+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-1-29 16:28 2292 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاندرويد سىستېمىلىق يانفون ئىشلەتكۈچىلىرى ئاندرويدتىن ۋاز كېچىپ، ئالما يانفون سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. بۈگۈنگە كەلگەندە ئەكسىچە ئەھۋال كۆرۈلدى. بازار تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، ئالما يانفون ئىشلەتكۈچىلىرى ئاندرويدقا كۆچۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ ئەھۋال دۆلىتىمىزدە ئېغىر.
ئۇنداقتا ئىشلەتكۈچىلەر نېمىشقا ئالمىدىن ۋاز كېچىپ، ئاندرويد سىستېمىلىق يانفوننى تاللايدۇ؟

4353f1f6423c35736ed43ee33366f323x790x526x43_jpeg;,3,jpegx;3,700x.jpg

1. ئايفون قوش كارتىلىق ئەمەس.
دۆلىتىمىزدىكى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمىتى، كۆچمە تور ئېقىمى باھاسى، تېزلىكى، سۆزلىشىش يۈرۈشلۈكىنىڭ پەرقى ۋە خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجىدىن كۆپ قىسىم كىشىلەر قوش كارتىلىق يانفون ئىشلىتىدۇ. ئايفون ئىزچىل قوش كارتىلىق يانفون چىقارمىدى. ھەر قېتىملىق يېڭى ئايفون بازارغا سېلىنىش ئالدىدا ئايفون 7 قوش كارتىلىق چىقىدۇ، ئايفون 8 قوش كارتىلىق چىقىدۇ، ئايفون 10 قوش كارتىلىق چىقىدۇ ... دەيدىغان خەۋەر تورنى بىر ئالىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە يەنە بۇرۇنقىدەك تاق كارتىلىق.

2. دۆلىتىمىزنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك يانفونلىرى بارغانسىرى ياخشى بولۇپ كەتتى.
ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ يانفونلىرى بارغانسىرى ياخشىلاندى. مەيلى سەپلىمە، مەيلى سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن ئايفوندىن قېلىشمايدۇ. سىستېمىسىمۇ بارغانسىرى راۋان، ئىقتىدارلىق بولۇپ كەتتى. ئەمما ئايفوندا چوڭ ئۆزگىرىش يوق.

d68e029e31a9a890b993da886012b39fx790x494x27_jpeg;,3,jpegx;3,700x.jpg

3. ئايفوننىڭ باتارىيەسىنىڭ توكى يەتمەسلىك مەسىلىسى.
ئايفون باتارىيەسىنىڭ سىغىمى يۇقىرى ئەمەس، ئازراق ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كېيىن بىر كۈندە ئىككى قېتىم زەرەتلەشكە توغرا كېلىدۇ، ياكى توكداننى كۆتۈرۈپ يۈرۈشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندىن بېرى بىرەر يىل ئىشلەتكەن ئايفوننىڭ تېزلىكىنى قەستەن ئاستىلىتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى يېڭى ئايفون سېتىۋېلىشقا ياكى باتارىيە ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇرلاپ، ئالما مەستانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. نۇرغۇن دۆلەتتە مۇشۇ سەۋەبتىن ئالما شىركىتى ئەرز قىلىندى.

fccc9fba70fa4bf24b564909c811482bx750x520x39_jpeg;,3,jpegx;3,700x.jpg

4. ئاندرويد يېڭىلانغانسىرى راۋانلىشىپ، ئىلغارلاشتى؛ ئالما iOS يېڭىلانغانسىرى ئېغىرلاشتى.
ئالما يانفوننىڭ كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلدىغان يېرى ئۇنىڭ سىستېمىسنىڭ راۋانلىقى، قاتماسلىقى. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى يېڭىلانغان iOS سىستېمىسى بۇرۇنقى ئالما ئۈسكۈنلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتتى. ئالما ئۈسكۈنىلىرىنى بۇرۇنقىدەك راۋان ئىشلىتىمەن دېسىڭىز ئۆزلۈكسىز يېڭى نۇسخىسنى سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك.
ئاندرويد سىستېمىسى ئەكسىچە يېڭىلانغانسىرى راۋانلىشىپ، «قېتىش» ئەھۋالىغا خاتىمە بەردى. بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى كونا يانفونغا يېڭى ئاندرويد سىستېمىسنى قاچىلىسا راۋان ئىجرا بولىدۇ.

9ئادەم ئىنكاس يازدى

رۇھ ۋاقتى: 2018-1-29 16:33:56
مەنغۇ ئەزەلدىن ئالمىغا ھەۋەس قىلىپ باقمىغان.لىكىن ۋىندۇۋىسفۇنغا ھەۋەس قىلىپ ئىككى قېتىم ئىشلىتىپ باقتىم.ۋىندۇۋىس 7.8 ۋە ۋىندۇۋىس 8.1
日记 ۋاقتى: 2018-1-29 16:49:44
ئاندرويد سىستىمىسى ئالما iOsسىستىمىسىغا قارغاندا قولايلىق
KARWA5938 ۋاقتى: 2018-1-29 16:55:32
راس دەيسىز ،ھازىرقى قايسى ئاندىرويىد سېستىمىلىق تىلپۇن ئالما تىلپۇندىن تۆۋەن. مەنغۇ زادىلا كۆنەلمەيمەن مۇشۇ ئالما دىگەن ماركىغا ،مەنمۇ بىر ئىككى ئاي ئالما ئىشلىتىپ كۈنەلمەي ،ئاندىروىيد ئىشلىتۋاتىمەن ،تېخى قىممەتلىگى تىلپۇنى ،يەنىلا دۆلىتىمىزنىڭ بايراقدار تىلپۇنلىرى نوچى ،
جاھاندار ۋاقتى: 2018-1-29 16:59:52
مەنمۇ ئالمىنىڭ تۇكىنى پەقەت ياقتۇرمايمەن ، تېلفۇن بىلەن توكدان تەڭ كۆتۈرۈپ ماڭمىساق بولمىسا، ئۇيغۇرچىنى مۇ چىرايلىق تۇنۇمايدۇ، سېستمىسىغىۇيامان ئەمەستى بولمىسا
んì丫ǎしíℳ ۋاقتى: 2018-1-29 17:30:23
جاھاندار يوللىغان ۋاقتى  2018-1-29 16:59
مەنمۇ ئالمىنىڭ ت ...

سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز قايسى تىپتىكى تېلىفۇن ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق تۇنۇمايدۇ دەيسىزغۇ ؟ مەن2014يىلىدىن تارتىپ ئالما ئىشلىتىۋاتىمەن ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق تۇنۇمايدىغان ئالما  تېلىفۇننى ئۇچرۇتۇپ باقمىدىم
xereli132 ۋاقتى: 2018-1-29 21:27:44
تىم كوك  ئەمدى جۇڭگو بازىرىدا باھا ئۆستۈرگىنىگە پۇشايمان قىلىدىغان بولدىدە .(زاڭلىق ئارلاش كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
alim0997 ۋاقتى: 2018-1-30 12:12:11
ناھايىتى توغرا ،مەنمۇ ئالمىدىن ئاندىروئدقا كۆچتۈم
سالچى ۋاقتى: 2018-1-30 15:32:06
ئالما  ئالتە پىلوستىن بىرسى باتى  تەتىلدە  ئىشلىتىپ تۇرغىن دەپ بالامغا بەرسەم   ئويان  چوشۇروپ ئويناپتىكە  بىرئوياننى ئاچالماپتۇ   چچدا  بىرسى ياردەم قىلاي دەپ  ئەيدى  مىما سالىدىغان يەرگە  ماۋۇ نومۇرنى سالغىن دىسە  بالام  ساپتۇ  شونىڭ بىلەن  ئەيدىنىڭ  مىمىسىنى ئوزگەرتىۋىتىپ پول بەرسەڭ مىمانى دەپ بىرىمە دەپ تۇرۋاپتۇ بالام پول بەرمىگەندىنكىيىن  تورغا چىقىپ  تىلپونوم يوتتى دەپ مىمانى سېلىپ تىلپۇننى توختىتىۋەتتى  مىمانى دەپ بەر دىسەم 200  كوي دەيدۇ   يوزكويغا دىيىشىپ   پولنى بەرسەم  يەنا  پول  دەيدۇ  بەك ئەخمەق قىلىپ كەتتى مىنى   تىلپۇننى ئاچىدىغان باشقا ئامال بامو  بىلسەڭلا ھەقلىق   ياردەم قىلساڭلامو مەيلىتى   چچ  نومۇرۇم  2921867347
Ãℳℜ❣k❣ℳ ۋاقتى: 2018-2-7 02:09:06
ئاندرويىد يانفۇنلا راسلا ئادەمنى بەك رازى قىلىدۇ ئەزەلدىن ئالمىغا قىزىقىپ باقمىدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部