+تېما يوللاش
رىۋايەت يوللانغان ۋاقتى:2018-1-29 19:10 5258 قېتىم كۆرۈلدى 36 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىۋايەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-29 19:46  

شىياۋمى ئائىلىسى بولسا شىياۋمىنىڭ ئىگە تەرەپتىن ئاچقان بىۋاستە سېتىش  ۋە شىياۋمى مەھسۇلاتلارنى سىناش دۇكىنى  بولۇپ ،بارىلىق مەھسۇلاتلار توردىكى باھاسى بىلەن ئوخشاش ،سېتۋالغان نەرسىلىرىڭىز شىياۋمى ھېساباتىدا شىياۋمى تور سودا سارىيىدىن سېتۋالغاندەك نومۇرىڭىزغا خاتىرلىنىپ ماڭىدۇ .

timg.jpg

شىنجاڭدا نۇرغۇن شىياۋمى مەستانىلىرى بار ،بولۇپمۇ شىياۋمى تېلفونىغا ئۇيغۇر تىلى قوشۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭدا شىياۋمى ئىشلەتكۈچىلىرى زور دەرجىدە ئاشقان .
شىياۋمى ئائىلىسى بۇرۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىلا بولۇپ شىنجاڭدا يوق ئىدى ،شىياۋمى شىركىتى شىنجاڭ شىياۋمى ئىشلەتكۈچىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇنجى شىياۋمى ئائىلىسى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى ئاچتى .

mmexport1517221925122.jpg

بۇنىڭدىن كېيىن شىياۋمى تورىدىن مال سېتىۋالساق شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغابىۋاستە ئۈرۈمچىدىن مال سالىدۇ ،ئۈرۈمچىدىكى دوسلار شىياۋمى مەھسۇلاتىنى بىۋاستە ئۈرۈمچى شىياۋمى ئائىلىسى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن سېتۋالالايدۇ .
2018-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى MIUIكۇلۇبىدىكىلەر ئۈرۈمچى شىياۋمى ئائىلىسى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق .
پائالىيەت ناھايىتى قىززىدى ،ھاۋاشۇنچە سوغوق بولسىمۇ نەچچە يۈزگە يېقىن شىياۋمى مەستانىلىرى يىغىلىپ پائالىيەت مەيدانىنى ناھايىتى قىززىتىۋەتتى .
تۆۋەندە پائالىيەت جەريانىدىن كۈرۈنۈشلەر:
mmexport1517221957994.jpg

mmexport1517221887316.jpg

mmexport1517199250259.jpg

mmexport1517221941014.jpg

mmexport1517221938545.jpg

mmexport1517221933587.jpg

mmexport1517221930516.jpg

mmexport1517221947000.jpg

mmexport1517221965235.jpg

mmexport1517221968180.jpg

mmexport1517221972477.jpg

mmexport1517221954595.jpg

ئۈرۈمچىدىكى شىياۋمى مەستانىلىرى ۋاقتىڭلار چىققاندا بېرىپ ئۈرۈمچى شىياۋمى ئائىلىسى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ كەلسەڭلار بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شىياۋمى ئائىلىسى ئادىرسى :
شىىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى گۇچۇڭ يولى دېىخۇي يولى720نومۇر ۋەندا سودا مەيدانى Dبىنا1-قەۋەت1009نومۇر
ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق شىياۋمى مەستانىلىرى بولسا   ئۈرۈمچى شىياۋمى MIUIكۇلۇبىغا  ئەزا بولۇپ شىياۋمىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشساڭلار بولىدۇ



ئۈرۈمچى شىياۋمى  MIUIكۇلۇبىQQ توپى نۇمۇرى:

120340332

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى!

36ئادەم ئىنكاس يازدى

热合曼江 ۋاقتى: 2018-1-30 12:26:27
andmier يوللىغان ۋاقتى  2018-1-29 23:43
16-چىسلا تاۋباۋ شياۋمى دۇكندىن شىياۋمى نوت ئۇچتن بىرنى  ...

مەنمۇ  نەخ  مۇشۇ  تىلفۇننى  سالدۇغان  مىنىڭ  شۇ يوللانمىدىن  ماڭغان ئەمما  مەن تۇرۇشلۇق  يىزىدا  ئۇ  يوللانما  يوقكەن شۇنىڭ  بىلەن  پوشتىغا يۆتكەپ  بىرىپتىكەن  سىز  مال  ساتقۇچى  بىلەن  ئالاقىلاشسىڭىز  يىڭى  مال  نۇنۇرىنى   يوللاپ  بىرىدۇ شۇ  ئارقىلىق سۈرۈشتە  قىلسىڭىز  بۇلىدۇ  

ئىزلەپ ۋاقتى: 2018-1-29 19:16:43
ياخشى ئىش بوپتۇ ، مەن قوشلۇش ئىلتىماسى سۇندۇم ، بىر كۇنى ئاتايىن بېرىپ ئايلىنىپ كېلىمەن
2635210282 ۋاقتى: 2018-1-29 19:17:54
ۋاھ  ۋاھ   ،5 كۆز  بىلەن  كۈتكەن  ئىدىم   ،ئاخىرى  شىئاۋمى  ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەپتۇ  دە ،ئاخىرى  شىئاۋمى  تېلفۇنلارنىڭ  يېڭىسىنى  قۇلىمىزدا  تۇتۇپ  بېقىپ  سېتىۋالىدىغان بوپتۇق  دە .
ئاتەش11 ۋاقتى: 2018-1-29 19:38:24
ئېسىل  بۇنىڭدىن كېيىن شياۋمى يانفونى سېتىۋالساق ئۆز رايونىمىزدا سېتىۋالالايدىغان بولۇپتۇق  دە.
TANHA77 ۋاقتى: 2018-1-29 19:51:05
ۋاھ شىياۋمى ئائىلىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. شىياۋمى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش كۆپ قۇلايلىق لاشقۇدەكتە.
مۇشۇنداق ياخشى خەۋەرلەرنى ئۇزۇپ قويماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-1-29 19:53:42
6- ئايدا ئۈرۈمچىگە چىققاندا جۇڭسەندىكى يانفۇن شەھەرچىسىدىن شىياۋمى note 4x تىن بىرنى سىتىۋالغان ، بۇ يىل يەنە چىقىشقا توغرا كىلىپ قالدى ، نىسىپ بولسا چىقىپ كىرەمەن ، قايسى يولنىڭ ئاپتوبۇسى ماڭىدىغاندۇ شىياۋمى شەھەرچىسىگە يىقىنراق يەرگە ،
uyghur26 ۋاقتى: 2018-1-29 20:44:51
بەك ياخشى بوپتۇ ،بەك ئىسىل ئىش بۇلۋاتىدي
ALimjaNAA ۋاقتى: 2018-1-29 21:07:44
ۋاي ۋاي ئالامەت ئىش بوپتا جۇما ماڭا ئوخشاش شاۋمى مەستانىلىرىگە
hopujan ۋاقتى: 2018-1-29 21:15:03
oppo  weiwo, ماۋۇ ئىككەيلەن تىپىرلاپ  كېچىسى يوتقىنىنى يىرتىۋىتەمۇ ئەمدى  ھەييى ئامال قانچە،،،،
emnjan5 ۋاقتى: 2018-1-29 23:07:28
بەكمۇ ياخشى بوپتۇ
tetir ۋاقتى: 2018-1-29 23:22:23
قەشقەر تەرەپتىمۇ پاتراق ئېچىلسا بولاتتى
misken ۋاقتى: 2018-1-29 23:28:14
شىياۋمى  7  نى  ساقلاپ  تۇرغان   ئاشۇ  يەردىن  بىۋاستە  سىتۋالسام  بولامدۇ  نىمە  .
andmier ۋاقتى: 2018-1-29 23:43:07
16-چىسلا تاۋباۋ شياۋمى دۇكندىن شىياۋمى نوت ئۇچتن بىرنى ئالغان ئۇرۇمچىدىن ساپتكەن،宅急送دىن ساپتكەن ھازىرغچە كەممدى قانداق قىلسام بولار يول كۆسەتساڭلار
subat118 ۋاقتى: 2018-1-30 00:22:13
ئېسىل  ھېي ،  ياشاپ  كەت  شىياۋمى ،  مەن سانجىدا ئوقۇيمە ، پات پات  بېرىپ تۇرسام  
بولغۇدەك  ،  راستىنلا  بەك خوش  بولدۇم  
KUMDIYAR ۋاقتى: 2018-1-30 00:42:45
ئەگەر شىياۋمى شىنجاڭ ئىچىدە ھەر قايسى ناھىيە شەھەر ئىچىدە تارماق دۇكاندا ئاچسا مەن چۇقۇم شىياۋمىنىڭ بىر تارماق دۇككىنى ئاچىمەن

123 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部