+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-1-21 15:17 2642 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالىپاي (支付宝) ماشنا نومۇر تاختىسى ئارقىلىق ھەق تۆلەش ئىقتىدارىنى يولغا قويدى. ئىشلەتكۈچى ماشنىسنىڭ نومۇرىنى ئالىپاي ھېساباتىغا باغلاپ، ئالىپاي ئەپ تېرمىنالى ئارقىلىق بۇ ئىقتىدارنى ئاچقاندىن كېيىن، شۇ ماشنىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە، مۇشۇ خىل ئالىپاي مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى كامېرا ماشنا نومۇرىنى تونۇپ، ئالىپاي ئارقا سۇپىسىدا ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋالىدۇ، ھەمدە توساق ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ. ماشنىنى توختىتىپ نەق پۇل تۆلەش ياكى يانفوننى چىقىرىپ كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

20180121_104856_112.jpg

بۇ ئىقتىدارنى ئېچىش ئۇسۇلى:
يانفوندىكى 支付宝 تېرمىنالىنى ئېچىپ، «芝麻信用» نى، ئاندىن «出行» نى چېكىپ، «综合服务» دىكى «高速ETC» نى بېسىپ، تەلەپ بويچە ماشىنا نومۇر تاختىسىدىكى نومۇر قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرسا بولىدۇ. بۇ ئىقتىدار ئېچىلغاندىن كېيىن «支付宝» بەلگىسى بار ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ماشىنىڭىزنى ھەيدەپ بىۋاستە ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ.

20180121104914_3350.jpg

بۇ ئىقتىدار ئالىپاي كۈنجۈت ئىناۋەت (芝麻信用) نومۇرى 550 تىن يۇقىرى بولغان ئىشلەتكۈچىگە ئېچىلدىكەن.
نۆۋەتتە بۇ ئىقتىدار خېنەن ۋە شەنشى ئۆلكىسىدىكى قىسمەن ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا يولغا قويۇلدى.

20180121104929_8867.jpg

11ئادەم ئىنكاس يازدى

arwahjan ۋاقتى: 2018-1-21 15:28:09
ۋاۋ بۇ ئالىپاي ھەممە ساھەگە تەڭلا سىڭىپ كىرىدى دېسە
ئومۇملىشىشىمۇ بارغانىسىرى تېز بوپ كېتىۋاتىدۇ
پارىژ11 ۋاقتى: 2018-1-21 15:46:04
دوسلار ، سوراپ باقسام، بۇ كۈنجۈت ئىناۋەت نۇمۇرى قانداق قىلسا ئۆسىدۇ ، كۈنجۈت ئىناۋەت نۇمۇرى دىگەن مۇشۇ نۇمۇر شۇدۇ
Screenshot_2018-01-21-15-44-22-513_com.eg.android.AlipayGphone.png
1389945 ۋاقتى: 2018-1-21 15:47:38
ناۋادا ماشىنىنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بەرسىڭىز ياكى ساتسىڭىز، باشقىلار ئۆز نامىغا يۆتكىمىگەن ئەھۋالدا يول ھەققىنى يەنىلا سىزنىڭكىدىن تۇتىدىكەن، بۇ تەرەپنىمۇ ئويلاشمىسا بولماس
3131446363 ۋاقتى: 2018-1-21 16:16:51
ماشىنىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئالىپايدىن ئۆچۈرىۋەتسە بولمىدىمۇ .. قوشقىلى بولغانكەن چوقۇم ئۆچۈرگىلىمۇ بولۇشى مۇمكىن.
ئەجىبا شۇنچە چوڭ شىركەت بۇنى ئويلىماي قالارمۇ
alim0997 ۋاقتى: 2018-1-21 17:11:20
ماشنىنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن بىكار قىلىۋەتسىڭىز بولمىدىمۇ
alijan110 ۋاقتى: 2018-1-21 17:38:39
پارىژ11 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-21 15:46
دوسلار ، سوراپ باقسام، بۇ كۈنجۈت ئىناۋەت نۇمۇرى قانداق ...

ئاستىدىكى 芝麻信用 دېگەننى باسسىڭىز چىقىدۇ.
aslima998 ۋاقتى: 2018-1-21 17:39:17
1389945 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-21 15:47
ناۋادا ماشىنىنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بەرسىڭىز ياكى سا ...

ساتقاندا سىز 支付宝 غا كىرېپ ئاۋۇ باغلىغان ماشىنا نومۇرڭىزنى چىقىرۋەتسىڭىزلا بولىدۇ . بۇ ئىقتىدارنى ئىشىلتىمەن دىسڭىزمۇ ئاۋال باغلايسىز شۇ. مەن ئىشىلتىپ باققان
پارىژ11 ۋاقتى: 2018-1-21 22:23:25
alijan110 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-21 17:38
ئاستىدىكى 芝麻信用 دېگەننى باسسىڭىز چىقىدۇ.

رەھمەت سىزگە ، كىرىپ ئېچىش دىگەننى بېسىپ ئاچسام 577 چىقتى ، رەھمەت ،
hopujan ۋاقتى: 2018-1-22 00:50:55
بارغانچە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بەك ياخشى بولۇپ كېتىپارىدۇ.
azapsez ۋاقتى: 2018-1-22 11:59:22
芝麻信用 كۈنجۈت چىقىمدانى
بۇنى قانداق قىلغاندا ئۆستۈرگىلى بۇلىدۇ بىرەر يىل بولدى ھىچقانداق ئۆسمىدى
115922axgol36fps6s16jg.png
ablatjaan ۋاقتى: 2018-1-28 17:25:34
azapsez يوللىغان ۋاقتى  2018-1-22 11:59
芝麻信用 كۈنجۈت چىق&#1 ...

ھىلىمۇ چۈشۈپ  كەتمەي  تۇرغىنىغا خۇش  بولساڭلار  بولىدۇ  601گە چىقىپ بولۇپ 597گە چۈشۈپ كەتتى ، مايۈنكامنىڭغۇ چىشىغا تەگمىگەن  بولمىسا      597دە  تۇرغىلى نەۋاق    ئامال  يوقكەن ،  مالنى  جىق  جىق  سىتىۋالساق ،  ئىشلىتىپ  تۇرساق  بولىدىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部