+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-1-24 16:12 3773 قېتىم كۆرۈلدى 10 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يانفون ھەققىنى تاپشۇردىغان سۇپىلار خېلى كۆپ. مەسىلەن: ھەر قايسى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ يانفون تېرمىنالى، ئۈندىدار، ئالىپاي، كىيۇكيۇ، جىڭدوڭ...دېگەندەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېلېفون ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇردىغان ھەر خىل ئۈندىدار سالونلىرىمۇ بار. ئۇنداقتا قايسى سۇپىدا يانفون ھەققى تاپشۇرسا ئەڭ ئەرزان؟

كۆچمە خەۋەرلىشىش نومۇرىغا ھەق تاپشۇرغاندىكى سىتاستىكا
3ea300085cd1be9fc670.jpg

بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، كۆچمە خەۋەرلىشىش نومۇرىغا ئۆزىنىڭ يانفون تېرمىنالى بىلەن جىڭدوڭ تورىدا ھەق تاپشۇرسا ئەڭ ئەرزان. %0.2 ئېتىبارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نومۇرىغا ھەق تاپشۇرغاندىكى سىتاستىكا
3ea50008629b0445daaf.jpg
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نومۇرىغا ھەق تاپشۇرغاندا پۇل سوممىسىغا قاراپ، ھەر قايسى سۇپىلارنىڭ ئېتىبار بېرىشى ئوخشىمايدىكەن. 20 يۈەن قاچىلىغاندا كىيۇكىيۇ ئەرزان، 30 يۈەن قاچىلىغاندا جىڭدوڭ ئەرزان، 100 يۈەن تاپشۇرغاندا ئالىپاي ئەرزان ئىكەن.

تېلگىراف نومۇرىغا ھەق تاپشۇرغاندىكى سىتاستىكا
3ea300085cd0bc6fab14.jpg
تېلگىراف نومۇرىغا ھەق تاپشۇرۇشتا ئۆزىنىڭ يانفون تېرمىنالى ئارقلىق ھەق تاپشۇرسا ئەڭ كۆپ ئېتىبارغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. يەنى %0.5 ئەتراپىدا. 99.5 يۈەن تاپشۇرۇپ، 100 يۈەن قاچىلىغىلى بولىدۇ دېگەن گەپ.
بۇ سىتاستىكا رايونلارغا قاراپ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.
ئوخشاش بىر رايوندا ئالىپايدا يانفون ھەققى تاپشۇرسا ئۈندىدارغا قارىغاندا ئەرزانراق ئىكەن.

10ئادەم ئىنكاس يازدى

رۇھ ۋاقتى: 2018-1-24 16:40:53
مەن ئالىپاي ئارقىلىق تاپشۇرۋاتقىلى نەچچە يىل بۇلدى.يانفۇن تېرمىنالىدىمۇ تاپشۇرۇپ باقتىم.ئالىپاينىڭ دەرىجىسى ئۆسىدۇ دەپ ئۇيلاپ
abduxkur0998 ۋاقتى: 2018-1-24 16:58:10
رۇھ يوللىغان ۋاقتى  2018-1-24 16:40
مەن ئالىپاي ئارقىلىق تاپشۇرۋاتقىلى نەچچە يىل بۇلدى.يا ...

توغرا مەن سىزنىڭ پىكىرڭىزنى قوللايمەن مەنمۇ دائىم ئالپايدا تۆلەيمەن چۈنكى  ئالپاينىڭ ئىناۋىتى ئۆسىدۇ
qeqnus ۋاقتى: 2018-1-24 19:33:40
مەنمۇ ئەزەلدىن ئالىپايدا تاپشۇرىمەن ، ئىشەنچ دەرىجەم 687گە چىقتى  يانفۇنغا پۇل تۆلەپلا
ئىشقىلىپ ئالىپاينى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن ، بەك بولسا بىرموچەن ئۇيان - ياكى بۇيان ....
hopujan ۋاقتى: 2018-1-24 19:36:41
شۇنداق مەنمۇ ئالىپاينى ئىشلتىمەن ئەمما بەش ئالتە ئاي بولدى، سۇغۇرتا كاپالەت كارتىسىغا ئالماشتۇرغان ئىدىم، شۇڭا شۇنداق بۇلۇپ قالدىمۇ، ئىناۋەت نومۇرۇم 560 تىن پەقەت ئۆسمىدى، قانداق ئىشتۇ دوسلا بىلىدىغانلا، بولسا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلا، كارتا ئالماشتۇرغاننىڭ ئىشىمۇ ياكى باشقا تەڭشەيدىغان يېرى بارمۇ بىلىۋالساق بولاتتى، !
-نادىر- ۋاقتى: 2018-1-25 08:48:09
ئالپاي ئىشلىتۋاتقىلى بەك ئۇزۇن يىل بولدى ،تېلفۇن ھەققى تاپشۇرۇشمۇ قولاي
كىيىك ۋاقتى: 2018-1-25 11:38:51
مۇشۇ ئالپاي ھىساباتىدا ئۆينىڭ يەتتە خانلىق بېشغا 099867دىگەندەك سان كىلدىغان تىلگىراف نۇمۇرغىمۇ پۇل قاچلىغىلى بولدىكەن، مەن ئۆزۈم قاچلىيالماي دۇكاندار يولداشقا قاچلاتسام بىر يۈەن ھەق ئېلىپ ئالپايدا دىتالىدا قاچلاپ بەردى، مەن شۇ ئۆي تىلفۇننىڭ پۇل قاچلاش كۆزنىكىنى پەقەت تاپالمىدىم، بىلدىغانلار قالدۇرۇپ قويساڭلار قانداق قاچلايمىز
izgu999 ۋاقتى: 2018-1-25 13:05:24
  مەنمۇ ئۇزاق بولدى مۇشۇ ئالىپايدا پۇل قاچىلاپ كېلىۋاتىمەن. ئاساسەن تاۋباۋدا نەرسە سېتىۋالىدىغان بولغاچقا،  تاۋباۋ دىكى دەرىجەممۇ ئۆسۈپ  خېلى بولۇپ  قالدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ، ئالىپايدىكى دەرىجەممۇ ئۆسۈپ مېڭىۋاتىدۇ. تاۋباۋدا ياخشى يامان ھەممە خىل مال بار. دوستلار ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلساڭلارلا ناچار ماللارنى پەرقلەندۈرۈپ ، ياخشى مال سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ھەم كۆپ ئەرزان.
司令 ۋاقتى: 2018-1-25 15:16:13
مۇشۇ ئالىپاي بوپ قۇيدۇ جۇما
yakupqan ۋاقتى: 2018-1-25 19:26:52
تۆمۈريول خەۋەرلىشىشنىڭ يەتتە خانىلىق نومۇرىغا پۇل قاچىلايدىغان سېستىما بولسا تەۋسىيە قىلىڭلا
于于于于于 ۋاقتى: 2018-1-27 21:44:41
كىيىك يوللىغان ۋاقتى  2018-1-25 11:38
مۇشۇ ئالپاي ھىساباتىدا ئۆينىڭ يەتتە خانلىق بېشغا 099867د ...

رەسىمدىكى سىزىپ قويغان بويىچە كىرسىڭىز.بىرلەشمە بىلەن تېلېگرافنىڭ مۇقىم تېلېفونغا پۇل قاچىلىغىلى بولىدۇ.
IMG_20180127_214004.png
IMG_20180127_213902.png
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部