+تېما يوللاش
007_alijan يوللانغان ۋاقتى:2018-1-29 11:30 4262 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالىپ تورىدىكى دۇسلار ياخشىمۇ سىلەر .

ئۈندىدار ئەترىتى ھازىر ئۈندىدارنىڭ كىيىنكى يېڭى نەشىرنى تارقاتماقچى ، يەنى ئاندرويد نەشىرى 6.6.2 ۋە ئالما نەشىرى 6.6.3 قاتارلىق . (ھازىر تېخى ئىچكى سىناق ھالەتتە) سىلەرنى ئالدىن خەۋەردار قىلغاچ تۇراي ...

112937dxc43nxnrcz6r4z8.jpg

ئاۋۋال بۇ يېڭى نەشىردە قۇشۇلغان يېڭى ئىقتىدارلارنى كۈرۈپ باقايلى ...


ئەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېڭى قۇشۇلغان چوڭ بىر ئىقتىدار بولسا 切换账号   ، يەنى ئۈندىدار ھىساۋات نۇمۇرىنى ئالماشتۇرۇپ ئېچىش .

بۇ ئىقتىداردىن پايدىلنىپ تىلفۇنىڭىزغا ئىككى ئۈندىدار قاچىلىماي تۇرۇپمۇ  بىر دانە ئۈندىداردىلا  ئىككى دانە ئۈندىدار ھىساۋات نۇمۇرىنى ئالماشتۇرۇپ ئاچقىلى بولىدۇ .

ئۈندىدارىڭىزنى سالونىمىز تەمىنلىگەن ئادىرىستىن يېڭىلىغاندىن كىين تەڭشەك 设置 غا كىرسىڭىز ئەڭ ئاستىدىن سانىغاندا  ئىككىنجىسىدە  切换账号 دىگەن يېڭى بىر تۈرنىڭ قۇشۇلغانلىقنى كۈرىسىز .

تۈۋەندىكىدەك :

112950du9eby5ypuuf9upg.jpg

مۇشۇ 切换账号 ، ھىساۋات ئالماشتۇرۇش دىگەننى باسقاندىن كىيىن تۈۋەندىكىدەك چىقىدۇ

112952ci946nr4xjxxwc69.jpg
رەسىمدىنمۇ كۈرىۋېلىشقا بۇلىدۇ . سول تەرەپتىكىسى ھازىر ئېچىقلىق ئۈندىدار ھىساۋات نۇمۇرى ،

ئەمدى سىز يەنە بىر ئۈندىدار نۇمۇرىڭىزنى ئاچماقچى بولسىڭىز ئوڭ تەرەپ ئىستىرىلكا كۆرسەتكەن ھىساۋات ئالماشتۇرۇش دىگەن قۇشۇش بەلگىسى بار يەرنى باسسىڭىز ئۈندىدار ھىساۋات نۇمۇرىنى ئېچىش باش بىتى ئېچىلىدۇ . ئاندىن سىز يەنە بىر ئۈندىدار نۇمۇرىڭىز ۋە مەخپى نۇمۇرىڭىز ئارقىلىق يەنە بىر ئۈندىدار نۇمۇرىڭىزنى ئاچسىڭىز بولىدۇ .


ئىككى ئۈندىدار نۇمۇرنى تەڭ ئېچىپ بولغاندىن كىيىن سىز يەنە ئۈستىدىكىدەك 切换账号 ئىقتىداردىن پايدىلنىپ ئىككى ئۈندىدار ھىساۋات نۇمۇرىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ ئېچىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .


بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۈندىدارغا باشقا كىچىك ئۆزگەرتىشلەر ۋە يڭىلىنىشلا قۇشۇلغان ،

1-  بۇرۇن ئۈندىدارىڭىزنىڭ 发现 دىگەن يەردىكى بەزى ئىقتىدارلارنى ئېچىش ۋە ئىتىش ئۈچۈن ئۈندىدارڭىزنىڭ تەڭشىكىدىن 设置—通用—功能 دىگەن ئۇرۇنغا كىرىپ تەڭشەش كىرەكتى .

ھازىرقى يېڭى يېڭى  نەشىردە 发现管理 دەپ ئايرىم ئىقتىدار قۇشۇلغان بۇلۇپ مەخسۇسز 发现 دىگەن يەردىكى ئىقتىدارلارنى تىز تىز ھالەتتە ئىتىش ، ئېچىش قاتارلىق تەڭشەكلەرنى ئېلىپ بارالايسىز . ئۈندىدارنى يېڭىلىغاندىن كىيىن 设置—通用—发现管理 دىگەن يەرگە كىرسىڭىز

تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك .


112954ulvp56w6n5en1v6k.gif
2-   بۇ قېتىم ئاندرويد نەشىرگىمۇ ئۈندىدار دا ھۇقۇق بىرىلگەن بەزى ئەپلەرنى باشقۇرۇش ، باغلاقتىن چىقىرۋىتىش ئىقتىدارى قۇشۇلدى . يەنى بۇ ئىقتىدار 授权管理،

بۇ ئىقتىدار ئاللىبۇرۇن ئالما نەشىرگە قۇشۇلغان بولسىمۇ ئەمما ئاندرويد نەشىرگە تېخى ئەمدى قۇشۇلدى .

ئۈندىدارڭىزنى يېڭىلىغاندىن كىيىن تەرتىپ بۇيىچە 设置—隐私—授权管理 مۇشۇ تەڭشەككە كىرىپ ئۈندىدرىڭىزنى باغلىغان بەزى ئەپلەرنى تەكشۈرۈلەيسىز ۋە باغلاقتىن چىقىرۋىتەلەيسىز


112956a6kcssg6u674heg4.jpg
يۇقۇرقىدەك قارايدىغان بولساق مەن ئۈندىدارىمنى نۇرغۇن ئۈزۈممۇ بىلمەيدىغان ئ‍ەپلەر ۋە سالونلار غا  باغلاپ قۇيۇپتىمەن ،،، شۇڭا مەن بىلمەيدىغان ، ئىشلەتمەيدىغان ئەپلەردىن ئۈندىدار باغلاقنى يىشىۋەتسىڭىز بولىدۇ .

ئۇسۇلى : رەسىمدىكى ئۇرۇندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى 管理 نى بېسىپ ئاندىن 删除 دىگەننى بېسىپ چىقىرىۋەتسىڭىز بولىدۇ .


3-  ئۈندىدار دوسلار چەمبىركى ، سالون ، توپلاردىن قويغان ئاۋازلىق ئەسەر ۋە ناخشىلار بىۋاستە قويغۇچ ھالەتتە  تىلفۇنىڭىزنىڭ ئۇقتۇرۇش مەركىزىگە چىقىپ تۇرىدۇ .

بۇنداق بولغاندا زۈرۈر ئەھۋالدا ئۈنداردىن قۇيۇلىۋاتقان ناخشىنى بىۋاستە ئۈندىدارغا كىرمەي تۇرۇپمۇ توختىتالايسىز ۋە كىيىنكىسىگە ئۆتكىزەلەيسىز ..

بۇرۇنقى نەشىرلىرىدە بولسا ئۈندىداردا ناخشا قۇيۇپ قۇيۇپ باش ئېكرانغا قايتىپ كەتكەندىن كىين بۇ ناخشىنى توختىتىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۈندىدارنى ئېچىپ ئاندىن ئۈندىدارڭىزنىڭ ئەڭ ئۈستىدە 正在播放。。。 دىگەننىڭ ئىچىگە كىرىپ ئاندىن توختىتىش كىرەك ئىدى . بۇ يېڭى نەشىردە ھاجەتسىز .

112959wj9d29uxpll7ll9j.jpg

ھازىرچە مەن بايقىغان يېڭى ئ‍ىقتىدارلار مۇشۇلار ... قالغاننى يەنە ئالدىرماي سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي ...

ئەمىسە بۇ يېڭى نەشىرنى ئالدىن ئىشلىتىپ كۈرۈشنى خالايدىغان دوسلار بولسا

ئاندرويد تىلفۇن ئىشلىتىدىغان دوسلار بۇ ئادرسىتىن چۈشۈرۈڭ

ئاندرويد نەشىردىكى ئۈندىدار 6.6.2 ئىچكى سىناق نەشىرنى ئالدىن چۈشۈرۈش ئادىرسى

http://support.weixin.qq.com/cgi-bin/mmsupport-bin/readtemplate?t=page/android_exp__index&clientversion=&from=groupmessage&isappinstalled=0

مىشەدە ئازراق دىققەت قىلساڭلار :

بىرىنجى : بۇ تېخى سىناق نەشىر بولغاچقا مەن تەمىنلىگەن ئادىرىسىن بەك كۆپ ئادەم چۈشۈرگەندىن كىيىن سىناق نەشىرنى ئىشلىتىش سان چىكى توشتى دەپ چۈشۈرەلمەسلىكىز مومكىن ،

ئىككىنجى : بۇ تېخى سىناق نەشىر بولغاچقا چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن بەزى تىلفۇنلارغا قاچىلانماسلىقى مومكىن , قاچىلانمىسا ھەقىقى نەشىرى چىققۇچە ساقلاپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئۈچۈنجى :  سىناق نەشىرنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ، ئاۋال ئۈستىدىكى ساننى يوللاپ ئادىرسىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىين شۇ ئادىرىسقا كىرىپ ئاۋال 参与内测 دىگەننى باسىسز . ئاندىن 下载 نى بېسىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ..



ئالما تىلفۇن ئىشلىتىدىغان دوسلارغا : ئالما نەشىرنىڭ سىناق نۇسخىسىنى ئاشكارە ئىلان قىلمىغاچقا سىلەرگە تەمىنلەشكە ئامالسىز ... ئەمما تىڭشۈن  ئاز بىر قىسىم ئالما ئىشلەتكۈچى ئابونتلارنى سىناق نەشرنى ئىشلىتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلغان بولسا ئالدىن ئىشلىتەلەيسىز ... شۇڭا  微信团队 دىن كەلگەن ئ‍ۇچۇرلارغا دىققەت قىپ قۇيۇڭ . بەلكىم سىزنىمۇ تەكلىپ قىلغان بۇلىشى مومكىن . بولمىسا ھەقىقى نەشىرنى ئىلان قىلغىچە ساقلاپ تۇرسىڭىز بولىدۇ .

بىلەلمىگەن يەرلەر بۇلسا ، مىنى ئۈندىدارغا قۇشۇپ مەسلەھەت سۇراڭ ئۈندىدار نۇمۇرۇم alijan_312 ياكى ئىككى كودتىن قۇشۇۋىلىڭ .

113001bgbqfbzubf8ibbp9.png


كوت كوت ئىشلىتىدىغان دۇسلار  كوت كوتتىن قۇشۇڭلار كوت كوت نۇمۇرۇم 2293825515 .
خەيىر دۇسلار يەنە كۆرىشەمىز ...

8ئادەم ئىنكاس يازدى

tanha52014 ۋاقتى: 2018-1-29 13:07:56
ئىسلكەن جۇمۇ ياختۇرۇپ قالدىم
akam858 ۋاقتى: 2018-1-29 13:51:14
كۆپ رەھمەت سىزگە
مۇخلىس520 ۋاقتى: 2018-1-29 13:54:54
切换账户دىگەن ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ باقتىڭىزمۇ؟ مەن سىناپ باقتىم،ئالماشتۇرساق ھەر قىتىم ئالماشتۇرغاندا ھەر قىتىم مەخپى نومۇر سىلىپ ئالماشتۇردىكەن،بولمىسا بولمايدىكەن.QQغا ئوخشاش بىرلا باغىلىۋالسا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى،لىكىن ئۇنداق ئەمەس.
日记 ۋاقتى: 2018-1-29 15:31:45
ھەر قىتىم مەخپى نۇمۇر تەلەپ قىسا ئاۋارچىلىق تۇيۇلغان بىلەن بىخەتەر بولىدۇ
魅蓝note3 ۋاقتى: 2018-1-29 16:03:59
主题قۇشقان بولسا بەك خوش بولغان بۇلاتتىم مەن   چ چ  غا ئۇخشاش پولغا ساتسىمۇ  مەيلىتى
玉素甫。巴拉提 ۋاقتى: 2018-1-30 14:12:38
ئۇندىدار  سالوندا يوللانغان كىنوفىلىملەرنى  توپلاغا ياكى چەمبىرەككەيوللىماي تۇرۇپ كۆردىغان ئامال بارمۇ ؟
كىيىك ۋاقتى: 2018-1-30 16:04:04
玉素甫。巴拉提 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-30 14:12
ئۇندىدار  سالوند ...

يوللىماي كۆردىغان سالونلارنى قېتۋالسىڭىز بولدۇ، توپ دىسە توپقا يوللاپ يۈرمەي ئۆزڭىنىڭ ئۈندىدارغا ئۆزىڭىز يوللاپ قويسىڭىزمۇ ياكى باشقا بىرەر دوستىڭىزغا يوللىسىڭىزمۇ بولدۇ، توپ قۇرۇپ توپ ئىزدەش ھاجەتسىز، ئۈندىدارىڭىزدا كىم بولسا شۇنىڭغا يوللىسىڭىز توپ دىگەن شۇ
خۇشبەگ ۋاقتى: 2018-2-1 17:38:59
مەنمۇ قاتنىشۋالدىم، لىكىن ئاۋۇ ھوقۇق باشقۇرۇغ رايۇنىدا مەن بىكار قىلماقچى بولغان بىر  ئەپ  چىقمىدى.
مەن ئادرېسىنى چەكسەم بۇ  ئۇلىنىش ئادرېسىنى ئۈندىداردا يوللاپ چۈشۈرۋىلىڭ  دەپتىكەن، مەن ئۆرۈزمگە  يوللاپ، سىناققا قاتنىشىش دېگەن خەتنى چېكىپ، چۈشۈرۋالدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部