+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2018-1-19 15:18 3152 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-19 15:18  

تۆنۈگۈندىن باشلاپ ئايروپىلاندا يانفون قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتشكە رۇخسەت قىلىندى. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم يانفوننىڭ «ئايروپىلان ھالىتى»  (飞行模式) نى ئېچىش كېرەك. شۇنىڭدىن باشلاپ يانفون تەڭشىكىدىكى «ئايروپىلان ھالىتى» ھەقىقىي رولىنى جارى قىلدۇردىغان بولدى. «ئايروپىلان ھالىتى»  ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بولسىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىشلىتىلمىگەن (ئىلگىرى ئايروپىلاندا «ئايروپىلان ھالىتى» نى ئېچىۋەتسىمۇ يانفون ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايتى)، تۆنۈگۈندىن باشلاپ بۇ «ئايروپىلان ھالىتى» قىزىق نۇقتا بولدى.

20130621-05-iPhoneAbroad.jpg

ئۇنداقتا «ئايروپىلان ھالىتى» دېگەن نېمە؟
«ئايروپىلان ھالىتى» نىڭ ئېنگىلىزچىسى airplane mode، خەنزۇچىسى 飞行模式 . يانفوندا بۇ تەڭشەك ئېچىلسا يانفوننىڭ سىمسىز خەۋەرلىشىش مۇنارى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ. تېلېفون ئۇرۇشقا، تېلېفون قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ؛ قىسقا ئۇچۇر يوللاش-قۇبۇللاشقا بولمايدۇ. كۆچمە تورغا ئۇلانمايدۇ. بۇ ئارقىلىق يانفون سىمسىز سىگنالىنىڭ ئايروپىلاننىڭ ئالاقە، يول باشلاش سىگنالىغا دەخلى قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
«ئايروپىلان ھالىتى» ئېچىلسا ھازىرقى كۆپ ساندىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوندا WiFi سىگنالىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. (تۆنۈگۈن مۇشۇ خەۋەر يوللانغاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلار ئايروپىلان ھالىتى ئېچىلسا ۋايفايمۇ ئۇلانمايدىغان تۇرسا، ۋايفاي ئىشلىتىشكە بولىدۇ دېگىنىڭلار نېمىسى؟ دەپ بەس-بەستە ئىنكاس قايتۇردى. سىلەر ئويلىغاننى شۇنچىۋالا چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئويلىماي قالارمۇ؟ يانفونىڭلاردىكى ئايروپىلان ھالىتىنى ئېچىپ، ئاندىن ۋايفاينى ئېچىپ بېقىڭلار؛ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بىرى چىققان يانفوننىڭ ھەممىسىدە ئېچىلىدۇ. قىسمەن يانفوندا ئېچىلماسلىقى مۇمكىن، ئۇ شۇ يانفوننىڭ مەسىلىسى)

下载.jpg

«ئايروپىلان ھالىتى» نىڭ پاتېنىت ھوقۇقى، يەنى ئىجاتچىسى خۇاۋېي شىركىتىدىكى 李昌竹 ؛ تۆنۈگۈن مۇشۇ خەۋەر چىققاندىن كېيىن «ئايروپىلان ھالىتى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئىزدىسەك توردىن تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار چىقتى.
«ئايروپىلان ھالىتى» نىڭ پاتېنت ھوقۇقى شېنجىن شەھىرى خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىكى 李昌竹 گە تەۋە. بۇ پاتېنتنىڭ تولۇق نامى «كۆچمە تېلېفوندىكى ئالاقە ئىقتىدارىنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى»، پانتېنت ئىلتىماس نومۇرى:CN01135381.3 ؛ پاتېنت ئاشكارىلاش ( ئېلان ) نومۇرى: CN1411306A ؛ نۆۋەتتە مەزكۇر پاتېنت ھوقۇقىنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىش ھالىتى ئۈنۈملۈك.

20180118140617689.jpg

«ئايروپىلان ھالىتى» نىڭ ئايروپىلانغا چىققاندا يۇقارقىدەك ئىشلىتىلىشى بولۇشتىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بار:
1. تورنى قايتا ئۇلايدۇ. تور مۇقىمسىز بولسا، بىردەم ئۇلىنىپ، بىردەم ئۇلانماي تۇرۋالسا ئايروپىلان ھالىتىنى ئېچىپ، ئاندىن ئىتىۋەتسە، يانفوننى قايتا قوزغاتقانغا ئوخشاش ئۈنۈمى بار. تور مۇقىم ئۇلىنىدۇ.
2. رادىئاتسىيەنى تۆۋەنلىتىدۇ. كېچىسى يانفوننى شۇ پېتى ئۇچۇق قويسا رادىئاتسىيەسى ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلىدۇ. (ئۇخلاۋاتقاندا ئادەم بەدىنى ئەڭ ئاجىز ھالەتتە تۇرىدۇ) يانفوننى ئىتىۋەتسە سائەت ۋە قۇڭغۇراقلىق سائەتتىن پايدىلانغىلى بولمايدۇ. مۇشۇ ئەھۋالدا ئايروپىلان ھالىتىنى ئېچىۋەتسە، يانفون سىمسىز سىگنالنى قوبۇل قىلمايدۇ ھەم تارقاتمايدۇ، شۇڭا يانفوننىڭ رادىئاتسىيەسى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدۇ.
3. توك تېجەيدۇ. توك ئاز قالغاندا يانفون قۇبۇللاشتىن باشقا مۇھىم ئىش قىلىش ئۈچۈن ئايروپىلان ھالىتىنى ئېچىۋەتسە توك سەرپىياتى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدۇ.
4. باشقىلار تېلېفون قىلىپ ئاۋارە قىلمىسۇن، جىم ئولتۇرۇپ تورغا چىقاي دەپ ئويلىسىڭىز، ئايروپىلان ھالىتىنى ئېچىۋېتىپ ئاندىن ۋايفاينى ئېچىپ تورغا چىقسىڭىز بولىدۇ.
5. بالىڭىزنىڭ قالايمىقان تورغا چىقىپ، تېلېفون قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. كىچىك بالىڭىز قەغىشلىك قىلىپ يانفوننى تالىشىپ تۇرۋالسا ئايروپىلان ھالىتىنى ئېچىپ قۇيۇپ ئاندىن بەرسىڭىز، قالايمىقان تېلېفون قىلالمايدۇ، تورغا چىقالمايدۇ. تور ئويۇنلىرىنى ئوينىيالمايدۇ...

2ئادەم ئىنكاس يازدى

3131446363 ۋاقتى: 2018-1-19 16:19:56
ئەلۋەتتە ئەگەر يانفۇنىڭىزدا ئايرۇپىلان ھالىتىنى ئاچماي نورمال ئىشلىتىۋاتقاندا WiFi ئۇلاقلىق بولسا سىز ئايرۇپىلان ھالىتىنى ئاچسىڭىز WiFi مۇ ئىتىلىدۇ.  ئاندىن سىز WiFi نى قايتا ئاچسىڭىز بولىدۇ.  
ablatjan0997 ۋاقتى: 2018-1-19 23:25:18
رەھمەت ، پايدىلىنىش قىممىتى بار ، ياخشى ئۇچۇر يوللاپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

Powered by discuz X3.2 备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

快速
回复
返回
列表
返回
顶部