+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-1-26 13:57 2526 قېتىم كۆرۈلدى 9 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
لىڭيۈن (灵云) ئوپتىكىلىق يېزىق تونۇش (OCR) سىستېمىسى ئۇيغۇرچە، زاڭزۇچە قاتارلىق كۆپ خىل يېزىق تونۇش جەھەتتە يېڭى نەتىجە يارىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى.

微信图片_20180126123853.jpg

OCR ئېنگىلىزچە Optical Character Recognition دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، خەت بويچە تەرجىمە قىلسا ئوپتىكىلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى تونۇش دېگەنلىك بولىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا كىتاپ، قەغەزلەردىكى يېزىقنى رەسىم ھالەتتە كومپىيۇتېرغا ئەكىرىپ ئۇنى  OCR سىستېمىسىدا تېكىستكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
OCR سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئەڭ ئاۋۋال قوللىنىلغان تېخنىكىلارنىڭ بىرى. 捷通华声灵云 نىڭ OCR تېخنىكىسى كۆپ يىللاردىن بېرى ھۆججەت، كېنىشكە، تالون، ئىسىم كارتىسىدىكى يېزىقنى تونۇش جەھەتتە ئىلغار تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.
يېقىندا لىڭيۈن OCR تېخنىكىسى يەنە بىر قېتىم دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ، ئەسىلدىكى خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە، ياپونچە، كورىيانچە، فىرانسۇزچە قاتارلىق ئون نەچچە يېزىقنى تونۇش ئاساسىدا يەنە ئۇيغۇرچە، زاڭزۇچە قاتارلىق بىر قانچە تىلدىكى باسما يېزىقنى تونۇش ئىقتىدارىنى قوشۇپ، ئۇيغۇر، زاڭزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە ياردەم بەردى.
جىيې توڭ خۇا شېڭ (捷通华声) شىركىتى ئىلغار بولغان لىڭيۈن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنى تەتقىق قىلىپ ۋە قوللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. مىللىي تىل يېزىقنى تونۇشتىن باشقا يەنە، لىڭيۈن AIcloud.com سۇپىسىغا بىر قىسىم مىللىي تىلدىكى AI تېخنىكىسىنى چىقاردى.

微信图片_20180126123912.gif

لىڭيۈن OCR ئارقىلىق ئۇيغۇرچە يېزىقنى تونۇش

微信图片_20180126123917.gif


تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش جەھەتتە: دۆلەت ئورتاق تىلى، زاڭزۇ تىلى، يىزۇ تىلى، مۇڭغۇل تىلى، چاۋشىيەن تىلى، قازاق تىلى، گۇاڭدۇڭ، تەيۋەن شىۋىسى، ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق تىللارنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدۇ. (مۇشۇ تىللاردا سۆزلىگەن تاۋۇشنى تونۇپ يېزىققا ئايلاندۇرالايدۇ)
ماشىنا تەرجىمىسى جەھەتتە: خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تەرجىمە تېخنىكىسى بويچە مۇشۇ ساھەدە ئەڭ ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىدۇ.
تاۋۇش بىرىكتۈرۈش جەھەتتە: دۆلەت ئورتاق تىلى، گۇاڭدۇڭ شىۋىسى، ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدۇ. (مۇشۇ تىللاردىكى تېكىستنى تاۋۇشقا ئايلاندۇرالايدۇ)
قوليازما تونۇش جەھەتتە: خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، زاڭزۇچە، يىزۇچە، چاۋشىيەنچە يېزىقلارنىڭ قوليازمىسىنى تونۇيالايدۇ.
يۇقارقى تىللاردىكى AI تېخنىكىسىغا ئېھتىياجلىق ئەپ ئاچقۇچىلار بولسا aicloud.com غا تىزىملاتسا مۇناسىۋەتلىك SDK غا ئېرىشەلەيدۇ.

微信图片_20180126123938.jpg

ئۆتكەن يىل 9-ئايدا  捷通华声 بىلەن چىڭخۇا ئونۋېرستېتى ھەمكارلىشىپ، ئەڭ يېڭى ماشنا ئۆگىنىش ئالگورزىمىنى ئىشلىتىپ، چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشنى توپلاشتۇرۇپ مەشقلەندۈرۈپ، ئەڭ يېڭى لىڭيۈن تېكىست ماتورى iRead 7.0 Text نى چىقاردى. بۇ يېڭى بىر ئەۋلاد لىڭيۈن OCR تېخنىكىسىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %99.99 گە يېتىپ، دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە چىقتى.

微信图片_20180126123945.jpg

يېڭى بىر ئەۋلاد لىڭيۈن OCR تېخنىكىسى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، زاڭزۇچە، ئېنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، ياپونچە، كورىيەچە، گېرمانچە، ئىسپانچە قاتارلىق نەچچە ئون خىل يېزىقنى تونۇيدۇ ھەمدە تونۇماقچى بولغان يېزىقنىڭ «بەك سۈزۈك» بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. يېزىق يانتۇ ياكى تۇتۇقرارق بولسىمۇ تونۇۋېرىدۇ.
يېڭى بىر ئەۋلاد لىڭيۈن OCR تېخنىكىسى ئۇيغۇر، زاڭزۇ يېزىقىنى تونۇش جەھەتتە ئاز سانلىق مىللەت كارخانلىرىغا تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ ئىلغار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىشخانا ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرىدۇ. ئورگان، كەسپى ئورۇنلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دوكمېنت، ھۆججەتلىرىنى تونۇش جەھەتتە قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىرگە يەنە، ئۇيغۇرچە، زاڭزۇچە كىتاپ-ماتېرىياللىرىنى ئېلېكترونلۇق شەكىلگە تېز سۈرئەتتە ئايلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۈرتكە بولىدۇ.

微信图片_20180126123952.jpg

جىيې توڭ خۇا شېڭ شىركىتى چىڭخۇا ئونۋېرسىتى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى بىلەن تەتقىقات جەھەتتە داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ .

مەنبەسى: 捷通华声灵云 ئىگە تەرەپ سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.

9ئادەم ئىنكاس يازدى

TARQAT ۋاقتى: 2018-1-26 14:23:09
بەك ئىسىل ئىش بوپتۇ
arwahjan ۋاقتى: 2018-1-26 15:34:37
يەنە بىر بۆسۈش خارەكتېرلىك ئىشتىن بىرسى بوپتۇ
ھەقىقەتەنمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش
3131446363 ۋاقتى: 2018-1-26 15:35:49
ھەقىقەتەن ئىسىل ئىشلار بولىۋاتىدۇ جۇمۇ.
βaLa_❤_⑧_啦 ۋاقتى: 2018-1-26 16:18:31
بەك ئىسىل بەك ياخشى ئىش بوپتۇغۇ بۇ ھەي.....
تەشنا4433 ۋاقتى: 2018-1-26 17:31:21
ھەقىقەتەن  ياخشى ئىش بوپتۇ
يېزىق تۇنۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ياخشى ئىش بوپتۇ
ئازسانلىق مىللەتلەر نىڭ يېزىقىنىمۇ تۇنۇيدىغان بولغاندىكىن
بىزمۇ بەزى قولايلىق  تېخنىكىلاردىن  بەھىرمان بولدىغان بوپتۇقتە
TANHA77 ۋاقتى: 2018-1-27 02:41:15
ۋاھ ئۇيغۇر لارغا بولۇپمۇ ئازسانلىق مىللەتلەرگە ھەقىيقەتەن پايدىلىق بىر ئىش بوپتۇ. بىزگىمۇ پايدىسى كۆپ بولىدىكەندە ئەمدى، مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنىڭ داۋاملىق يىڭىلىنىپ تۇرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۇمۇد قىلىمەن،رەھمەت.
uyghurum131 ۋاقتى: 2018-1-27 11:23:49
   بۇ تېخنىكا تىخى سىرتقا ئىشلىتىلىشكە ئىچىۋىتىلمىگەن ئوخشىمامدۇ...
mutallipmuallim ۋاقتى: 2018-1-29 17:17:42
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ
Weliyof ۋاقتى: 2018-2-6 16:46:51
بۇ بىر ئاجايىپ ياخشى ئىش بوپتۇ، تىما ئىگىسى بولسا بۇ دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز، ھەقلىق بولسىمۇ مەيلى سىتىۋالساق بولىۋىرىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部