+تېما يوللاش
uyghur يوللانغان ۋاقتى:2018-1-22 17:09 5124 قېتىم كۆرۈلدى 26 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
گوگۇل ئۆزىنىڭ يانفونى Pixel/Nexus نى ئاندرويد 8.1 نىڭ رەسمىي نەشىرىگە يېڭىلىدى. دۆلىتىمىزنىڭ خۇاۋېي، شىياۋمى قاتارلىق كارخانىلارمۇ ئۆزىنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك يانفونىنىڭ سىستېمىسنى ئاندرويد 8.0 كە يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشنى ئەۋەتتى.
20180121195659_4664.jpg
گوگۇل يېڭى بىر ئەۋلاد كۆچمە ئۈسكۈنىلەر سىستېمىسى ئاندرويد 9 نىڭ بەزى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىدى. ئاندرويد 9 نىڭ ۋاكالەت نامى Pie بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ چوڭ ئۆزگىرىش بار.
1. ئاندرويد 9.0 نى گوگۇل بىر تۇتاش ئەۋەتىدۇ.
ئاندرويد 9.0 قاچىلانغان بارلىق يانفونغا گوگۇل بىر تۇتاش يېڭىلاش ھۆججىتى ئەۋەتىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر ھەر قايسى OEM كارخانلىرىنىڭ سىستېمىسنى ماسلاشتۇرۇپ يېڭىلىشنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ. شىياۋمى، خۇاۋېي، ئوپپو دېگەندەك يانفونلارمۇ گوگۇلنىڭ Pixel يانفونى بىلەن بىر ۋاقىتتا سىستېمىسنى يېڭىلىيالايدۇ. مەسىلەن: گوگۇل ئاندرويد 9.0 قا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىپ، يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتكەن بولسا شىياۋمى يانفوننىڭ يادرولۇق ھۆججەتلىرىمۇ يېڭىلىنىدۇ. شىياۋمى شىركىتى MIUI نىڭ سىرتقى چاپىنىنى ئۆزگەرتىدۇ، يادرولۇق قىسىمىنى يېڭىلاشنى گوگۇل ئۈستىگە ئالىدۇ.
2. Project Treble مودېلى
ئاندرويد 8.0 دىن باشلاپ بۇ خىل مودېل قوشۇلغان. ئەمما يانفون كارخانىلىرى ئۆزى ئۆزگەرتكەن سىستېمىسىدا بۇ مودېلنى قالدۇرۇپ قويۇش ياكى ئۆچۈرۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنغان. ئاندرويد 9.0 دە گوگۇل ئاندرويد سىستېمىسنىڭ يادروسىغا Project Treble مودېلىنى توپلاشتۇرۋەتتى. يانفون كارخانىلىرىنىڭ بۇ مودېلنى چىقىرۋېتىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.
بۇنداق بولغاندا OEM كارخانىلىرى يانفوننىڭ سىستېمىسنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىيالايدۇ. ئەمما يادرو قىسىمغا خالىغانچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمەيدۇ.
3. تېخىمۇ يېپىق بولىدۇ
ئاندرويد سىستېمىسنىڭ ئۇچۇق كودلۇق ئالاھىدىلىكى ئېغىر دەرىجىدە ھۆججەتلەرنى بۆلەكلەرگە پارچىلىۋېتىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاندرويد سىستېمىسنى ئۇزۇنراق ئىشلەتسە سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى مۇشۇ سەۋەبتىن. ئاندرويد 9.0 دا گوگۇل سىستېمىسنىڭ API زىيارەت ھوقۇقىنى تارايتتى، ئەپلەر دەلىللەنمىگەن ياكى يوشۇرۇن API نى زىيارەت قىلالمايدۇ.

خۇلاسىلىغاندا، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش ئۈچۈن گوگۇل ئاندرويد 9.0 نى بىر تۇتاش كونترول قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن؛ ئۇچۇق كودلۇقتىن بارا-بارا يېپىق كودلۇق قىلىشقا يۈزلەنگەن.

26ئادەم ئىنكاس يازدى

2635210282 ۋاقتى: 2018-1-22 17:28:01
شىئاۋمى 7نىڭ  ئاندىرويىدى   8.1گە كۈتۈرلىدىكەن،  شىئاۋمى مۇشۇ قاتارغا كىرەلەپتۇ،شۇڭا  مەن ئەزەلدىن  شىئاۋمىنى  ياقتۇراتتىم
XaTuR007 ۋاقتى: 2018-1-22 17:28:22
مىنىڭ شياۋمى 6تىلفۇنۇم ئاندىروئد 8.0.0گە يېڭلىنىپ بولدى   
172821g3icojbkiomccmoi.png
abdut ۋاقتى: 2018-1-22 17:36:40
توردا شىياۋمى 2ئەس نىمۇ ئاندرويد 7نەشىرى تۇرىدۇ
لىكىن مىنىڭ 5.0تېخى
3131446363 ۋاقتى: 2018-1-22 17:44:41
بىزنىڭ oppo غا قاچانمۇ كىلەر 8گە بولسىمۇ يېڭىلاش ئۇچۇرى .. r11 نى ئىشلىتىپمۇ ئەمدى تىخى 7.1.1 نى ئىشلىتىپ يۈرىمەن.
tulpar0997 ۋاقتى: 2018-1-22 18:11:25
مىنىڭ  ئەۋجەق vivoy67  تىلفۇنۇم تېخى ئاندىرويىد  6 0  تۇرۇدۇ   
3131446363 ۋاقتى: 2018-1-22 18:12:12
ئىشقىلىپ بۇنىڭدىن كىيىن يانفۇن ئالماشتۇرۇش بولسا ھەرگىزمۇ ئوپپو يانفۇنلىرىغا يىقىن كەلمەيمەن.
oguzhan ۋاقتى: 2018-1-22 18:20:34
باشقا تېلىفۇنلار ئاندىروئىد سەككىزنى ئىشلىتىپ توققۇزنىڭ غېمىدە يۈرسە، بىزنىڭ مېيزۇلار تېخىچە ئالتىدىن چىقالماي يۈرىدۇ، ئەمدى تېلىفۇن ئالىدىغان ئىش بولسا ئامال بار مېيزۇنى ئويلاشمىسىمۇ بولغۇدەك، شىياۋمى تېلىفۇندا يېڭىلىق كۆپ ئىكەن، ياكى مېيزۇنىڭ تېخنىكرىلىرى ئاجىزمۇ، يېرىم يىلدىن ئاشتى، ئاندىروئىد يەتتىنى سىناق قىلۋاتقىلى، ھازىرغىچە ئېلان قىلمىدى.
oylan2008 ۋاقتى: 2018-1-22 18:35:16
تېلفۇنغا ئاندىرويىد نەشىرنى يىڭلاڭ دەپ ئۇقتۇرۇش كەلمەيدىغاندۇ ،miui9غا يىڭلاڭ دەپقۇ كەلگەن  مىنىڭ شىياۋمى تۆت تىلفۇنۇمنىڭ نەشىرى ئالتە  
ئالغاندىلا شۇنداقكەنتۇق
مۇساجان2 ۋاقتى: 2018-1-22 18:37:34
2635210282 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-22 17:28
شىئاۋمى 7نىڭ  ئان&#158 ...

يىجا تىلفۇنلار 8.0گە يېڭلانغىلى نەۋاخ  گوگۇل سىستىمىنى ئىلان قىلىپ ئاز ۋاقىتتىن كىيىنلا يېڭلايدۇ بۇلار  
Screenshot_20180122-183224.jpg
13139744004 ۋاقتى: 2018-1-22 18:49:46
مىنىڭ ئاندىرود 7.0 دە تۇردۇ تېخى قاچانمۇ يېڭلىنا مۇشۇ توغۇرلۇق بىلدىغانلار بولساڭلا خەۋە بىرۋېتىڭلا تېلفۇنۇم 三星s7
urum131 ۋاقتى: 2018-1-22 18:52:45
    بىر سىستىمىنىڭ بارا-بارا مۇكەممەللىشىپ ھازىرقىدەك ھالەتكە كىلىشى ئاسان ئەمەس، يوچۇقلارنىڭ ئازىيىپ تىخىمۇ بىخەتەر بولۇپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
Turpani ۋاقتى: 2018-1-22 19:42:53
روڭياۋ 9     8.0 گە  يىڭلانغىلې  خېلى  بولدى   بوپ  قۇيدىكەن
194252up76p7x0wzp33gq4.jpg
alipalim ۋاقتى: 2018-1-22 20:02:58
يانفۇن ئىشلەش كارخانىللىرى ئۇبۇ دىمەي گوگۇل ئىشلەپ بەربەن سېستىمىنى بىۋاستە قاچىلاپ قىلسا بولمامدىغاندۇ ،كاللامدىن ئۆتمەيدىغان بىر ئىش گوگۇل بىر ئوبدان سېستىما تارقاتسا يانفۇن شىركەتلىرى ئۇنى سىناق قىلىپ  تارقاتماي
يىغىپ  ھەي  ئۇنداق قىلغۇچە تىز تارقاتسا بولمامدىغاندۇ
akbulut ۋاقتى: 2018-1-22 20:53:44
مىيزۇنى كىم دەيدۇ 7.0 ئەمەس دەپ، مىنىڭ خېلى بولدى 7.0 گە چىققىلى
كىيىك ۋاقتى: 2018-1-22 21:27:28
akbulut يوللىغان ۋاقتى  2018-1-22 20:53
مىيزۇنى كىم دەيدۇ 7.0 ئەمەس دەپ، مىنىڭ خېلى بولدى 7.0 گە چ ...

سىزنىڭ قايسى تىپتىكى مىيزۇ ئۇ، مىنڭ ميزۇ u 20ئىدى، ئاندىرويىد 6دە تۇردۇ، يېڭى يىللىق مەشىرنى يېڭلاش ئۇچۇرى كەپتىكەن، سىستىمنى چۈشۈرۈپ قاچلاش بۇيرۇقىنى بەرسەم قاچلىماي ئۆز ئەسلىگە كىلىپ تۇرۋالدى، قارغاندا 2-ئاينىڭ 1-كۈنى قاچلاش مۇۋاپىقيەتلىك بولدىغان ئوخشايدۇ، سىستىما ئۇچۇرىدا شۇنداق تۇردۇ، مۇشۇ سىستىما ئاندىرويىد 7دە چىقامۇ يا، ھېچ بىلگلى بولمىدى،
مانا يېڭلاش ئۇچۇرىنىڭ رەسمى كۆرۈپ بېقىڭلار،
S80122-192458.jpg
ئەسكى39 ۋاقتى: 2018-1-22 21:31:39
مېنىڭ تېلېفونۇم شىياۋمى بەش. ئاندروئىد ھازىرمۇ 7. قايسىڭلارنىڭ شياۋمى 5 تېلېفوننىڭ ئاندىرويىد 8 يەتتى؟
تەنھا530 ۋاقتى: 2018-1-22 22:20:54
Turpani يوللىغان ۋاقتى  2018-1-22 19:42
روڭياۋ 9     8.0 گە  يىڭل&#1 ...

مىنىڭمۇ رۇڭياۋ 9 ياشلار نۇسخىسى ،  بۇ يانفۇن 8.0 چىقىدىكەن ئالغاندا ،  ئۈندىدارنى قوشسىڭىز مۇشۇ يانفۇن توغۇرلۇق ئورتاقلاشساق.
uYuX ۋاقتى: 2018-1-22 22:44:32
مىنىڭ خوڭمى تۆت يېڭى چىققاندا 6.0دە تۇراتتى، بىرە ئىككى يىل بولدە، تېخىچە شۇ پىتى،
30-40قېتىم سىستما يېڭلىغاندىمەن شۇ مىئۇي نەشىرىنى يېڭىلاپ ئاندروئىد نەشىرىنى پەقەت يېڭىلىمىدى،
گوگۇل تارقاتسىلا ھەممە يانفۇنغا بىۋاستە يېڭلىنىدىغان قىلىۋەتسە ھەجەپ ياخشى بۇلىتى ،
كومپىيۇتىردەك  سەپلىمىسى قاندا بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشاش ۋىندوۋس سىستىما قاچىلىغاندەك   مۇشۇ تىلفۇنلىمۇ  بى ئاشتا بوپ كەتسە
2635210282 ۋاقتى: 2018-1-22 23:05:13
ئاندىرويىد كۈتۈرۈلسە  ،نۇرغۇن ئىقتىدار  قۇشۇلىدىكەن ،يەنە تېلفۇننىڭ سۈرئىتى تىزلىشىدىكەن،لېكىن بىزنىڭ قۇلۇمىزنىڭ ئىكراننى بېسىش سۈرئىتى  تېلفۇننىڭ سۈرئىتىگە يىتەلمىگەچكە يەنىلام تېلفۇننىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بىكار  قالىدۇ دە.
خىلۋەت ۋاقتى: 2018-1-22 23:19:31
Turpani يوللىغان ۋاقتى  2018-1-22 19:42
روڭياۋ 9     8.0 گە  يىڭل&#1 ...

مۇشۇ روڭياۋنىڭ يانفۇنلىرىغا سەل قىزىقىپ قالدىم ، روڭياۋ 9يانفۇنىڭىز قانداقراق چىقتى،  سېتىمنىڭ تىزلىكى قانداقراق؟  رەسىمگە تارتىش، ئاۋاز ئۈنۈمى دىگەندەك جەھەتلەردىچۇ ؟
مۇشۇ تىلفۇننىڭ سىزگە بەرگەن تەسىراتى قانداقراق ، ئېغىر كۆرمەي قىسقىغىنە تۇنۇشتۇرسىز
◆、◇◆βǎЯ ۋاقتى: 2018-1-23 08:59:41
مېيزۇ يانفۇنلارنىڭمۇ سىستىمىسى شىياۋمىغا ئوخشاش ئىچىۋىتگەن مۇقۇم دەپ ئايرىلىدىكەن مۇقۇم نەشىرىدىكىلەر تەستە يىڭىلىنىدۇ ئىچىۋىتىلگەن نەشىرى تىز يىڭىلىنىدۇ شۇڭا مۇقۇم نەشىرى 6.0 دە تۇرىۋىردۇ شۇڭا مېيزۇنىڭ ئورگان تورىغا چىقىپ تاللاپ چۈشۈرۋالساڭلا بولىدۇ
akburkut ۋاقتى: 2018-1-23 12:08:54
oguzhan يوللىغان ۋاقتى  2018-1-22 18:20
باشقا تېلىفۇنلار ئاندىروئىد سەككىزنى ئىشلىتىپ توققۇز ...

سىز قايسى مېيزۇنى ئىشلىتۋاتقان؟بىز نوت 5تە  7.1.4نى ئويناۋاتىمىز  ،
bilimhumar. ۋاقتى: 2018-1-23 22:33:47
مەنمۇ روڭياۋ 9ئىشلىتىۋاتىمە andorod8.0 سۈرەتكە تارتىشتىمۇ wiwo x20دىن قېلىشمايدۇ سىستىمىسىمۇ شۇنداق راۋان ئېشقىلىپ ماڭا يامان تەرپى كۆرۈنمىدى ھازىر نۇرمال ئىشلىتىۋاتىمە تېلفۇن ئالىدىغانلارغا روڭياۋ 9نى تەۋسىيە قىلىمەن
aptap ۋاقتى: 2018-1-27 12:26:16
مەنمۇ قوش ئون ئىككىدە روڭياۋ 9دىن بىرنى ئالغان ماڭا بەرگەن تەسىرى ئانچە ياخشى ئەمەس،توك خورىشى بەك تېز،ئادەتتە ئويۇن ئويناپ كەتمەيمەن،شۇنداقتىمۇ بىر كۈندە ئىككى قېتىم توك قاچىلايمەن،باشقا جەھەتتىن ھەر ھالدا بولىدۇ،پۇلىغا چۇشلۇق.
战狼 ۋاقتى: 2018-1-28 00:10:55
oguzhan يوللىغان ۋاقتى  2018-1-22 18:20
باشقا تېلىفۇنلار ئاندىروئىد سەككىزنى ئىشلىتىپ توققۇز ...

مېيزۇ يانفۇن لىرى 7.0 گە يېڭىلىنىپ بولدى
بۇركۈت ۋاقتى: 2018-2-4 18:41:57
مېنىڭمۇ 华为mate9  8.0 يېڭىلانغىلى خېلى بولدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部