jpg
5) چىققان كۆز يۈگۈرتۈش رامكىسىدىن Win7 نىڭ iso ھۆججىتى قاچىلانغان مەۋھۇم ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنى تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز.
19.jpg
6) ئوپتىك دېسكا ئىچىدىكى ھۆججەتلەر كۆرۈنگەندىن كېيىن، كېڭەيتىلگەن نامى gho بولغان سىستېما زاپاس ھۆججىتىنى ئىزەپ تاپىمىز. ھۆججەت نامى Windwos.gho ياكى system.gho دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن (ئىشلەتكەن iso ھۆججىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىشى مۇمكىن). باش مۇندەرىجىدە HD-4.gho دېگەن كىچىك سىغىملىق بىر ھۆججەت بار بولۇپ، بۇنى تاللاشقا بولمايدۇ، ھۆججەت سىغىمىغا دىققەت قىلىڭ. سىستېما زاپاس ھۆججىتى ئادەتتە 2GB دىن چوڭراق بولىدۇ. ئەگەر بۇ يەردە كۆرۈنمىسە، Windows ياكى system قىسقۇچىنىڭ ئىچىگە قاراپ بېقىڭ.
20.jpg
7) سىستېما زاپاس ھۆججىتىنى تاللاپ 【open】 نى باسساق بىر ئۇچۇر رامكىسى چىقىدۇ، «جەزملەش» OK نى باسىمىز.
21.jpg
بىرىنچى قاتتىق دېسكىنىڭ بىرىنچى رايونىنى (primary تىپلىق دېسكىنىڭ partition1 نى) تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز.
22.jpg
8) بىر ئۇچۇر رامكىسى چىقىپ جەزملەشتۈرۈشنى سورايدۇ، OK نى بېسىپ جەزملەشتۈرىمىز.
23.jpg

Windows7 نىڭ سىستېما زاپاس ھۆججىتى Windows.gho نى قاتتىق دېسكىنىڭ بىرىنچى رايونىغا يېشىۋاتىدۇ.
24.jpg
9) يېشىپ بولغاندىن كېيىن قايتا قوزغىلىپ، Windows7 نى قاچىلايدۇ.
25.jpg

10) قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن، Windows7 قوزغىلىپ، ئۈستەل يۈزىگە كىرىدۇ.
26.jpg
11) بارماقدېسكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەرنى بۇ سىستېمىغا تونۇتماقچى بولساق، Vmware نىڭ تىزىملىكىدە تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز:
27.jpg



3. ئەمدى Windows10 نى قاچىلاپ، قوش سىستېما قىلايلى!

1) كومپيۇتېرنى قايتىدىن قوزغىتىپ WinPE غا كىرىمىز ۋە بۇ قېتىم Ghost پروگراممىسى ئارقىلىق Win10 نىڭ سىستېما زاپاس ھۆججىتىنى D رايونغا قاچىلايمىز. Ghost نى ئىشلىتىشكە پىششىق بولمىسىڭىز، بارماقدېسكىنى تارتىۋېتىپ مەشغۇلات قىلىڭ، خاتا تاللاپ قويسىڭىز سىستېمىنى بارماقدېسكىغا قاچىلىۋالىدىغان ئىش چىقىدۇ. Win10 قاچىلاشنىڭ مەشغۇلات باسقۇچى يۇقىرىدا Win7 نى قاچىلىغىنىمىز بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. ئوخشىمايدىغان يېرى ئىككى: 5)- باسقۇچتا تاللىغان Win7 نىڭ iso مەۋھۇم ئوپتىك دېسكىسىنىڭ ئورنىغا Win10 نىڭكىنى تاللاپ بېرىمىز ۋە 7)- باسقۇچتا تاللىغان C رايون (يەنى Part1) نىڭ ئورنىغا D رايوننى (يەنى Part2) نى تاللاپ بېرىمىز.
2) gho ھۆججىتى D رايونغا يېشىلىپ بولغاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتماي تۇرۇپ 引导修复 پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىمىز. مەن كۆپ قېتىم سىنىغان ئەھۋالدا، ئوپتىك دېسكىدىن قوزغىلىدىغان WinPE لاردا 引导修复 پروگراممىسى Win10 نىڭ يېتەكلەش ھۆججىتىنى ئوڭشاشنى قوللىيالمايدىكەن، شۇڭلاشقا بارماقدېسكىدىن قوزغىلىدىغان، ئىقتىدارى تولۇقراق بولغان WinPE نى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ياكى قاچىلىنىپ بولغان Win7 نى قوزغىتىپ، PE工具箱 نى  Win7 غا قاچىلاپ، مۇشۇنى قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
28.jpg
3) 引导修复 پروگراممىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، C رايوننى تاللاپ بېرىمىز.
29.jpg
«ئوڭشاشنى باشلاش» 【开始修复】 نى باسىمىز.
30.jpg
يېتەكلەش ھۆججىتىنى ئوڭشاۋاتىدۇ.
31.jpg
تاماملانغاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى قايتىدىن قوزغىتىمىز. قاتتىق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قوزغاتساق، Windows10 ۋە Windows7 نى تاللاپ قوزغىتىش تۈرى قوشۇلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
32.jpg
Windows10 نى تاللاپ قوزغاتساق، بايام يېشىلگەن Win10 قاچىلاش ھۆججىتى ئىجرا بولۇپ، Win10 نى قاچىلاشقا باشلايدۇ.
33.jpg
قاچىلاشقا بىرئاز ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ جەرياندا بىر نەچچە قېتىم قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن، ھەر قېتىم قايتا قوزغالغاندا قوزغىلىش سىستېما تىزىملىكىدىن Windows10 نى تاللايمىز. قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن Windows10 نىڭ ئۈستەل يۈزى ئېچىلىدۇ.
34.jpg
شۇنىڭ بىلەن، كومپيۇتېرغا قوش سىستېما قاچىلاشنى تاماملىدۇق. WinXP، Win7/8/10 لارنى مۇشۇ ئۇسۇلدا خالىغانچە كۆپ سىستېما قىلىپ قاچىلىغىلى بولىدۇ.

مەنبە: بوستان كومپيۇتېر تېخنىكا سالونى
35.jpg

9ئادەم ئىنكاس يازدى

abdisalam@ ۋاقتى: 2018-1-30 14:44:51
تېما ئىگىسىگە رەھمەت ،سۇراپ باقسام win8 ۋە win10  نى قوش سېستىما قىلىپ قاچىلاشقىمۇ بولامدۇ؟
esir ۋاقتى: 2018-1-30 15:06:56
abdisalam@ يوللىغان ۋاقتى  2018-1-30 14:44
تېما ئىگىسىگە رەھمەت ،سۇراپ باقسام win8 ۋە win10  نى قوش سېس ...

بولىدۇ
ئىقرار ۋاقتى: 2018-1-30 16:16:15
دوسلار  ھەممىڭلارنىڭ ئارام كۈنلىرىڭلار خەيرىلىك بولسۇن.
ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار. مېنىڭ كومپيۇتېرىم مېنىڭ WINDOWES يەتتىدىن يۇقىرى سىستېمىنى قوللىمايدۇ ، نېمە
سەۋەبتىن؟  Windows سەككىز  windowis ئون دېگەننى قەتىي قاچىلىيالمىدىم. بىرىنچى باسقۇچ تاماملىنىپ ، كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىپ سېستىما يېيىش ھالىتىگە ئۆتكەندە يايماي قارا ئېكران بولۇپ تۇرىۋالىدۇ.
nabijan ۋاقتى: 2018-1-30 17:19:41
Windows7 نىڭ يېنىك نۇسقىسى كىمدە بادۇ؟ بولسا قېرىنداشلار بىر يوللاپ قويداڭلار
subat118 ۋاقتى: 2018-2-1 01:26:35
تېما  ئېگىسى ، linux  بىلەن windows  نى قوش سېستىما قىلىپ قاچىلاشنى بىلسىڭىز ،  ياردەم  قىلىڭ ،  ھەق  دېسىڭىز  ھەق بېرەي ،
2548063799 ۋاقتى: 2018-2-1 18:14:50
ئەجرىڭىزگە بەك كۆپ رەھمەت. ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندىم ، سىزدىن  مۇشۇ ئىشنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقتىڭىز كەتكەندۇ؟ ئاز دېگەندە ئۈچ تۆت سائەت. سىزگە بەك كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ، كۆپچىلىككە ۋاكالىتەن  مۇمكىن بولسا مۇشۇ نىڭ تەپسىلىي دەرسلىكى بارمىدۇ؟
esir ۋاقتى: 2018-2-1 21:54:56
subat118 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-1 01:26
تېما  ئېگىسى ، linux  ب&#160 ...

ئۇمۇ بولۇپ قالار، ھەق كېرەك ئەمەس، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.
tanha8848 ۋاقتى: 2018-2-3 14:56:51
تىلەك ۋاقتى: 2018-2-4 00:27:23
مەۋھۇم كومپىيۇتېرغا ئەمەس ھەقىقى كومپىيۇتېرغا قاچىلاشنى ئۈگەنگۈم باتتى، دەرسلبكى بارمىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部