+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-1-27 14:54 2857 قېتىم كۆرۈلدى 15 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
TIM بولسا QQ نىڭ ئىشخانا ئىشلىرىغا يۈزلەندۈرگەن، پاكىز نۇسخىسى. يېقىندىن بېرى يانفون نۇسخىسىدىكى QQ نى يېڭىلىسا TIM قاچىلىندىغان، QQ دا كومپىيۇتېر بىلەن يانفون ئوتتۇرسىدا ھۆججەت يوللاش ئۈچۈنمۇ يانفونغا TIM نى قاچىلاشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇۋالىدۇ. قارىغاندا تېڭشۈن شىركىتى QQ نى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، TIM غا كۈچەيدىغاندەك قىلىدۇ.
نۆۋەتتە تېڭشۈن شىركىتى TIM نىڭ ئالىي ئەزالىقىنى ھەقسىز ئىلتىماس قىلىش ئىقتىدارىنى ئاچتى. ئالىي ئەزا بولسا 100G لىق بۇلۇت ساقلاش بوشلۇقى ۋە ئىككى يىللىق ئۇچۇر كەزمە مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. كىيۇكىيۇدا بۇلار پەقەت ھەقلىق ئەزا بولغان ئەزالارغا بېرىلىدۇ.
TIM نىڭ 100G بوشلۇقىغا خالىغان ھۆججىتىڭىزنى چەكلىمىسىز ساقلاپ قويالايسىز. ھەم سۇپا ئاتلاپ ئىشلىتەلەيسىز. كومپىيۇتېردا، يانفون ۋە ياكى خالىغان مەشغۇلات سىستېمىسىدا بىمالال ئىشلىتەلەيسىز. ئادەتتىكى ئەزانىڭ بۇ بوشلۇقى ئاران 10G
ئۇچۇر كەزمە مۇلازىمىتى دېگىنى كىيۇكىيۇ ياكى TIM دا سۆزلەشكەن خاتىرىڭىز بۇلۇت بوشلۇقىدا ساقلىندىغان ئىقتىدارنى كۆرسىتىدىكەن. ئادەتتىكى ئەزانىڭ 7 كۈن ساقلىنىدۇ. ئالىي ئەزا بولسىڭىز ئىككى يىل ساقلىنىدۇ. سىز بىرەرسى بىلەن سۆزلەشكەن بولسىڭىز، كومپىيۇتېر، يانفون ئالماشتۇرغان بولسىڭىزمۇ ئىككى يىلغىچە ئۇ خاتىرىڭىز توردا ساقلىندۇ، خالىغانچە كۆرەلەيسىز دېگەنلىك.
TIM نىڭ ئالىي ئەزالىقىنى ھەقسىز ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى:
TIM نىڭ ئاستى ئوڭ تەرەپتىكى سومكىنىڭ سىنبەلگىسنى چېكىپ، ئاندىن 邀请你升级为TIM高级账户 دېگەن خەتنى چېكىپ، 邀请好友,升级高级账户 نى چېكىپ، كىيۇكىيۇدىكى ئۈچ توردىشىڭىزغا تەكلىپ ئەۋەتىدىكەنسىز. ئۇ ئۈچ تورداش تەكلىپىڭىزنى قۇبۇل قىلىپ TIM غا تىزىملاتسا سىز ئالىي ئەزالىققا كۆتۈرۈلدىكەنسىز.
بۇ پائالىيەت ۋاقتى 2018-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە.

fe1739015ebf3cd6bf1eee1c4787e5e3x1000x1777x51.jpeg

10c707757932bb4b62cc7a749e67e24ax640x1138x58.jpeg

يۇقارقى مەشغۇلات ئارقىلىق ئالىي ئەزالىققا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۇدا 30 كۈن TIM نى ئىشلەتمىسە ئالىي ئەزالىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدىكەن.

TIM دا QQ دا بار بارلىق ئىقتىدار بولۇشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلار بار.
TIM گە ئايرىم تىزىملىتىپ، نومۇر ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. كىيۇكىيۇ نومۇرىڭىز ئارقىلىق كىرسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
TIM دا بۇلۇت سۇپىسىدا ئىشخانا دېتاللىرى word, excel, wps لارنى بىۋاستە ئىشلىتىش، كۆرۈش، تەھرىرلەش، باشقىلار بىلەن بىللە تەھرىرلەش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن. كومپىيۇتېردا تەييارلىغان word ھۆججىتىڭىزنى باشقا يەردىكى كومپىيۇتېردا ياكى يانفوندا كۆرەلەيسىز؛ بىر excel جەدىۋىلىنى توردىكى باشقا توردىشىڭىز بىلەن بىرلىكتە تولدۇرالايسىز، لايھىلىيەلەسىز دېگەن گەپ.
بۇ جەرياندا ھېچقانداق چۈشۈرۈش، تورغا يوللاش مەشغۇلاتىنىڭ ياكى بارماق دېسكىغا كۆچۈرۈپ كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ كېرىكى يوق. TIM نى قوزغىتىپلا مەشغۇلات قىلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ.
微信图片_20180127145252.png

TIM نى چۈشۈرۈش ئادېرسى: http://office.qq.com/

15ئادەم ئىنكاس يازدى

ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-1-27 15:27:55
بۇ TIM نى ئاچساق QQ نومۇرىمىزنىڭ دەرىجىسى ئۆسەمدىغاندۇ ؟
abdurusul ۋاقتى: 2018-1-27 15:32:08
ياخشى تىما ئىكەن ،
XaTuR007 ۋاقتى: 2018-1-27 16:44:56
چ چ  نىڭ دەرىجىسى ئۆسىۋىرەمدىغاندۇ يە  بۇنى ئىشلەتسەك
3131446363 ۋاقتى: 2018-1-27 17:28:58
ھەي بۇرادەر. چ چ دەرىجىسىنىڭ ھازىر نىمىگە پايدىسى بار.  دەرىجە قوغلىشىدىغان دەۋر كەتتى ھازىر.
قايسىسى قولايلىق  بولسا شۇ ياخشى . TM نى مەنمۇ بىر مەزگىل ئىشلىتىپ باقتىم.  دەسلەپتە كۆنمەك تەسكەن.
لىكىن كىيىن يەنە چ چ  نى ئىشلىتىۋالدىم.
كۈلكە123 ۋاقتى: 2018-1-27 17:36:40
دەرىجىنىڭ ۋاقتى قانچىلىككەن ئۇنىڭ مەڭگۈلۈكمىكەن يا
باشلىق ۋاقتى: 2018-1-27 17:55:30
بەك ياخشى ئىشكەن بۇ
ablzjan ۋاقتى: 2018-1-27 18:52:09
TMنىڭ ئىقتىدارىمۇ ياخشى كەن
سەھرا@ ۋاقتى: 2018-1-27 20:04:18
يەنلا چچى ياخشكەن   مەن tim غا كۈنەلمدىم
burkut2005 ۋاقتى: 2018-1-28 10:02:55
مەشغۇلاتنىڭكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قەيەردىن كۆرۈۋالىمىز.
qewandaz ۋاقتى: 2018-1-28 12:01:40
مەنمۇTIMئىشلىتىۋاتىمەن، شۇنداق ياخشى ،ئىقتىدارى QQغا قارىغاندا تولۇق ئىكەن
abdut ۋاقتى: 2018-1-28 13:39:43
چچنى تەدرىجى يوق قىلىپ TIMنى قاچلاشقا ئۆزگىرىپلا كەتسە چچ غا كۆپ پۇل خەجلىگەنلە يىغىلايدىغان ئىش بولمامدۇ
نومۇرىغۇ ساق قالىدۇ لىكىن دەرىجە ئەزالىقلارغا خەجلىگەن پۇللا
uyghur ۋاقتى: 2018-1-28 15:33:00
abdut يوللىغان ۋاقتى  2018-1-28 13:39
چچنى تەدرىجى يوق قىلىپ TIMنى قاچلاشقا ئۆزگىرىپلا كەتسە  ...

كىيۇكىيۇنىڭ ئەزا دەرىجىسى بۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلدىن قالىدۇ. شۇنىڭغىمۇ پۇل خەجلىگەنما؟ پۇلۇڭلار بەك كۆپما
维王 ۋاقتى: 2018-1-28 22:32:27
timنىڭ ئىقتىدارى بەك كۆپ قۇلايلىقكەن
TANHA77 ۋاقتى: 2018-1-29 01:17:24
شۇ شۇ شۇڭا يەنىلا كىيۇ كىيۇ غا پۇل قاچىلاپ يۈرمەڭلا ئىسراپچىلىق قىپ.
12 كېيىنكى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部