+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-1-25 12:59 2492 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
چاغانغا يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى. ھەر قايسى ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىلىرى باھار بايرىمىلىق پائالىيەتلەرگە تەييارلىق قىلماقتا. ئەمما چاغان مەزگىلىدە مال يەتكۈزۈش مەسىلىسى سودا سۇپىسى ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ.
«تېز يەتكۈزۈش ژۇرنىلى» (快递杂志) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە  EMS、顺丰、中通、申通、圆通、韵达、百世、德邦、京东物流、苏宁物流 قاتارلىق 10 تېز يەتكۈزۈش شىركىتى چاغان مەزگىلىدە نورمال تىجارەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزىلىرى باھاسىنى ئازراق ئۆستۈردىكەن.
1516762628942.jpg
بۇ تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى چاغان مەزگىلىدە خىزمەتچىلىرىنى ئىسمىنا ئالمىشىپ ئىشلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، مال يەتكۈزۈش خىزمىتىنى نورمال ئېلىپ بارىدىكەن.
جۇڭ توڭ، يۈن دا تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى پۈتۈن يىل نورمال تىجارەت قىلدىغانلىقىنى، قوش بايرام مەزگىلىدە خىزمەت مىقدارىنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەتچىلەرنى ئىسمىنا ئالمىشىپ ئىشلەشكە بەلگىلەپ، ئىستىمالچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جىڭ دوڭ خېرىدار مۇلازىمىتى بايرام مەزگىلىدە 24 سائەت نورمال تىجارەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۈن فېڭ، EMS قاتارلىقلار بۇ يىلقى چاغان مەزگىلىدە باھاسىنى ئازراق ئۆستۈردىغانلىقىنى، كونكىرىت باھاسىنى ئايرىم ئۇقتۇردىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭ توڭ، بەي شى تېز يوللانلىمىلىرى ھازىرچە باھا ئۆستۈرۈش ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالمىغانلىقىنى ئېيتتى. يۈن دا تېز يەتكۈزۈش شىركىتى چاغان مەزگىلىدە ھەر بىر تېز يوللانمىغا 10 يۈەن مۇلازىمەت ھەققى قوشۇپ ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

4ئادەم ئىنكاس يازدى

3131446363 ۋاقتى: 2018-1-25 13:04:59
باھاسنى ئۆستۈرسىمۇ نۇرمال ئىشلىگىنى ياخشى.
2635210282 ۋاقتى: 2018-1-25 13:11:00
تىز يەتكۈزۈش ئىشلىرىنىڭ  تېخىمۇ  تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشمەن.
سەركە23 ۋاقتى: 2018-1-25 15:08:58
ياخشى خەۋەركەن مەنمۇ  24-چىسلا بىر تىلىۋزۇر  سىتىۋالغان  ئىدىم  تىخى   مىڭىپ  بۇلاممايۋاتىدۇ
司令 ۋاقتى: 2018-1-25 15:14:13
باھاسىنى ئازراق ئۆستۈرسىمۇ نورمال مال يەتكۈزسە مەيلىتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部