+تېما يوللاش
esir يوللانغان ۋاقتى:2018-1-23 19:01 3510 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
قانداق مەخپىي شىفىر ئەڭ بىخەتەر

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە ئۆزەكلىك كارتا ئىستېمال شەكلىنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن، مەخپىي نومۇر كشىلەرنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر نەرسىگە ئايلاندى. كومپيۇتېر ۋە يانفوندا بولسۇن، بانكا كارتىسى ياكى يانفون كارتىسىدا بولسۇن... بىر گۇرۇپپا مەخپىي نومۇر بىزنىڭ سالاھىيىتىمىزنى دەلىللەيدىغان ئاچقۇچىمىز بولۇپ قالدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، مەخپىي نومۇر بىخەتەرلىكىمۇ بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.                           
001.jpg
ئادەتتە يانفون ۋە كومپيۇتېرغا مەخپىي نومۇر سېلىپ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىمىزنى قوغدىغاندىن سىرت، يەنە بانكا كارتىسى، يانفون خەۋەرلىشىش كارتىسى، كەڭ بەلۋاغلىق تور ۋە سىمسىز تور قاتارلىقلارنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك. يەنە ئېلخەت، ھەر خىل ئۈچىنچى تەرەپ پۇل مۇئامىلە تېرمىناللىرى، ئىجتىمائىي ئالاقە... مەخپىي شىفىرسىز دۇنيا تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغمايدۇ. بەلكىم يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە مېخانىكىلىق مەخپىي شىفىر يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ بىخەتەر ۋە ئەستە ساقلاش ھاجەتسىز بولغان رەڭدار پەردە پەرقلەندۈرۈش، چىراي پەرقلەندۈرۈش، بارماق ئىزى قاتارلىق بىئولوگىيەلىك شىفىرلاش شەكىللىرىنىڭ ئىگەللىشى مۇقەررەرلىك بولسىمۇ، نۆۋەتتە يەنىلا مېخانىكىلىق (ھەرپ- بەلگىدىن تەشكىل تاپقان) مەخپىي شىفىر ئاساسىي ئورۇندا تۇرماقتا.
002.jpg
ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ مەخپىي شىفىرىنى باشقىلارنىڭ بىلىۋېلىشىنى خالىمايدۇ. مەخپىي شىفىر بەكلا ئاددىي بولۇپ قالسا، ئەستە ساقلاشقا قولايلىق بولغان بىلەن، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، شىفىر بەكلا مۇرەككەپ بولۇپ كەتسە بىخەتەر بولغىنى بىلەن ئەستە ساقلاش ناھايىتى ئەپسىز.
ئۇنداقتا، مەخپىي شىفىرنى قانداق ئورناتقاندا باشقىلارنىڭ پەرەز قىلىپ تېپىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ۋىرۇس ۋە خاككېرنىڭ ھۇجۇمىدىنمۇ ساقلانغىلى بولىدۇ؟
003.jpg
تۆۋەندە كۆپ ئۇچرايدىغان مەخپىي شىفىر ئۈلگىلىرىگە بىر بىرلەپ نومۇر قويىمىز:
1. ئارقىمۇ ئارقا ياكى تەكرار ساندىن تۈزۈلگەن مەخپىي شىفىر- بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى يېرىم يۇلتۇز. ئادەتتە ساۋاتسىز ئادەملەر ئىشلىتىدۇ. يەسلىنى لاياقەتلىك پۈتتۈرگەن بولسىڭىز بۇنداق ھاڭۋاقتىلىقنى تاشلاڭ.
2. قانۇنىيەتلىك سانلار گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلگەن مەخپىي شىفىر- بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى بىر يۇلتۇز. ئەستە تۇتۇشىڭىزغا ناھايىتى قولاي بولۇشى مۇمكىن، لېكىن باشقىلار سەللا دىققەت قىلسا بىلىۋالىدۇ. خاككېرلارغۇ بۇنداق ئاددىي شىفىرنى ئۆزىگە ھاقارەت دەپ بىلىدۇ.
3. ساپ سان ياكى ساپ ھەرپتىن تۈزۈلگەن، ئىسىم، تۇغۇلغان كۈن، يانفون نومۇرى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخپىي شىفىر- بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئىككى يۇلتۇز. بۇنداق مەخپىي شىفىر ئىشلىتىشنىڭ قانچىلىك ھاماقەتلىك ئىكەنلىكىنى دېمەيلا قوياي.
4. سان ۋە ھەرپ ئارىلاش كەلگەن، ئىسىم ۋە مەنىلىك سانلارنى تەرتىپلىك ئىشلىتىپ تۈزۈلگەن مەخپىي شىفىر- بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئۈچ يۇلتۇز. مۇنبەر ۋە خەۋەر تور بېكىتى دېگەندەك ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق جايلاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
5. سان ۋە ھەرپ ئارىلاش كەلگەن، ئىسىم ۋە مەنىلىك سانلارنىڭ ھەرپ- خانىلىرىنى تەرتىپسىز ئالماشتۇرۇپ تۈزۈلگەن مەخپىي شىفىر- بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆت يۇلتۇز. ئىككى قەۋەت شىفىر ئارقىلىق قوغدىلىدىغان سۇپىلاردا ئىشلەتسەك بولىدۇ.
6. سان، ھەرپ ۋە تىنىش بەلگىسى، تىرناق، شۇنىڭدەك ئالاھىدە بەلگىلەردىن ئارىلاش تۈزۈلگەن مەخپىي شىفىر- بىخەتەرلىك دەرىجىسى بەش يۇلتۇز. ئېلخەت، پۇل- مۇئامىلىگە چېتىلىدىغان ۋە ئۆتكۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇپىلاردا بۇ شەكىلدىكى مەخپىي شىفىرنى ئاپتور ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ.

خوش، ھەر خىل شەكىلدىكى مەخپىي شىفىرلارنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئاساسەن بىلىۋالدۇق. مەخپىي شىفىرنى بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك بىخەتەر قىلىپ ئورنىتىۋالساقلا ئىش تۈگەمدۇ؟ توختاڭ، گەپ بار. ئۈندىدار، QQ، مىكرو بىلوگ، ئالىپاي، تاۋباۋ، تور بانكا... يەنە نۇرغۇنلىغان ئورۇندا ئوخشاش بىر مەخپىي شىفىرنى تەكرار ئىشلىتىشنىڭ قانچىلىك ھاڭۋاقتىلىق ئىكەنلىكىنى دېمىدىم تېخى!
004.jpg
ئۇنداقتا، ئوخشىمىغان ئورۇندا ئوخشىمىغان مۇرەككەپ مەخپىي نومۇرنى ئىشلەتسەك، قانداق ئەستە ساقلاپ بولغىلى بولىدۇ؟ دەپتەرگە يازغىلى تېخى بولمىسا...
مەخپىي نومۇرغا ئىشلەتكەن ھەرپ ۋە سانلار ھامىنى ئۆزىمىزلا بىلىدىغان بىر مەنىگە ئىگە بولغان بولىدۇ، ھېچكىممۇ ئىختىيارەن مەنىسىز سان ۋە ھەرپلەرنى مەخپىي شىفىر قىلىپ ئورناتمايدۇ. ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا مەخپىي شىفىر ئورناتقاندا ھەرپ- بەلگە تىزىقى ئىچىدىكى بىر ياكى بىر قانچە بەلگە (مەسىلەن: تىنىش بەلگىسى، تىرناق ۋە باشقا ئالاھىدە بەلگىلەر) نى ئۆزگەرتىپ قويساق بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ئورۇندا ئۈندەش بەلگىسى ئىشلەتكەن بولساق، يەنە بىر ئورۇندا سوئال بەلگىسى، بىرسىدە تىرناق، يەنە بىرسىدە چوڭ تىرناق ۋە ياكى... ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر چۈشىنىپ بولدى. بۇنداق بولغاندا بىر تەرەپتىن مەخپىي شىفىرنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنتۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
مەزكۇر تېمىدا نەزەردىن ساقىت قىلىنغان يەنە بىر مۇھىم بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى- مەخپىي شىفىرنىڭ خانە سانى بولۇپ، ئاساسەن بارلىق مەخپىي شىفىر ئورنىتىدىغان تور بەت ۋە تېرمىناللار ئەڭ تۆۋەن خانە سانىغا چەكلىمە قويغاچقا، خانە سانىنى بېكىتىلگەن چەكلىمىدىن ئاز قىلىۋالغىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا بۇ ھەقتە توختالمىدۇق. ئەلۋەتتە، ئامال بار خانە سانى يۇقىرىراق بولسا ياخشى.
يولۇققان مەسىلىلەر بولسا ئۇچۇر ياكى ئىنكاس قىلىڭ، بىرلىكتە ئىزدىنىمىز.
مەنبە: بوستان كومپيۇتېر تېخنىكا سالونى
000.jpg

8ئادەم ئىنكاس يازدى

LUosfER ۋاقتى: 2018-1-23 20:20:48
كۆز ،چىراي،بارماق ئىزى دىگەندەكلەرنى تونۇپ ئېچىلىدىغان قۇلۇپلارنىمۇ بىخەتەر دىيىش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس، چۈنكى سىز ئۇخلاپ قالدىڭىز ياكى بېرەر كىلىشمەسلىك يۈز بېرىپ قالسا، چىرايېڭىزنى تۇنۇتۇپ بارمىقىڭىزنى تۇنۇتۇپ ئېچىۋېرەلەيدۇ،
مىخانىڭ مەخپىي نۇمۇر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسە تېخىمۇ بىخەتەر بۇلىدۇ چۈشكى مىڭىنى ئېچىپ مەخپىي نۇمۇرلىرىڭىزنى كۆرىۋالغىلى بولمايدۇ.
مىنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم يەنىلا مىخانىڭ مەخپىي نۇمۇر.
tirixqan008 ۋاقتى: 2018-1-23 20:26:30
مەخپى نومۇر ئورۇنتىشدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئۇسۇل بولسا ھەممە تىزمىلىتىدىغان يەرگە ئوخشاش مەخپى نومۇر ئىشلىتىش بۇ ئەڭ خەتەرلىك مەشغۇلات .مەن بىر ھەپتە بۇرۇن قاتتىق چۈچۈپ كەتتىم ئادەتتە مەن كۆپۈنچە توربىكەتلەرگە تىزىملاتقانداق ئوخشىشىپ كىتىدىغان مەخپى نۇمۇر ئىشلىتەتتىم .بەش كۈن بۇرۇن ئالپياي ئاچسام مىنىڭ ھىسابا
نۇمۇرمۇنى تىيەنجىننىڭ بىر IP ئادىرسىدا باشقىلا ئىچىپتۇ .بىراق مەخپى نۇمۇرنى كەينى كەيندىن خاتا كىرگۈزگەچكە ئالىي بابا مىنىڭ ھىسابات نومۇرۇمنى توڭلۇتۇپ قويۇپتۇ .كىيىن ئىلتىماس قىلىپ قايتا ئىچىۋالدىم .ھەنىم بولسا ھەر قايسى سۇپىلاردىكى مەخپى نومۇرۇم ئوخشاش ئەمەسكەن بولمىسا مەن تۈگۈشەتتىم.
تەشنا4433 ۋاقتى: 2018-1-23 21:06:04
كۆپ رەھمەت
@بەخىت ۋاقتى: 2018-1-23 21:27:42
ھەرىپ بەلگىلەرنى ئارىلاشتۇرغىنى بىخەتەرمىكىن مىنىڭچە
bengbash ۋاقتى: 2018-1-24 00:16:13
باشقا ئۈسكىنىدە چىقسا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق دەلىللەشكە تەڭشەپ قويسا، ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ، مېنىڭچە.
كىيىك ۋاقتى: 2018-1-24 05:21:22
LUosfER يوللىغان ۋاقتى  2018-1-23 20:20
كۆز ،چىراي،بارماق ئىزى دىگەندەكلەرنى تونۇپ ئېچىلىدىغ ...

پىكرىڭىزنى قوللايمەن،
izgu999 ۋاقتى: 2018-1-25 13:08:01
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت. بۇ تېمىنىڭ بىزگە كۆپ ياردىمى بولدى. مەنمۇ ئەزەلدىن  ئېسىمدە قېلىش ئاسان بولۇش ئۈچۈن ھەممىڭلار نەرسىدىكى مەخپىي نومۇرۇم بىر خىللا ئىدى. تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن  مەخپىي نومۇرۇمنى  ئۆزگەرتىۋالدىم. بولمىسا بۇ ئۇسۇلنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە  ئانچە ئېتىبار بەرمەي ، كېلىۋاتقان ئىكەنمەن،  رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部