+تېما يوللاش
alip_eza يوللانغان ۋاقتى:2018-1-19 18:31 4703 قېتىم كۆرۈلدى 25 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەزكۇر  Office  ياردەمچى قورالى  تۆۋەندىكى ئىككى  قورال:
1) Excel دا ئىسىم تەرجىمە قىلىش(خەنزۇچە بولسا ئۇيغۇرچىگە، ئۇيغۇرچە بولسا خەنزۇچىگە)  نى ئاساسى ئىقتىدار قىلغان ۋە باشقا قوشۇمچە ئىقتىدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان Excel ياردەمچىسى.
2) Word تا ئىملا تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغان ئىملاچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، Office نىڭ 2003 نۇسخىسىسىدىن 2016 نۇسخىسىغىچە ماس كېلىدۇ.
Excel ياردەمچىسى
قاچىلىغاندىن كېيىن Excel ياردەمچىسى تۆۋەندىكىدەك:

1.png

قورال سىتونىدا كۆرۈنىدۇ.
ئاساسلىق ئىقتىدارى:
1.        تەرجىمە قىلىش (Ctrl+Q)
ئىسىم بار سىتون(رەت) دىن  تاللىغان دائىرىدىكى ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە كىشى ئىسىملىرىنىڭ(ئۇيغۇرچە بولسا خەنزۇچىگە، خەنزۇچە بولسا ئۇيغۇرچىگە) تەرجىمىسىنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
2.        ئىشلەتكۈچى ئامبىرى
سىستېما خاتا تەرجىمە قىلىپ قويغان ئىسىملارنى بۇ يەردىن ئامبارغا قوشۇپ قويسىڭىز، كېيىن سىز كىرگۈزگەن بويىچە تەرجىمە قىلىدۇ.
3.        كىملىك
1)        تەكشۈرۈش: كىملىك نومۇرىنىڭ توغرا خاتالىقىنى تەكشۈرىدۇ، خاتا بولسا قىزىل بويايدۇ.
2)        تۇغۇلغان كۈن: كىملىك نومۇرى بار سىتون(رەت) تىن تاللىغان دائىرىدىكى كىملىك نومۇرىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
3)        يېشى: كىملىك نومۇرى بار سىتون(رەت) تىن تاللىغان دائىرىدىكى كىملىك نومۇرىدىن ياش سانىنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
4)        جىنسى: كىملىك نومۇرى بار سىتون(رەت) تىن تاللىغان دائىرىدىكى كىملىك نومۇرىدىن جىنس ئايرىمىسىنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.
4.        سان
1)        يىغىندا: تاللىغان دائىرىدىكى سانلانىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
2)        ئوتتۇرچە قىممەت: تاللىغان دائىرىدىكى سانلانىڭ ئوتتۇرچە قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
5.        تەكرارلىق
1)        تەكشۈرۈش: تاللىغان دائىرىدىكى تەكرار قىممەت بولسا قىزىلغا بوياپ قويىدۇ.
2)        تەكرار ئەمەسنى كۆرسىتىش: تاللىغان دائىرىدىكى تەكرارلانمىغان قىممەتنى سىز كۆرسىتىپ بەرگەن رەتتىكى ماس قۇرغا چىقىرىپ بېرىدۇ.قويىدۇ.
6.        تەھرىرلەش
1)        تەڭشەش
خەت نۇسخىسىنى توغرىلاش: سىستېمىنىڭ تەڭشەك قىسىمىدىن تاللىغان كۆڭۈلدىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بويىچە نۆۋەتتىكى جەدۋەلدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسىنى تەڭشەيدۇ.
قۇر ئېگىزلىكى: تاللىغان دائىرە قۇر ئېگىزلىكىنى تەڭشەيدۇ.
رامكىغا ئېلىش: تاللانغان دائىرىنى رامكىغا ئالىدۇ ۋە ياكى رامكىنى يوقىتىدۇ.
ئوتتۇرىغا توغرىلاش: تاللانغان دائىرىدىكى يېزىقنى ئوڭ-سول ۋە ئاستى-ئۈستىدىن ئوتتۇرىغا توغرىلايدۇ.
2)        رەت نومۇرى سېلىش: تاللىغان دائىرىگە سىز كىرگۈزگەن نومۇردىن باشلاپ رەت نومۇرى سالىدۇ.
3)        بوش قۇرنى ئۆچۈرۈش: تاللىغان سىتون دائىرىسىدىن بوش قىممەت بولسا پۈتۈن بىر قۇرنى ئۆچۈرىدۇ.
4)        تاللاپ چىقىرىش: بۇ يەردىن تاللانغان بىر  سىتون دائىرىسىكى قىممەتنى ئاساس قىلىپ شەرت بويىچە باشقا ھۆججەتكە چىقىرىدۇ.
7.        تەڭشەك
1)        كۆڭۈلدىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى: سىز ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىشتا تاللاپ ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولۇپ، سىستېما ئۇيغۇرچە يېزىقلارنى مۇشۇ خەت نۇسخىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
2)        ئاپتۇماتىك ئامبار يېڭىلاش: بۇ  تاللانما تاللاقلىق بولسا، توردا يېڭى ئىسىم تەمىنلەنسە ئۆز ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ يەرلىك ساندانغا قوشىدۇ.
3)        گۇمانلىق تەرجىمىنى تەھرىرلەشكە كۆرسىتىش: بۇ  تاللانما تاللاقلىق بولسا،ئىسىم تەرجىمە قىلىش جەريانىدا سىستېما گۇمانلىق دەپ قارىغان ئىسىمنى سىزنىڭ تەھرىرلىشىڭىزدىن ئۆتكۈزىدۇ.
4)        تاللاپ چىقارغاننى ئاپتۇماتىك ئېچىش: بۇ  تاللانما تاللاقلىق بولسا، تاللاپ چىقىرىشتىن ھۆججەت چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن ئېچىپ كۆرسىتىدۇ.
8.        ياردەم
1)        تىزىملاش: سىستېمىنى سېتىۋېلىپ تىزىملاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
2)        ھەققىدە ۋە تەكلىپ: بۇ يەردىن سىستېما ئۇچۇرىنى كۆرەلەيسىز، ۋە دېتال ھەققىدە تەكلىپ بېرەلەيسىز، باشقىلارنىڭ تەكلىپ_جاۋابلىرىنى ئىزدىيەلەيسىز.
ئىملاچى
قاچىلىغاندىن كېيىن ئىملاچى تۆۋەندىكىدەك:
2.png

ئاساسلىق ئىقتىدارى:
1)تەكشۈرۈش: مائۇس تۇرغان ئورۇندىكى سۆزدىن باشلاپ ئىملا تەكشۈرىدۇ .
2)تۈزىتىش:مائۇس تۇرغان ئورۇندىكى سۆزدىن باشلاپ ئىملا تۈزىتىدۇ، ئەگەر «ئاپتوماتېك» نى تاللاپ قويسىڭىز ئاپتوماتېك تۈزىتىدۇ.
3)ئوقۇش:مائۇس تۇرغان ئابزاستىن باشلاپ ئۇيغۇرچە ۋە سان ئارلاشقان مەزمۇننى ئوقۇپ بېرىدۇ، بۇ ئىقتىدار تولۇق نۇسخىسىنى قاچىلىسىڭىز ئىشلەيدۇ.
4) ياردەم ۋە تەڭشەك: سىستېمىنىڭ ياردەم ھۆججىتى ۋە سىستېمىنىڭ بەزى پارامېتىرلىرىنى تەڭشەش، باشقا قوشۇمچە ئىقتىدارلار بۇ يەردە.
بۇ ئىككى قورال تۇنجى قېتىم تارقىتىلغاچقا، بەزى خاتالىق، كەمچىلىك ۋە قولايسىزلىقلار بولىشى مۇمكىن، شۇڭا دېتالنى تېخىمۇ ياخشىلاپ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ نەشىرىدە  «Excel ياردەمچىسى» تورغا ئۇلانسا ياكى تېزىملىتىپ ئىشلەتسە نورمال ئىشلەيدۇ، بولمىسا چەكلىنىدۇ(پەقەت 10 دانە ئىسىم تەرجىمە قىلالايدۇ).
«ئىملاچى» نىڭ تېزىملىمىغان نۇسخىسىدا پەقەت 10 سۆزنىڭ ئىملاسىنى تۈزىتىدۇ. ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بېرىش(تورسىز ئوقۇيدۇ) ئىقتىدارى تېزىملاتقانلارغا تولۇق نۇسخا ھالىتىدە تەمىنلىنىپ بېرىلىدۇ.
ئىشلىتىشكە چەكلىمە قويغاندا داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئچىلغان ۋورد ياكى ئېكسېل ھۆججىتىنى ئۆچۈرۈپ قايتا ئاچسىڭىز يەنە 10 چەكلىمىسى بويىچە ئىشلىتەلەيسىز.
تورداشلار سىناپ كۆرۈپ مەسىلە بولسا «Excel ياردەمچىسى» نىڭ «پىكىر بېرىش» قىسىمىدىن پىكىر بېرىشىنى سورايمىز(قالايمىقان ئۇچۇر يازماسلىقىلارنى ئۈمۈد قىلىمىز، شەنبە -يەكشەنبە سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ بولالمايمەن، توغرا چۈشەنگەيسىلەر).  
سىناپ كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ .




تولۇقلىما مەزمۇن (2018-1-23 11:50):
https://pan.baidu.com/pcloud/alb ... 8782092942638907426  ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى ماۋۇ ئادرېستىن چۈشۈڭ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2018-1-30 19:30):
بۈگۈن دېتالنىڭ ئەلالاشقان نۇسخىسى قايتا يوللاندى، قايتا چۈشۈرۋېلىڭلار!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +40 يىغىش سەۋەبى
kerindax + 30 ئىجادىي ئەسەر
LUosfER + 10 ياخشى دېتال

باھا خاتىرىسى

25ئادەم ئىنكاس يازدى

sansz1131 ۋاقتى: 2018-1-19 20:11:13
ياخشى تىما بۇپتۇ
ochmes ۋاقتى: 2018-1-19 20:45:07
ھەقلىق دىتالمۇ بۇ قاچىلىنىشتىن بۇرۇن ھەقلىق ئەزا ئەمەسكەنسىز دەپ تۇرۇدۇيا
ئاتەش11 ۋاقتى: 2018-1-19 21:13:47
ئېسىل تېمىدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز ، رەھمەت.
anjurfon ۋاقتى: 2018-1-19 22:35:08
رەھمەت،  مەن  بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىدىم.  ئالدىنقى قېتىم يوللانغان ئۇيغۇر كىشى ئىسىمنى تەرجىمە قىلىش قورالى win10غا قاچىلانمىغان ئىدى، بۇنى سىناپ باقاي. قۇلىڭىز غا دەرت كەلمىسۇن.
eziz007 ۋاقتى: 2018-1-20 00:01:42
مۇشۇنداق دىتاللارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىغا تىلەكداشمەن،  رەھمەت سىزگە،  كومپىيوتىر ئالدىغا بارغىچە ئادىرىسى ئۈچۈپ كەتمىسۇن دەپ تور دىسكامغا ساقلىۋالدىم، ئەتە سىناپ  باقاي
uqkun77 ۋاقتى: 2018-1-20 04:09:29
ئاپرىن، تەكلىۋىم : ئالدىنقى قىتىم يوللانغان ئىسىم تەرقىمە قىلىش قۇرالىمۇ تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلاتتى، ئىسىم تەرجىمە قىلىش كۇندە قىلىپ تۇرىدىغان ئىش بولمىغاچقا، تىزىملاش نۇمىرىنى ئىلتىماس قىلمىغانتىم، مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلار بىرلىككە كىلىپ قىممەترەك بولسىمۇ قارانچۇقلۇق قىلىپ ياكى باشقىچە مەخپىيلەشتۇرۇپ تارقاتقان بولساڭلارمۇ بولاتتى. بۇ نۇسقىسى تورغا ئۇلىنىشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ھەممە كومپيۇتىر تورغا ئۇلانغان بولىشى ناتايىن.
alip_eza ۋاقتى: 2018-1-20 09:10:20
ochmes يوللىغان ۋاقتى  2018-1-19 20:45
ھەقلىق دىتالمۇ بۇ قاچىلىنىشتىن بۇرۇن ھەقلىق ئەزا ئەمە ...

خاتا چۈشۈرۋالمىغانسىز؟ دېتالنىڭ ھېچقانداق يېرىدە ھەقلىق ئەزا توغۇرلۇق گەپ يوق.
ھە راست ئەسكەرتىپ قوياي، بۇ دېتالنى قاچىلىغاندىن كېيىن ۋورد ۋە ئېكسېلنىڭ قورال تېزىملىكىدە كۆرىنىدۇ.

باھا سۆز

ئىملا تەكشۈرۈش كۆزنىكىدىكى 'سەل قارا' نى 'ئۆتكۈزۈۋەت' دەپ ئالسىڭىز مۇۋاپىق.  ۋاقتى: 2018-1-20 13:29
alip_eza ۋاقتى: 2018-1-20 10:44:07
uqkun77 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-20 04:09
ئاپرىن، تەكلىۋىم : ئالدىنقى قىتىم يوللانغان ئىسىم تەرق ...

تۇنجى تارقىتىلغاچقا، خاتالىق بايقالسا ۋاقتىدا تۈزىتىش ئۈچۈن، ياكى تورغا ئۇلاپ ئىشلىتىش، ياكى تېزىملاپ ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. تورغا ئۇلاش قولايسىز بولسا تىزىملىتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ، سىزنىڭ ئالاقىلىش ئۇسۇلىڭىز بولغاچقا خاتالىقى تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ۋاقتىدا سىزگە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
alip_eza ۋاقتى: 2018-1-20 10:45:44
alip_eza يوللىغان ۋاقتى  2018-1-20 09:10
خاتا چۈشۈرۋالمىغانسىز؟ دېتالنىڭ ھېچقانداق يېرىدە ھە ...

كېلىشىمگە قوشۇلىمەن دەپ قاچىلاۋەرسىڭىز بولىدۇ.
anjurfon ۋاقتى: 2018-1-20 11:52:17
ھەقىقەتەن قۇلايلىقكەن. لېكىن تەكرار قىممەتنى كۆرسەتكەندە ئىككىلا تەكرار قىممەتنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى، بىر قىممەت تەكرارلانغان بولسا پەقەت ئاستى قىسمىدىكى تەكرارنىلا كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
eziz007 ۋاقتى: 2018-1-20 16:40:17
alip_eza يوللىغان ۋاقتى  2018-1-20 07:10
خاتا چۈشۈرۋالمىغانسىز؟ دېتالنىڭ ھېچقانداق يېرىدە ھە ...

قاچىلاشنىغۇ قاچىلىدىم  بىراق ھىچ بىر كۆرۈنمەيدىغۇ، قاچىلاش قاچىلىنىش ئورنى D دىسكا دەپ چىقتى  ئۆزگەرتەلمىدىم C دىسكىغا قاچىلاي دىسەم، قورال سىتونىدا ھىچ بىر يوق بۇ قىستۇرما
alip_eza ۋاقتى: 2018-1-20 20:14:25
eziz007 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-20 16:40
قاچىلاشنىغۇ قاچىلىدىم  بىراق ھىچ بىر كۆرۈنمەيدىغۇ، ق ...

قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ۋورد ۋە ئېكسېلنىڭ قورال تېزىملىكىدە كۆرۈنىدۇ (قىستۇرما شەكلىدە)ئەگەر كۆرۈنمىسە، قايتا قاچىلاپ بېقىڭ(ئېچىقلىق ۋورد ياكى ئېكسېل بولسا ئۆچۈرۋېتىپ)، بىز سىناق قىلغاندا كۆرۈنمەسلىك مەسلىسى كۆرۈلمىگەن، يەنە بولمىسا ئالاقىلىش چ چ رىڭىزنى قالدۇرۇڭ، يىراقتىن كونتىروللاپ كۆرۈپ باقاي.
xahriyar ۋاقتى: 2018-1-20 20:23:49
سىزنىڭ قاچىلاش ھوقوقىڭىز يوقكەن دەپ چىقتىغۇ؟
kichikoghul ۋاقتى: 2018-1-20 20:24:33
office tolls.png
tirojan.png





alip_eza ۋاقتى: 2018-1-20 21:33:16
خەت نۇسخىسىنى قاچىلاشنى توسۇپتۇ، باشقۇغۇچى ھالىتىدە قوزغۇتۇڭ، دېتالدا ۋىروس يوق
alip_eza ۋاقتى: 2018-1-22 12:13:56
ئىككى كۈنلۈك سىناشتىن، بەزى دوستلار بەزى خاتالىق، مەسىلە (ئىسىم زىيادە كۆپ بولغاندا قېتىۋېلىش )ۋە ياخشى تەكلىپلەرنى بەردى،ھازىر جىددىي تۈزىتىلىۋاتىدۇ، تۈزىتىلىپلا يېڭى نۇسخىسى تارقىتىلىدۇ، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
alip_eza ۋاقتى: 2018-1-23 11:49:01
2018-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى بەزى مەسلىلەر تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى https://pan.baidu.com/pcloud/alb ... 092942638907426/url].
alip_eza ۋاقتى: 2018-1-25 19:02:27
xahriyar يوللىغان ۋاقتى  2018-1-20 20:23
سىزنىڭ قاچىلاش ھوقوقىڭىز يوقكەن دەپ چىقتىغۇ؟

د دېسكا بارمۇ كومپىيوتېردا
M.uyghur ۋاقتى: 2018-1-25 20:00:15
alip_eza يوللىغان ۋاقتى  2018-1-23 11:49
2018-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى بەزى مەسلىلەر تۈزىتىلگەن نۇ ...

word2016 دە نورمال كۆرۈندى ئەمما excel2016 دە كۆرۈنمىدى . قايتا قاچىلاپ سىناپ باقتىم
alip_eza ۋاقتى: 2018-1-25 23:06:36
M.uyghur يوللىغان ۋاقتى  2018-1-25 20:00
word2016 دە نورمال كۆرۈندى ئەمما excel2016 دە كۆرۈنمىدى . قايت ...

ئالاقىلىش ئادرېسىدىن قوشۇڭ،مەن تەڭشەپ باقاي

باھا سۆز

ئالاقىلىشىش ئادىرسىنى ھېچ تاپالمايمىنا  ۋاقتى: 2018-1-28 10:59
KTV ۋاقتى: 2018-1-26 14:31:43
قايسىڭلا نورمال چۈشۈرەلىدىڭلا دوسلا  بۇ  دىتالنى  مەن    چۈشۈرەلمەيۋاتمەن       چۈشۈرەلىگەن دوسلا بولساڭلا   ئېغىر كۆرمەي بۇ چ چ  غا يوللاپ بەرگەن بولساڭلا  185670706  سىلەردىن كۆپ مىننەتدار بوللاتتىم
UYNIT ۋاقتى: 2018-1-27 13:25:27
ھەقىقەتەن ياخشى دىتالكەن رەھمەت سىزگە جاپا چەكتىڭىز
tagogli ۋاقتى: 2018-2-9 02:06:15
ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ، رەھمەت سىزگە بۇ دىتال ھەقلىق دىتالمۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2017 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部