+تېما يوللاش
世上无难事 يوللانغان ۋاقتى:2018-1-29 15:01 2719 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
150102qrap5lkmomasbmmr.jpg
كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق سەزگۈرەشتىسى بولىدۇ ، چىقىمداننى خېلى ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، ئىزچىل نورمال ئىشلىتىپ، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن دېگەندەك ھادىسىلەر كۆرۈلۈپ باقمىغان بولسىمۇ ، لېكىن كۈنجۈت نومۇر يەنىلا يا بىر نۇمۇر ياكى ئىككى نۇمۇر ئۆرلەپ ، يا بولمىسا بىر نەچچە ئاي مىدىر - سىدىر قىلماي ، كىشىلەرنىڭ بېشنى بەك ئاغرىتىدۇ .
كەمىنىنىڭ خۇلاسىلەپ چىققان سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
چىقىمدان ھەر ئايدىكى ئىستىمال سوممىسى بەك ئاز ؛
ھەر ئايدىكى پۇل ئىستىمال سوممىسى تۇراقسىز ھەم پەرق بەك چوڭ ؛
چىقىمداندا ساقلىغان  پۇل بەك ئاز بۇلۇش .
خۇابېيدىن چىقىم قىلغان پۇلنى قايتۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ؛
توردىن ئالغان قەرز بەك كۆپ ، ھەر ئايدا چىقىمى بىلەن كىرىمى ئوڭ تاناسىپ بولماسلىق؛
سىزگە ئالاقىدار تور قەرزى بەك كۆپ بولسىمۇ، چىقىمدان تەرىپىدىن خاتا ھالدا سىزگە ھەددىدىن زىيادە پۇل كېرەك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرز قايتۇرۇش بېسىمى بەك چوڭ ، شۇڭا چىقىمدان  قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرالماي قېلىشىڭىزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىزگە مايى جېي بېينى ئېچىپ بەرمەيدۇ.

سىزنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىڭىز چىقىمدان بىلەن مۇناسىۋەتلىك .ئادەتتە بىز ھەر ئايلىق ئىش ھەققىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە چىقىمداننىڭ قالدۇقدانغا كۆپرەك سېلىپ،
چىقىمدان ئارقىلىق يەنە ئىناۋەتلىك كارتىڭىزنىڭ قەرزى ۋە ئۆينىڭ تۇرمۇش ھەققى (يەنى توك،سۇ،گاز)قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇش ، پەقەت ئىناۋەتلىك كارتا ۋە تۇرمۇش ھەق تاپشۇرۇش ھېسابات خاتىرىسى بىر قەدەر كۆپ بولسا ئاساسەن خۇابىي ۋە مايى جېي بېي مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بۇلۇش قىيىن ئىشمۇ ئەمەس .
بىز قالدۇقدانغا پۇل قويساق ئادەتتەئۈچىنچى كۈنىدىن باشلاپ  قويغان پۇلنىڭ ئازكۆپلىكىگە قاراپ پايدا ئايرىپ بېرىدۇ ، پۇل قويۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا چىقىمدان سىزنىڭ پۇل قايتۇرۇش ئىقتىدارىڭىز باردەپ قاراپ، مايى جېي بېي مۇلازىمىتىنى ئېچىپ بېرىشى ۋە پەللىمۇ پەللە قەرز بېرىش سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ.
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ،يۇسى باش بەت خەۋىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئەسلى يازما تورئادېرسى:
http://a.mp.uc.cn/article.html?uc_param_str=frdnsnpfvecpntnwprdssskt&client=ucweb&wm_cid=203637199320385536&wm_id=b90789505fed48998d5c2e57094d9ae1&pagetype=share&btifl=100&wm_aid=01732d10a123459f8d098c02c21b466b

16ئادەم ئىنكاس يازدى

☂↖KuLaNG.Ga↗ ۋاقتى: 2018-1-29 15:58:05
ياخشىمۇسىلەر تۇرداشلار   ماڭا بىر ياردەم قىلغان بۇلساڭلار خۇابېيدىن ئالغان پۇلنى قانداق ئۇسۇلدا قايتۇرىمىز ياردەم قىلساڭلار
رەھمەت
abduxkur0998 ۋاقتى: 2018-1-29 16:13:38
ناھايىتى ياخشى بىلشكە تىگىشلىك تىمدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز، رەھمەت سىزگە،جاپا چەكمىگەيسىز.
ئاتەش11 ۋاقتى: 2018-1-29 16:17:28
ئېسىل تېما بولۇپتۇ  مېنىڭكى دەرىجەم نېمىشقا ئۆسمەيدىكىن دەپتىمەن تېخى. رەھمەت  تېما ئىگىسى.
玉素甫。巴拉提 ۋاقتى: 2018-1-29 17:06:30
خۇابېيدىن ئالغان پۇلنى 12 ئايغا بۆلۈپ تاپشۇردىغان بولغان ھازىر  ھەممىنى بىراقلا تاپشۇرۋەتسەم بولامدۇ، ھەممىنى بىراقلا تاپشۇرۋەتسەم كيىن يەنە قەرىز ئالغىلى بولامدۇ،
mhd ۋاقتى: 2018-1-29 17:19:58
بانكا كارتىسى بىلەن ئىناۋەتلىك كارتا ئىككىسى ئىككى كارتىما ، ئىناۋەتلىك كارتا بولمىسا قەرز ئالغىلى  بولمامدۇ؟
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-1-29 18:40:25
玉素甫。巴拉提 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-29 17:06
خۇابېيدىن ئالغا& ...

قەتئى بولمايدۇ ، ھەر ئايلىقنى  ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ تولۇق 12 ئاي
تاپشۇرۇڭلا ، بۇرۇن قايتۇرۋەتسەڭلار ئۇلار پەقەت خوش بولمايدۇ ،
چۈنكى ئۇلارنىڭ سىلە ئالغان قەرزدىن ئالىدىغان ئۆسۈمى ئازلاپ
كىتىدۇ ئەمەسمۇ ، بۇرۇن قايتۇرۋەتسەڭلا خۇابىنى تاقاپ قويىدىغان
ئىشلار چىقىدۇ
esir ۋاقتى: 2018-1-30 13:44:55
ئاتەش119 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-29 18:40
قەتئى بولمايدۇ ، ھەر ئايلىقنى  ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ تولۇق ...

ئۇنداق بولمايدۇ. مەن 10 مىڭ يۈەننى 12 ئايغا بۆلۈپ قەرز ئالغان، يېرىم يىلدىن كېيىن ھەممىنى قايتۇرۇۋەتتىم. شۇنى قايتۇرۇۋېتىشىم بىلەن تەڭ، جيېبى ئىناۋىتىمنى 17 مىڭغا كۆتۈرۈپ بەردى.
salaydin. ۋاقتى: 2018-1-30 14:37:13
مەن  خۇابېيدىكى  پۇلغا  نەرسە سېتۋىلىپ  پۇلنى  ۋاقتىدا  قايتۇرماي ، ئەسلىدىكى ئىناۋەت نۇمۇرى 612دىن 555غا چۇشۇپ  قالدى  ھەم  خۇابېي توڭلاپ قالدى  ،  ئەسلىگە ئەكېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
jula520886 ۋاقتى: 2018-1-31 00:21:22
ھەي  مەننېمەدەي  بەكلا ئىسىل مەزمۇن لار يوللۇنېدېكە  ئالپ توردا  
3131446363 ۋاقتى: 2018-1-31 09:37:46
esir يوللىغان ۋاقتى  2018-1-30 13:44
ئۇنداق بولمايدۇ. مەن 10 مىڭ يۈەننى 12 ئايغا بۆلۈپ قەرز ئ ...

ھەرگىز توختىتىپ قويمايدۇ،. ئەكسىچە قەرىز قايتۇرۇش ئىقتىدارى بار دەپ دەرىجىنى تىخىمۇ يۇقىرىلىتىپ بىرىدۇ.
ئاقگۈل ۋاقتى: 2018-1-31 15:04:49
ياخشى مۇسىلەر   دوسلار  جىفۇباۋ دىكى پۇلنى بانكا كارتىغا  يۈتكىسە  بۇرۇن    20000غا  يەتمىسە   مۇلازىمەت   ھەققى  تۇتۇۋالماييتتى  مۇشۇ يىقىندىن  باشلاپ  ئۈندىدار   غا  ئوخشاش  0.1%بۇيىچە  مۇلازىمەت  ھەقققى   تۇتۇۋالىدىغان  بۇلىۋاپتۇغۇ   بۇ  قانداق ئىشتۇ باشقا ئامال بامىدۇ مۇلازىمەت ھەققى تۇتماي پۇل يۈتكەيدىغان     بىلىسىغانلار بۇلسا ياردەم قىلساڭلار
anwar0998 ۋاقتى: 2018-1-31 21:34:08
ئاقگۈل يوللىغان ۋاقتى  2018-1-31 15:04
ياخشى مۇسىلەر   د&#160 ...

3  يۈەنگە  ئىككىلىك كود سېتىۋالسىز ئاندىن پۇل تۇتمايدۇ كارتىغا چىقارسىڭىز
ئەخمەت@ ۋاقتى: 2018-1-31 23:01:59
مىنىڭ نىمىشقا توختاپ قالدىكى دىسەم ئەسلى قەرىزنى ۋاختىدا قايتۇرمىغاننىڭ جازاسى ئىكەن ئەمەسمۇ  قانداق قىلغاندا كۈنجۈت نۇمۇرنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ
ئاقگۈل ۋاقتى: 2018-2-1 20:42:57
مەن  سېتۋالغان ئىككىلىك  كودنى  ئۈچ يۈەنگە  قەيسى كۈنى كەلگەن   لىكىن ئۇنى قانداق قىلىپ قالدۇقدىكى پۇلنى يۈتكەشنى بىلەمممىدىم   شۇ   بىلىدىغانلار بۇلسا   ياردەم قىلىڭلار
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部