+تېما يوللاش
Kosrap يوللانغان ۋاقتى:2018-1-26 15:52 1861 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۈنۈگۈن 11.3betaنۇسخىسىنى 7پلۇسقا قاچىلاپ سىناپ ئىشلىتىپ باقتىم، بىرىنچى بولۇپ ھېس قىلغىنىم سۈرئەت يېڭى ئالغان چاغدىكىدەك تېز ھالىتىگە قايتىپتۇ، توك قاچىلاۋاتقاندا بارماق سېنزورى مەغلۇپ بولدى دەپ مەخپى نومۇر بىلەن ئاچقىلى سالدى، توكتىن ئېلىۋەتكەندە نورمال.
ئالدىنقى سېستىما نەشىرىم 11.2.5ئىدى، ئەن تۇتۇدا قويغان نومۇر پەرقى ناھايىتى چوڭ بوپ كەتتى، 11.2.5نىڭ:140382 چىققان. سىناق نۇسخا 11.3 نىڭ 167517،  يېڭى ئالغان ۋاقتىمدىمۇ مۇشۇنداق يۇقىرى چىققانتى. سېستىمىنى كۆتۈرگەنسىرى تۆۋەنلەپ ماڭدى سۈرئەتمۇ ئاستىلاپ كەتكەنتى ، تىم كۆك دىگەندەك ئىقتىدار چەكلەش  كونۇپكىسى دىگەندەك تەڭشەك يوق، بەلكىم كېيىنكى سىناق نۇسخىلىرىدا چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، دېققەت قىلىدىغان نۇقتا توكنىڭ خورىشى بۇرۇنقىدىن سەل تېزلىشىپ قالدى، بىر سائەت  Cf ئوينىسام تەخمىنەن 60%~50~ئەتراپىدا توك قالغۇدەك، تولۇق بىر سائەت ئويناپ باقمىدىم، بۇرۇن بىر سائەت ئوينىسام 80%ئەتراپىدا قالاتتى، يېڭى سېستىمىدا سۈرئەت يېڭى ۋاقتىدىكى ھالىتىگە قايتىپتۇ، قارىغاندا چەكلىمىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلغان چىراي…

iOS-11-beta-3.jpg

ئايفون ئىشلەتكىلى نەچچە يىل بولدى شۇنى ھېس قىلدىمكى تىم كۆك ئاتامان بولغاندىن بۇيان ئايفون كەينىگە چېگىنگىلى تۇردى، بولۇپمۇ باتارىيەدە، ھازىرقى كۆزگە كۆرۈنگەن ماركىلارنىڭ ئىچىدە ئالمىنىڭ باتارىيەسىنىڭ ئۆمرى ئەڭ قىسقىكەن، ئۇزۇن بولسا ئىككى يىل، بولمىسا يېڭى ئايفون ئېلىڭ، بىز جىقراق تېلفون سېتىپ جىق پۇل تاپساقلا بولىدۇ، سىز ئىشلىتىپ بېرىڭ بىز ئاستىلىتىپ تېلفونىڭىزنى ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز، دەۋاتقاندەكلا، قىسقىسى ئايفون ئالتە، ئالتە ئەس ، پلۇس يۈرۈشلۈكلىرىدە كامىرانىڭ تىترەشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بار لېكىن 7پلۇستا يوق چۈنكى قوش كامىرا قىلغانلىقى ئۈچۈن 8پلۇستا قايتىپ كەلدى تىترەشتىن ساقلاش ئىقتىدارى بار،  ئالما مۇشۇنداق ئالدى كەينىگە دەسسەپ ئىستىمالچىلارنى چېلىۋاتقىلى خېلى يىللار بوپ قالدى ، ناۋادا نوكىيانى بىر خىل شەكىل بىر خىل ئەندىزە بىلەن تېلفوننىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشىدە ئۆزگەرتىش قىلماي  ئالمىدەك ئالتە يەتتە يىل ئىقتىدارىنىلا يۇقىرى كۆتۈرگىن دىسە بەلكىم ئاتامانلىق ئورنىغا ئۇمۇ قايتىپ كېلەلىشى مۇمكىن، ئايفون X نىڭ شەكلىنى تولۇق ئۆزگەرتىپ چىقارغان ھامان ئەجەللىك چاتاقلىرى توختىماي چىقتى، ئالما شېركىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاتىكاچى پوچى ئىنسانلار مېنىڭ ياساپ بەگىنىم بويىچە ئىشلىتىدۇ ئىنسانلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئەمەس!!! دەيدىغىنى، تىم دېگىنى ئىتتىكرەك بىكارلمىسا ئورنىنى، ئالما مەھسۇلاتلىرىنى بەلكىم ھەمجىنىسلارلا ئىشلىتىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.
شىياۋمىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ بولدى دىسەكمۇ بولىدۇ، مەن شىياۋمى ھەۋەسكارى شىياۋمى يەتتە چىقسىلا ئايفوننى تاشلىماقچى، شىياۋمى ئالتىمۇ بەك نوچى چىقىپتۇ، سۈرئەت جەھەتتە ئايفون سامسۇڭلادىن قېلىشمايدىكەن، ئاخىرىدا دەيدىغىنىم پۇلنى چوقۇم ئورۇنلۇق ئىشلىتىش كېرەك.  ھەۋەسكار مەستانە دەپلا بۇزۇپ چاچسىڭىز ئۆزىڭىزگىلا زىيان، كۆپ سۆزلەپ قويدۇم، ئۆزۈر.

9ئادەم ئىنكاس يازدى

System32 ۋاقتى: 2018-1-26 16:55:13
مەن ئالمىنى 5 تىن باشلاپ ئىشلەتكەن...ئۇ چاغدا  7.0.2 سېستىما ئىدى..شۇنچىلىك راۋان ...
سېستىمىنى بىر كۆتۈرۈپلا  يوق  قىلدىم  ھەممىنى ....
سىزنىڭ دېگىنىڭىزدە  ئالما  ھەقىقەتەن كەينىگە دەسسەۋاتىدۇ...
شىياۋمى تېلفونىمۇ  ھازىر  دۆلىتىمىزدىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان يانفونلارنىڭ بىرى،.،،
ئەمما  تۈنۈگۈن قارىسام  ۋىۋو يانفونى  يېڭى بايراقدار  يانفونىنى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ  ساتقۇدەك...
بارماق تونۇش  ئىقتىدارىنى بىراقلا  ئېكرانغا  يۆتكەپتۇ...بۇ  دۇنيادىكى تۇنجى ئېكرانغا بارماق ئىزى تونۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان  تېلفون بولۇپ قالدى
دۆلىتىمىز كارخانىلىرى بارغانسېرى  تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ
QQ截图20180126164642.jpg
3131446363 ۋاقتى: 2018-1-26 17:11:16
ھەقىقەتەن ياخشى تىمىدىن بىرنى يىزىپسىز. مەنغۇ ئەزەلدىن ئالمىغا قىزىقمايمەن ھەم قىزىقىپ باقمىدىم.  قولۇمدىكى ئوپپو ر11 دىنمۇ بەك زىرىكتىم.
بۇ قىتىم تىلفۇن ئالماشتۇرسام چوقۇم شىياۋمىنى ئويلىشىۋاتىمەن. شىياۋمى7نىڭ  تىزراق چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
Blu_Wolf ۋاقتى: 2018-1-27 01:54:25
راس زادى…… ئالما 7، ئالما X لەرنىڭ ئىقتىدارى شاۋمىنىڭ 2000 ، 2500 يۈەنلىك يانفۇنلىردىن ئېشىپ چۈششى ناتايىن ، يىجىيا ، خۇاۋېي ، شاۋمى ،  ۋىۋو……بۇ يانفۇنلار ھەقىقەتەن بولىدۇ ، مەنمۇ ئوخشاشلا شاۋمىنى 7  نى ساقلاپ دەگەندەك…… ، خۇاۋېي بىلەن سەنشىڭ باھا جەھەتتە ئالمىنى سەل _ پەل دوراپ كىلىۋاتىدۇ ، دىمەكچى سەل قىممەترەك ، ۋىۋو بىلەن ئوپپو تاشقى شەكىلدە ئالمىنى ئۆزنەك قىلدىمۇ……ئىشقىپ سىرىتقى شەكلى بىر قاراشتا ئوخشاشتەك ، شۇڭلاشقىمۇ ئاياللار بىر مەزگىل 5*5سۇڭ ۋىۋو  ئوپپو دەپ يۈردى ، مىنىڭچە مۈكەممەللىكتە شاۋمى بىلەن خۇاۋېي ياخشى ، خۇاۋېينى نەچچە يىللاردىن بىرى ئىشلىتىپ كىلۋاتقان ، ئورگان تەرەپنىڭ سېستىما يېڭلاش مۇلازىمىتى 1 يىل ، بىر يېرىم يىلدىن ئاشمايدىغان بولىۋالدى ، يەنە كىلىپ كا بوپقېلىش مەسىلىسى ، باتاريە مەسىلىسى تۈزۈك ئوڭشالمىدى  ، راۋانلىقتا يەنىلا شاۋمىنى راۋان كۆردۈم ، ھەم يېڭلاش مۇلازىمىتمۇ ياخشى ، باھا ۋە سەپلىمە جەھەتتەتتىمۇ مۇۋاپىق ھەم ياخشى ، شاۋمى ئەزەلدىن MTK بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتمەيدۇ ، باشتىن ئاخىر كۇۋالكوم ……
TurHun ۋاقتى: 2018-1-27 13:51:45
توك قاچىلاۋاتقاندا بارماق سېنزورى نورمال ئىشلەيدۇ.  باشقا يەرلىرى ios10 دەك چىقپىتۇ. ئەمدى قالغان سىناق نۇسخىلىرى چۇقۇم ھازىرقىدىن ياخشى چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن.
adiljan6777 ۋاقتى: 2018-1-27 18:44:25
ياخشى تىما يىزىپسىز دوستۇم  مىنىڭ تىلپۇنۇم ئالما ئالتە ئىس پىلوس ئىدى  ماي ئالماشتۇرغان ئىدىم  تىلپۇنۇم ئويدە ئىشلەتسەم نۇرمال سىرتقا چىقساملا  نەچچە پىرسەنت توكى بۇلىشىدىن قەتتى نەزەر ئوچىۋالىدۇ سىرتتا توكقا چاتسام پاقات 5 پىرسەندىن ئاشمايدۇ  يەنە بۈگۈن توكقا چىتىقلىق ھالەتتە تۇيۇقسىز قارا ئالما بوپ قىلىپ پەقەت سادا يوق  توت مىنوتلاردىن كىيىن ئوڭشالدى شۇ ھالەتتە بۇ ئىشلارمۇ  يېڭى سىستىمىنىڭ ئىشىمىدۇ مىنىڭ 11.3 سىستىما ئىدى  سەز دىگەندەك ئالما كەينىگە چىكىنگىلتۇرۇپتۇ   مىيىنى ئوڭشىما  پەقەت بوبمماپتۇ  تىك كوك ئەپەندىم نۇرغۇن پۇلنى بۇزۇپ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن بىلەن  سۇغۇقتا بىر ئىتىلىۋالسا  مۇھىم ۋاقىتتا ئەسقاتمىسا ئىسىت ،ئالما تىلفۇنۇم دەپ قالىدىكەنمىز
Kosrap ۋاقتى: 2018-1-27 19:03:32
مېنىڭ 7پلۇس بارماق سېنزورى قوزغىتىدىغان چاغدا توكقا چېتىقلىقتى، بارماق ئۇچۇرۇمنى كىرگۈزەي دىسەم پەقەت بولمىغان، ھازىر نورمال توكتىن ئېلۋېتىپ قوزغاتقاندىن كېيىن، بەزى ئەپلەر تۇيۇقسىز چېكىنىپ كېتىۋاتىدۇ، توك خوراش تېز بوپ كەتتى 11.3beta سېستىمىدا، سۈرئىتىمۇ سەل ئاستىلاپ ئەسلىگە قايتىۋاتقاندەك تۇرىدۇ…
kunak ۋاقتى: 2018-1-28 15:07:34
قانداق قىلغاندا ئالما تېلېفوننىڭ سىستېمىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؟مۇشۇ جەھەتتە ياردەم قىلساڭلار
Kosrap ۋاقتى: 2018-1-30 07:15:24
kunak يوللىغان ۋاقتى  2018-1-28 15:07
قانداق قىلغاندا ...

ئالما ئورگان تەرەپ ھەر بىر يېڭى سېستىما چىققاندا ئالدىنقى ئەۋلاد سېستىمىنىڭ دەللىلەش يولىنى تاقاپ قويىدۇ، بىر مەزگىل ئوچۇقمۇ قويىدۇ، ئۇلار رۇخسەت قىلمىسا ئىككى يىل ئۇلارغا ھەقسىز مەدىكار ئىشلەپ بەسىڭىزمۇ بىكار، دەلىللەش دېگىنىمىز سىز تۆۋەن نەشىردىكى سېستىمىنى قاچىلاشقا بۇيرۇق بەسىڭىز ئايتۇنىس دوكلات قىلىدۇ تۆۋەنلىتىمەن دەيدۇ دەپ، ئالما ئورگان تەرەپ تاقىمىغان بولسا ھەئە دەيدۇ بولمىسا كۆپىنچە ياق ياق يېڭى تېلفون ئالسىڭىز بولامىكى دەيدۇ، شۇلار ھەئە دىسە بولىدۇ، ياق دىسە بولمايدۇ، دەللىلەش ئۆزى بىر قاراۋۇل ھېسابتا، رۇخسەت بېرىدىغان بەمەيدىغان…
巧克Li ۋاقتى: 2018-2-1 07:09:48
مەن سامسۇڭ s8 ئېلىشنى ئويلاشقان بىراق بىر يەرلىرىدىن يارىمىدى، سېستىمىنىڭ سۈرئىتى ئاستا، باتارىيە كىچىك، ئىچكى سىغىم《运行内存》بۇمۇ بەك كىچىك، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئېنىقلا قاتىدۇ، مەن نۇر تورىدىن بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم، سېستىمىنى ئاستىلىتىپ قاتىدىغان كود قوشىۋەتكەن ماركا پەقەت ئالمىلا ئەمەسكەن، سامسۇڭمۇ بۇ تىزىملىكتە بار ئىكەن، ئەمدىكى يېڭىلايدىغان سېستىمىدا بار ئىكەن ،بۇ سېستىما كەپ بولدىغۇ دەيمەن.يېڭىلىمىسا كونىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئۇمۇ قاتىدۇ، يېڭىسىدا قاتۇرۇپ قويۇشتەك ئالاھىدە بىر ئىقتىدار قوشۇلغان، يەنە قاتىدۇ.
سامسۇڭغا ئىشتىياق باغلاپ تۇرغانلا مىنىڭچە سامسۇڭدىنمۇ ئۈمۈد يوق. يەنە كىلىپ 4/5مىڭ يۈەنلىك سامسۇڭنىڭ راۋانلىقى ئالما ئالتە ئەس بىلەن پەرىقلەنمەيدۇ. بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم ئالما ئېلىڭلا دىمەكچى ئەمەسمەن، مەن ئۆزەم شۇنداق قىلماقچى بەلكىم ئالمىنىڭ سېستىمىس ھېلىھەممۇ سامسۇڭدىن كۆپ راۋانمىكىن دەيمەن.
مىنىڭە بۇ ئەھۋال ھەل بولىدۇ ،ئالما ئۈندىدار، ئويۇن، ۋە ياكى باشقا ئەپلەرنى ئىشلىتىشىمىزگە يىتىپ ئاشىدۇ.بۇ شەخسى قارىشىم.
ھەم بىزنىڭ تىلفۇننى ئىشلىتەلەيدىغان يېرىمىزمۇ شۇنچىلىك چەكلىك.
تورلارغا قارىسام ئالما بىلەن سامسۇڭنىڭ ئككىنچى قول يانفونلىرىنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈش نىسبىتىمۇ سامسۇڭنىڭ بەك ئېغىر.
ئالمىمۇ چۈشۈپتۇ، بىراق سامسۇڭدەك ئەمەس ،ئالمىنىڭ  6s/7pمۇشۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىپلىرىمۇ، ئالما ئېكىستىن پەرقسىز. باھاسى بىز قوبۇل قىلالىغىدەك باھادىكەن.
بۇ پەقەت مىنىڭلا قارىشىم تورداشلا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部