+تېما يوللاش
esir يوللانغان ۋاقتى:2018-1-24 14:41 4610 قېتىم كۆرۈلدى 22 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

تەييارلىق: قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىش يۇمشاق دېتالى- Disk Genius
ئىگە تەرەپ چۈشۈرۈش ئادرېسى: www.diskgenius.cn
بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ، قاتتىق دېسكىدىكى نۆۋەتتە ساقلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا، بۇرۇن ساقلىنىپ قالغان ئىزلارنى پاكىز ئۆچۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
كومپيۇتېرغا Disk Genius يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. ياكى بولمىسا، بۇ دېتال ئوپتىك دېسكا ۋە بارماقدېسكىدىن قوزغىلىدىغان WinPE لاردا بىللە تەمىنلىنىدۇ. كومپيۇتېرنى WinPE ئارقىلىق قوزغىتىپ بىۋاسىتە ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.
مەشغۇلات باسقۇچى:
1. DiskGenus نى قوزغاتساق، قاتتىق دېسكىنى تەكشۈرۈپ، رايون جەدۋىلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
01.JPG
2. بىز D رايوننى تازىلىماقچى دەپ پەرەز قىلايلى، D رايوننى تاللىغاندىن كېيىن، 【工具】تىزىملىكىنى ئېچىپ، 【清除分区空闲空间】 بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز.
02.jpg

بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى چىقىپ، D رايوننىڭ نامى، سىغىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇلارنىڭ مەنىسى: «بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتسىڭىز، مەزكۇر رايوندىكى بىكار بوشلۇقنى (نۆۋەتتىكى قۇرۇق بوشلۇق) ئۈزۈل- كېسىل تازىلايدۇ، ئۆچۈرگەندىن كېيىن، قۇرۇق بوشلۇقتا بۇرۇن ساقلانغان بارلىق سانلىق مەلۇماتلار يوقايدۇ ۋە ھەر قانداق ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرۈش قورالى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ» دېگەندىن ئىبارەت.
03.JPG
【清除】 كونۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرساق، D دېسكىدا ساقلانغان ھۆججەتلەرگە تەسىر يەتكۈزمەستىن، بۇرۇندىن قېپقالغان ئىزلارنى پاك پاكىز ئۆچۈرىدۇ. بۇ جەريانغا ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. بۇ ئۇسۇلنىڭ تازىلاش ئۈنۈمى قاتتىق دېسكىنى تۆۋەن دەرىجىلىك فورماتلاش بىلەن ئوخشاش.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى باشلانغاندىن كېيىن مەجبۇرىي ئاياغلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
2. تازىلاش جەريانىدا قاتتىق دېسكا پۈتۈن سۈرئەتتە جىددىي ئوقۇش- يېزىش مەشغۇلاتى قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ جەرياندا كومپيۇتېرنى يۆتكەشكە قەتئىي بولمايدۇ، باشقا مەشغۇلات قىلماي ساقلاپ تۇرۇڭ.
3. بۇ مەشغۇلاتنىڭ قاتتىق دېسكىنىڭ ئۆمرىگە نىسبەتەن بەلگىلىك زىيىنى بار.

مەنبە: بوستان كومپيۇتېر تېخنىكا سالونى
000.jpg

22ئادەم ئىنكاس يازدى

nawayi ۋاقتى: 2018-1-24 15:48:43
رەھمەت سىزگە بىلىۋالدىم
akax410 ۋاقتى: 2018-1-24 17:24:40
بىلۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىكەن رەھمەت سىزگە
tursunxayar ۋاقتى: 2018-1-24 20:34:23
ھەقىقەتەن ياخشى قورال بۇ
2635210282 ۋاقتى: 2018-1-24 21:16:45
رەھمەت   سىزگە،
ئەخمەت@ ۋاقتى: 2018-1-24 21:48:50
بۇ ئۇسۇل بىلەن تېلفۇننىڭ قاتتىق دىسكىسىنىمۇ تازلىغىلى بولامدۇ
2559611932 ۋاقتى: 2018-1-24 22:37:38
ئىچىدىكى ساقلاغلىق ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋەتمەس.
ئاتەش11 ۋاقتى: 2018-1-24 22:51:40
ئېسىل تېما بولۇپتۇ. رەھمەت سىزگە ، تېما ئىگىسى.
جاھاندار ۋاقتى: 2018-1-24 23:05:28
ئىسىل مەزمۇنلار تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە تەشەككۇر
uystar ۋاقتى: 2018-1-24 23:41:08
تېما ئىگىسى بۇ دېتال بىلەن سىز دېگەن ئۇسۇل بويۇچە د دىسكىنى تازلىدىم، تازلاپ بولۇپ قارىسام، د دىسكامنىڭ 24گ ئىشلىتىلمىگەن بوشلۇقى بارئىدى بىراقلا يوق بولۇپ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان بوشلۇق 0 بوپ قالدى، دېمەكچى د دېسكامدىكى 24گ ئىشلىتىلمىگەن بوشلۇق يوقاپ كەتتى، خەنزۇچە مەنبەلەردىن كۆرۈپ باقساممۇ  ماڭا ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققانلار خېلى بارئىكەن، ئەمما ھەل قىلىش ئۇسۇلى يوق،  ئەمدى بۇ يوقاپ كەتكەن بوشلۇقنى قانداق ئۇسۇل بىلەن قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ، ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز؟
esir ۋاقتى: 2018-1-25 00:16:04
ئەخمەت@ يوللىغان ۋاقتى  2018-1-24 21:48
بۇ ئۇسۇل بىلەن تېلفۇننىڭ قاتتىق دىسكىسىنىمۇ تازلىغىلى ...

بولمايدۇ
arkin07 ۋاقتى: 2018-1-25 11:30:59
uystar يوللىغان ۋاقتى  2018-1-24 23:41
تېما ئىگىسى بۇ دېتال بىلەن سىز دېگەن ئۇسۇل بويۇچە د دىس ...

بۇنى ئوڭشاشنىڭ ئۇسۇلى :ئاۋال دىسكىسىكى بارلىق مۇھىم ماترىياللارنى باشقا دىسكىغا يۆتكەپ ،ئاندىن سىغمى نۆل بۇلۇپ قالغان دىسكىنى قايتىدىن فورماتلىسڭىز ئەسلىگە كىلدۇ !
ئاخرىدا قىستۇرۇپ قۇيدىغنىم ،دىسكىغا مۇناسۋەتلىك تېملارنى ئاۋال سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ ،ئاندىن يوللىغايسىلەر !
nabijan ۋاقتى: 2018-1-25 12:59:16
تېما شۇنداق ياخشى بوپتۇ. رەھمەت. بولسا مۇشۇنى تەرجىمە قىلىدىغانلار چىقامۇ؟ ياخشى دېتال ئىدى.
esir ۋاقتى: 2018-1-25 14:59:47
arkin07 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-25 11:30
بۇنى ئوڭشاشنىڭ ئۇسۇلى :ئاۋال دىسكىسىكى بارلىق مۇھىم م ...

سىغىمى نۆل بولۇپ قالغان دېسكىدىكى مۇھىم ماتېرىياللارنى باشقا دېسكىغا يۆتكەپ ئاندىن يەنە شۇ نۆل بولۇپ قالغان دىسكىنى فورماتلىسىڭىز ئەسلىگە كېلىدۇ؟ سىز سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ يوللىدىڭىزما؟
esir ۋاقتى: 2018-1-25 15:11:19
uystar يوللىغان ۋاقتى  2018-1-24 23:41
تېما ئىگىسى بۇ دېتال بىلەن سىز دېگەن ئۇسۇل بويۇچە د دىس ...

نورمال ئەھۋالدا بۇنداق مەسىلە كېلىپ چىقمايدۇ، بەلكىم د رايوندا فىزىكىلىق بۇزۇق رايون بولۇشى ياكى تازىلاش جەريانىدا ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇۋاتقان شۈنلېي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا يۇمشاق دېتاللار د دېسكىنى زىيارەت قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن. سىزگە تەكلىپ:
ئىشلىتىشكە بولىدىغان بوشلۇقى 0 بولۇپ قالدى دەپسىز. ئەگەر د دىسكىڭىزنى يەنىلا نورمال ئېچىپ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆرگىلى بولسا، مۇھىم ھۆججەتلەرنى باشقا رايونغا يۆتكەپ د رايوننى فورماتلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر پۈتكۈل د رايون 0 بولۇپ قېلىپ نورمال ئېچىپ كۆرگىلى بولمىسا، Diskgenius تا د رايوننى قايتا قۇرۇڭ، ئاندىن Disk Genius تا د دېسكىنى ئوڭ چېكىپ، 删除和格式化后的文件恢复 بۇيرۇقىدىن پايدىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ، ئەگەر د رايونغا باشقا مەشغۇلات قىلمىغانلا بولسىڭىز، 100 پىرسەنت ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز.
kichikoghul ۋاقتى: 2018-1-25 15:16:05
بۇ دېتالنىڭ قاتتىق دېسكىنى رېمنۇتلاش ئىقتىدارىمۇ بارمۇ ؟ بىر چاغلاردا  رۇھلاندا قاتتىق دېسكىنى رېمنۇتلاش دەپ بىر تېما كۆرگەن ئىدىم. ئەمما قايسى دېتال ئىكەنلىكىنى ئىسىمگە ئالالمىدىم.
esir ۋاقتى: 2018-1-25 15:44:51
kichikoghul يوللىغان ۋاقتى  2018-1-25 15:16
بۇ دېتالنىڭ قاتتىق دېسكىنى رېمنۇتلاش ئىقتىدارىمۇ بارم ...

رېمونتلاش ئىقتىدارى يوق، لېكىن رېمونتلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان قورال. رايون جەدۋىلى، ھۆججەت سىستېمىسىدا خاتالىق كۆرۈلسە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئوڭشىغىلى بولىدۇ، يەنە فىزىكىلىق بۇزۇق رايوننى  ئېنىقلىۋېلىپ، بۇنىڭ رايونغا بۆلۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بۇزۇق سېكتورنى ئايرىۋېتىپ ساق قىسىمىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
subat118 ۋاقتى: 2018-1-25 19:48:31
win10  دا  قاتتىق دىسكىنىڭ سۇنۇق ، ،پارچىللىرىنى رەتلەش  دەپ  ئىقتدار  (粉碎整理 )باركەن ، ئۇنى ئىشلەتسەك نىم  پايدىسى بار  
esir ۋاقتى: 2018-1-25 21:51:42
subat118 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-25 19:48
win10  دا  قاتتىق دىسك&#1609 ...

قاتتىق دېسكىنىڭ سۇنۇق پارچىلىرىنى ئەمەس، قاتتىق دېسكىدىكى ھۆججەت پارچىلىرىنى رەتلەيدۇ، ھۆججەتلەر رەتلىك بولسا سىستېمىنىڭ راۋانلىقىغا بەلگىلىك پايدىسى بار.
bulbulla ۋاقتى: 2018-1-26 08:47:22
بۇ دىتالدىن پايدىلىنىپ TFكارتا،u盘لەرنى مۇ ئەسلىگە كەلمەيدىغان قىلىپ تازىلىغىلى بولامدۇ تېما ئىگىسى؟
3131446363 ۋاقتى: 2018-1-26 10:15:08
uystar يوللىغان ۋاقتى  2018-1-24 23:41
تېما ئىگىسى بۇ دېتال بىلەن سىز دېگەن ئۇسۇل بويۇچە د دىس ...

سىز ئالدى بىلەن بارلىق ھۆججەتلەرنى (بۇ يەردە كومپيۇتېردىكى ھەممە نەرسىنى دىمەكچىدە) باشقا دىسكىغا (يەنى سىغىمى چوڭراق يىدوڭ يىڭپەن) كۆچۈرىۋىلىپ، ئاندىن پۈتۈن دىسكىنى فورماتلاپ، ئاندىن تىمىدا دىيىلگەن ئۇسۇل بىلەن تازىلاپ، ئۇنىڭدىن كىيىن قايتىدىن سېستىما قاچىلاپ، كۆچۈرىۋالغان ھۆججەتلەرنى جايىغا كۆچۈرىۋالسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سۈرئىتىنىڭ خىلىلا تىزلىشىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز.
بۇ سىناقتىن ئۆتكەن ئۇسۇل..  سىناپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
3131446363 ۋاقتى: 2018-1-26 10:17:11
esir يوللىغان ۋاقتى  2018-1-25 15:44
رېمونتلاش ئىقتىدارى يوق، لېكىن رېمونتلاشتا كەم بولسا ...

بۇزۇق رايۇننى قانداق ئىنىقلاپ، قانداق يوشۇرىمىز.
مۇشۇ توغرىسىدا ئازراق تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.
weli ۋاقتى: 2018-1-28 23:32:41
ئىسىل تېما بولۇپتۇ ، ھەممىمىزگە ئەسقاتقۇدەك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部