+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2017-6-30 13:38 53058 قېتىم كۆرۈلدى 29 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالپ تورىنىڭ Android تېرمىنالى (ئەپ دېتالى) يېڭىلاندى.
بۇ تېرمىنال ئالدىنقى يىلقى تېرمىنال ئاساسىدا ئەلالاشتۇرۇپ يېڭىلاندى.
ئۇيغۇرچە فونت قوشۇۋېتىلدى. ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلانمىغان يانفوندىمۇ نورمال كۆرۈنىدۇ.
خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئېلانى چىقىۋالمايدۇ.
قۇرنىڭ بېشىدا ئېنگىلىزچە خەت بولسا قۇرنىڭ ئايىقىغا چىقىۋالدىغان ئەھۋال تۈزىتىلدى.
لوگو، قوزغىلىش رەسىمى ئۆزگەرتىلدى.
ئۈندىدارغا، دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھرلەشكە بولىدۇ. ئالپتىكى تېمىنى ئۈندىدارغا ھەمبەھرلىسەڭلار جۇغلانما مۇكاپات بېرىلىدۇ.

2018-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى يېڭىلاندى
Android نەشىرىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://www.aliptori.com/alip.apk
سىغىمى: 15.8mb












Screenshot_2017-06-30-11-17-03-271_com.appbyme.ap.png

Screenshot_2017-06-30-11-13-59-610_com.appbyme.ap.png

ئەپكە فونت قوشۇش، يۈنىلىشنى كونترول قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلىق ئىشلارغا ياردەم بەرگەن «يۇمشاق دېتال» ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمىز.

29ئادەم ئىنكاس يازدى

dana2013 ۋاقتى: 2017-6-30 14:11:21
ئالما نوسخىسى يېىڭىلانماپتۇ دە ،ئالما ئەپ بازىرىغا كىرسەم يېڭى نەشىرى بايقالمىدى ،ئاندرويد نەشىرنىڭ خەت نوسخىسى ئەمدى بەكلا چىرايلىق چىقىپتۇ
xax187 ۋاقتى: 2017-6-30 14:34:28
بەك ياخشى چىقىپتۇ
سال ۋاقتى: 2017-6-30 14:49:41
چۈشۈرۈش سۈرئىتى بەك ئاستا،تور خېلى تېز بولمىسا،نېمە ئىش بۇ ئەمدى
alip ۋاقتى: 2017-6-30 15:06:02
سال يوللىغان ۋاقتى  2017-6-30 14:49
چۈشۈرۈش سۈرئىتى بەك ئاستا،تور خېلى تېز بولمىسا،نېمە ئ ...

نەچچە مىڭ ئادەم بىراقلا چۈشۈرگەندىكىن مۇلازىمېتىرنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىپتۇ، ئاستىراق بولسىمۇ چۈشىدۇ.
3131446363 ۋاقتى: 2017-6-30 15:14:09
چۈشۈرۈش ئادىرسىنى شۈنلېيغا چاپلىساڭلا سەل تىزراق چۈشىدىكەن.
oyqan1 ۋاقتى: 2017-6-30 15:36:20
ئەسلى مۇلازىمىتېرنىڭ مەسىلىسى  دەڭلا  تاس قاپتىمە بىر ئۇبدان تېلفۇنۇمدىن ئايرىلىپ قالغىلى . ئەتىگەندىن بېرى نىمە بولدىكى دەپتىمە تورۇمغا   باشقا نەرسە چۈشۈرسەم يامان تېز  مۇشۇ ئالپ يانفۇن تېرمىنالىنى چۈشۈرسەم چۈشۈش سۈرئىتى بەك ئاستا
barchuq1 ۋاقتى: 2017-6-30 16:08:43
باشقا بوشلۇقلارغىمۇ يوللاپ قۇيدىغان ئشىكەن،چۈشۈرۈش سۈرئىتى بەكلا ئاستا
umut吧 ۋاقتى: 2017-6-30 16:56:11
بەكلام  ئېسىل چىقىپتۇ  مەن چۇشرۇپ بولدۇم
@بەخىت ۋاقتى: 2017-6-30 17:02:17
ياخشى بۇپتۇ،
مەن مۇنبەرلەرنىڭ تىرمىناللىرنى ئىشلىتىپ باقمىغلى ئۇزۇن جاھانلا بوپ كىتىپتۇ،تور كۆرگۈچتىلا ئىچىپ ھەتتا ئەپ بچۈشۈرسەممە ئەپ بازارلىرنىڭ تور ئادىسدىنلا چۈشۈرمەن.بۇنداق بولغاندا سىغمى كىچىك يانفۇنلارنىڭ يۈكى ئىشىپ كەتمەيدىكەن.
بودەكباي ۋاقتى: 2017-6-30 17:30:19
ئوتقاش ئەپ بازىردىن چۈشەگىلى بولدىغان بولسا بەك ئەپلىكتى ،ئاسانلا تاپقىلى بۇلتتى
رۇھ ۋاقتى: 2017-6-30 17:42:35
رەھمەت تۈزۈت قىلىماي چۈشۈرۈپ ئىشلىتەي ئەمسە
tog_rak ۋاقتى: 2017-6-30 18:07:05
شاۋمى ئەپ بازىدىكىنىمۇ يېڭىلاپ قۇيۇڭلار،   ئىزدەپ باقسام 2014-يىلدىكىسى چىقىدىكەن،   ئىشلىمەيدىكەن ئۇ
alip ۋاقتى: 2017-6-30 18:19:22
بودەكباي يوللىغان ۋاقتى  2017-6-30 17:30
ئوتقاش ئەپ بازىردىن چۈشەگىلى بولدىغان بولسا بەك ئەپلى ...

ئوتقاش ئەپ بازىرىدىمۇ بار
http://m.otkax.com/apps/com.appbyme.app199168
adiljan3359 ۋاقتى: 2017-6-30 21:24:11
ئوبدان چىقىپتۇ
selqut ۋاقتى: 2017-7-1 00:25:07
تىما كۆرۈش بىتىدىكى خەت رازمىرىنى سەل كىچىكلەتكىلى بولسا كىچىكلىتىلسە بوپتىكەن.
►J_AS_S_U_R◄ ۋاقتى: 2017-7-1 02:01:42
ئالما نۇسخىسىنىڭ يېڭىلانمىدىما
alfa215 ۋاقتى: 2017-7-1 15:58:51
رەھمەت ئالىپ ئەپەندى، چۈشۈرۋالدىم.  ئىشلىرىڭىز بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ  روناق تاپسۇن
燕山灰狼 ۋاقتى: 2017-7-1 18:47:05
بۇ قېتىمقى نۇسقىسى ھەقىقەتەن ياخشىكەن، بولسا  ئالىپتىكى ئەزالار ئۆز ئارا بىر بىرىنى قۇشالايدىغان ھەم پاراڭلىشالايدىغان بولسا تېخى ياخشى بۇلاتتى
13070035099 ۋاقتى: 2017-7-2 20:25:34
ئېسىل ،  ئوبدان بۇلۇپ -تۇ،  مەنمۇ چۈشۈرۋالاي-دەيمەنغۇ.
bulbulla ۋاقتى: 2017-7-4 12:25:18
ماۋۇ يىڭى نەشىرى راستىنلا ياخشى چىقىپتۇ ،ئىلگىركى نەشىرىدە ئەسكەرتىش ئۇچۇرى مانچە دەپ چىقاتتى ئەمما مەزمۇنىنى كۈرەلمىگەن ئىدىم ucتور كۆرگۈچتە كىرسەممۇ ئەسكەرتىش ئۇچۇر مەزمۇنىنى كۈرەلمىگەن ئىدىم ماۋۇ نەشىرىدە بۇ ئىشلا  ئوڭشىلىپتۇ ،ئەمما كىچىككىنە مەسىلە؛يىڭى نەشىرىگىمۇ  ئىلگىركى نەشىرىدىكىدەك ھەربىر تېمىنىڭ ئىنكاس سانى مانچە  دەپ كۆرسىتىپ تۇرىدىغان  ئىقتىدار قېتىلغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتىكەن،ئەگەر شۇنداق ئىقتىدار قېتىلسا  تېمىلارنى بىز كۆرگەندىن كىيىن يەنە يىڭى ئىنكاس يېزىلدىمۇ يوق بىر قاراپلا بىلگىلى بۇلاتتى
رويال ۋاقتى: 2017-7-6 09:48:47
ئىنتايىن ياخشى چېقىپتۇ،لىكىن مىنىڭ تىلفۇنۇمنىڭ  ئىشىمۇ  ياكى تىرمىنالنىڭمۇ،نۇرمال ئېچىلدۇ  3..4 مىنۇت  ئىچدە  چكىنپ كىتىپ باردۇ. ،  تىلفۇنۇم سەنشىڭ نوتې3 ئىدى  كونا نەشىرى  ئۇنداق ئەمەستى،كونا نەشىرنى يۇيۋەتكەنتىم بوممىسا
alfa215 ۋاقتى: 2017-7-8 06:27:28
ئالىپ ئەپەندى،  بۇ يېڭى نەشىردە  توردىكى ۋاقتى، ئاخىرقى كەلگەن ۋاقتى دىگەندەك يەرلەر يوقىتۋىتىلدىمۇ ياكى مەن تاپالماي قالدىممۇ؟   
مۇساجان2 ۋاقتى: 2017-7-19 14:37:16
يېڭلايدىغان  يامىقى چىقىپتىكەن   قاچلانمايدىكەن  بۇ قانداق ئىشتۇ
alip ۋاقتى: 2017-7-20 13:18:48
7-ئاينىڭ 20-كۈنى يېڭىلاندى، يېڭىلىۋېلىڭلار. بەزى خاتالىقلار تۈزىتىلىپ، تورغا ئېقىمى تېخىمۇ تېجەيدىغان قىلىندى
HAKAN49520 ۋاقتى: 2017-7-28 11:45:14
ياخشىمۇسىز ئالىپ ئەپەندى ، ئالىپ ئەپ تېرمىنالىنىڭ ئاندىرويىد نۇسقىسنى چۈشۈرگەن ئىدىم ، يېڭلاش ئۇچۇر كەلدى يېڭلىدىم ، لىكىن ئورنىتىلمىدى ، تىلپۇن تىپى شىياۋمى 4 تېلگىراف نۇسقىسى ، ئاندىرويىد 6.0.1 ، بۇ قانداق ئىشتۇ بىر جاۋاپ بەرگەن بولسىلا ، چىققان خاتالىق
未安装
مۇشۇ چىقتى
alip ۋاقتى: 2017-7-28 12:23:54

مۇشۇ تېمىدىكى ئادېرستىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ، ئاندىن قاچىلىنىدۇ.
HAKAN49520 ۋاقتى: 2017-7-28 13:25:44
alip يوللىغان ۋاقتى  2017-7-28 12:23
مۇشۇ تېمىدىكى ئادېرستىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ، ئاندىن قاچى ...

رەخمەت
tanha52014 ۋاقتى: 2017-11-11 19:19:42
بەك ئېسلكەن ياقتۇرۇپ قالدىم
kiram0802 ۋاقتى: 2018-1-28 14:46:09
بەك سۈپەتلىك چىقىپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部