+تېما يوللاش
TARQAT يوللانغان ۋاقتى:2018-1-23 21:25 1282 قېتىم كۆرۈلدى 16 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش

.يىقىندىن بۇيان بىلوگ ئىچىشقا قىززىقىدىغانلار سەل كۆپەيگەن چىراي،بىلوگ قۇرغۇسى بار لىكىن ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي قالغانلار خىلى كۆپكەن.مەنمۇ دەسلەپتە بىلوگ قۇراي دەپ  باشلىغاندا جىق ئ‍ەگرى-بۈگرى يوللارنى ماڭغان، باشتا بىلوگنى ئۆزۈم نۆلدىن يازىدىغان نوچى دەپ ،خىلى ۋاقىت سەرپ قىلىپ يىزىپ چىقتىم،لىكىن يوچۇقنى ياماپ بولالماي ئاخىرى تاشلىۋەتتىم،كىيىن سەل مۇكەممەلراق بىلوگ سىستىمىسىنى ئىشلىتەي دەپ wordpress نى تاللىدىم،ئ‍ۆزۈمگە يارىغۇدەك ئۇسلۇب تاپالماي، ئۆزۈم يىزىپ چىققان html بەتنى ھەپلىشىپ يۈرۈپ wordpress كە ئۆزلەشتۈردۈم ،ھەممنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ بوشلۇقۇمغا يوللۇدۇم،بىلوگ يېزىشنى ئەمدى باشلايدىغان بولدۇم دەپ قاراپ ئولتۇرسام بىلوگۇم ئىككى مىنۇتتا ئاران ئىچىلدى،قايتا قايتا سىنىساممۇ يەنە شۇنداق،ئىچىمدە قوي تۆگە (草泥马) دىن نەچچە مىڭنى دەپ بۇنىمۇ تاشلىۋەتتىم ,ئەمدى يىنىكرەك بىلوگ سىستىمىسىدىن بىرنى تاپمىسام بولماپتۇ دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ typecho  نى تاپتىم،بۇ سىستىمىنى دوغاپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بوپتىكەن،قارىسام چوڭ كىچىكلىكى 400k ئەتراپىدىكەن،ھە مۇشۇ بولىدىكەن دەپ ئ‍ۆزۈم ياقتۇرغان بىر ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ ئۆزگەرتىپ بىلوگنى ماڭدۇرۋالدىم،نۇرغۇن جەريانلارنى بىسىپ ئۆتكەندىن كىيىن بىلوگ مانا  ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلدى.بىلوگ قۇرۇش ئويىدا بولۋاتقان تورداشلارغا typecho نى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن.

typecho بولسا سۈرىتى تىز،سىغىمى كىچىك ..... قاتارلىق ئالاھىدىكلەرگە ئىگە بولغان بىرخىل بىلوگ سىستىمى(بەش مىنۇتتا چەستەي بىلوگدىن بىرنى قۇرۋەتكىلى بولىدۇ دىمەكچىدە بۇيەردە).


ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك،مەن تورداشلارغا typecho دا قانداق قىلىپ بىلوگ قۇرۇپ چىقىشنى كۆرسىتىپ قويماقچى،باشلاپ كەتتۇق ئەمىسە!


#  typecho  ئىجرا بولۇش مۇھىت ئۆلچىمى
*  PHP 5.4 دىن يۇقىرى بولۇش كىرەك.
*  MySQL, PostgreSQL, SQLite قاتارلىق ساندانلاردىن  خالىغان بىرسى بولۇش كىرەك ھەمدە PHP گە ماس ھالدىكى كىڭەيتمىلەر قاچىلانغان بولۇشى كىرەك.
*  CURL قوللىشى كىرەك.

#  typecho نى چۈشۈرۈش
*  ئۇيغۇرچە typecho سىتىمىسنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
*  微云 چۈشۈرۈش ئادرىسى

#  typecho  نى قاچىلاش
ئۈستىدىكى ئادىرىستىن چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن بولاقتىن يىشىمىز،ئاندىن `typecho`  ھۆجىتىنى بوشلۇقىمىزغا يوللايمىز،ئاندىن توركۆرگۈچ ئارقىلىق مۇشۇ مۇندەرجىنى ئاچىمىز،تۆۋەندىكى رەسمدىكىدەك چىققان بولسا دىمەك ئالدىنقى باسقۇچلىرى ھەممىسى مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دىگەن گەپ.



ئەسكەرتىش:ساندان نامىنى تولدۇرغاندا دىققەت قىلىش كىرەك،ئەگەر يەرلىكتە قاچىلىغاندا تولدۇرغان ساندان چوقۇم ئالدىن قۇرۇپ تەييار قىلىپ قويۇلغان بولۇشى كىرەك.



ئەسكەرتىش:سىستىما ئۆزىدىكى ئۇسلۇبنى يۇيۋەتكەن،شۇڭا رەسىمدىكى Affinity دىگەن ئۇسلۇبنى قوزغىتىشىمىز كىرەك،بولمىسا باش بەتتە خاتالىق كۆرىلىدۇ.


دىمەك بىلوگ  ئاساسى جەھەتتىن پۈتتى دىگەن گەپ،بىلوگىرلىق ھاياتىڭىزنى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ!!
(قەلىمىم ئاجىزراق ئەيىپكە بۇيرۇمايسىلەر)

16ئادەم ئىنكاس يازدى

esir ۋاقتى: 2018-1-24 00:25:50
ئېسىل تېما، شۇغىنىسى تېخىمۇ تەپسىلىيرەك يېزىۋەتكەن بولسىڭىز سەت ئېسىل ئىش بولاتتىكەن

باھا سۆز

قاچىلاش بەك ئاسان،يولۇققان مەسىىلەرنى ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭلار  ۋاقتى: 2018-1-24 12:04
uyghurdetal ۋاقتى: 2018-1-24 00:40:06
دوغاپ مۇشۇنى ئانچە مۇنچە يېڭىلاپ قويسا بولاتتى. ھازىر رەسمىي نەشرى 1.1 گە چىقىپتۇ. مۇشۇ سىستېمىنىڭ ئۇسلۇبى سەل جىقايسا بولاتتى.

باھا سۆز

ئۇسلۇبىنى تەرجىمە قىلىش ئاسان،ھەممىمىز كۈچىسەك ئۇسلۇبى جىقىيىدۇ  ۋاقتى: 2018-1-24 12:02
nurahmat ۋاقتى: 2018-1-24 01:40:16
بىرزامانلاردا بلوگباس قىزىدى، كېيىن ۋوردپرەس بىر مەزگىل دەۋر سۈردى، ئەمدى ماۋۇ سىستېما چىقىپتۇ، ھەقىقەتەن شۇنچە نوچىمىكە؟ بۇۇسىستېما چىققىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بولدىغۇ دەيمەن

باھا سۆز

ھە خىلى ئۇزاق بولدى،خىلى يامان ئەمەس ئۇسلۇبلىرى بار،مۇھىمى بەك يىنىڭ  ۋاقتى: 2018-1-24 12:00
stilly ۋاقتى: 2018-1-24 09:19:57
ياخشى تېما بوپتۇ . ئۇزاق زامانلار بولغان سىلىگە بىلوگ دۇنياسىدىن يوقاپ كەتكىلى . ئوقۇشنىمۇ ئوقۇيلى،ما كونا كەسىپنى تاشلىمايلى دەيمە تارقاتجون.

باھا سۆز

ياق تاشلىۋەتمەيمىز  ۋاقتى: 2018-1-24 11:59
ئاتەش119 ۋاقتى: 2018-1-24 11:20:49
مىنىڭمۇ ئاچقۇم بار ئىدى ، بولىدىغان تور نامىدىن بىر نەچچىنى بېسىپ ياتقىلى بىرەر يىلدىن ئىشىپ قالدى . ئەمما قايسى تۈرنى ئاساس قىلىشنى بىلمەي قالدىم ، بۇرۇنمۇ ئىچىپ باققان بىرنەچچىنى،
ئەمما نەچچە قىتىملىق تەجىربىلىرىمنى يەكۈنلىسەم ھىچ قاملىشىدىغاندەك ئەمەس ، بىرنەچچە ۋاقىت باشقىلارنىڭكىنى كۆرگەچ تەجىرىبە توپلاشنى توغرا كۆردۈم ،
TARQAT ۋاقتى: 2018-1-24 11:49:21
esir يوللىغان ۋاقتى  2018-1-24 00:25
ئېسىل تېما، شۇغىنىسى تېخىمۇ تەپسىلىيرەك يېزىۋەتكەن بو ...

بۇ مۇرەككەپ ئەمەس ،قاچىلاش بەك ئاسان،ئەگەر چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا ،ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار ئورتاق ھەل قىلىمىز
تەشنا4433 ۋاقتى: 2018-1-24 12:25:02
بۇرۇن wordpress تا بىلوگ قۇرۇش مودا ئىدى ھازىر  يەنە يېڭىلىقلار كۆپقۇ  كۆپ رەھمەت سىزگە
3425197422 ۋاقتى: 2018-1-24 13:24:16
مۇشۇ سىستېمىنىڭ ئۇسلۇبى سەل جىقايسا بولاتتى.
alwun ۋاقتى: 2018-1-24 17:29:49
مەنمۇ wordpress تىن بۇ سىستىمغا كۈچەي دەپ  دوغاپ  تەرجىمە  قىلغان ئۇيغۇرچە typecho بوشلۇققا يۈكلىدىم ئەمما سىتىما قاچىلانمىدى سەۋەبىنى بىلەلمىدىم ؟
typecho ئورگان بىتىدىن ئۈز تىلدىكىنى قاچىلىسام نۇرمال قاچىلاندى .
مەنمۇ تەرجىمە قىلغىننى ئىشلەتسەم تارقاتجۇن بىر كۈرسەتمە بەرسىڭىز .

باھا سۆز

قانداق خاتالىق چىققىنىنى ماڭا رەسىم كىسىپ يوللاپ بىرىڭ،مەن كۆرۈپ باقاي  ۋاقتى: 2018-1-24 23:24
begtash ۋاقتى: 2018-1-26 13:59:43
بلوگىڭىزنىڭ ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويمامسىز؟

باھا سۆز

http://www.tarqat.com/  ۋاقتى: 2018-1-27 09:44
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部