+تېما يوللاش
hawaskar27 يوللانغان ۋاقتى:2017-5-10 03:03 18252 قېتىم كۆرۈلدى 19 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالىپ تورىدىكى تورداشلار ياخشىمۇسىلەر، ئۇزۇن ۋاقىتلار بولدى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى يىزىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ئالىپ تورىغا چىقىپ بولالماي قالدىم ، بۈگۈن ئاخىرى ماقالەمنى تاپشۇرىۋېتىپ ئۇھ دىگەچ ئالىپ تورىنى ئېچىپ يېقىندىن بۇيانقى يېڭى يازمىلارنى بىرقۇر كۆرۈپ چىقتىم ، يېقىندىن بۇيان خېلە يېڭىلىقلار بولۇپ كېتىپتۇ خەۋەرسىز قاپتىمەن، ئالىپ تورىدەك ئىلىمخۇمار ياشلار توپلانغان، پەن-تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز-ئارا ئېچىلىپ مۇنازىرە قىلىشىدىغان ئۇيغۇرچە مۇنازىرە سۇپىسىنىڭ بارلىقىدىن تولىمۇ خوشالمەن، ھەمدە تېخىمۇ ياخشى ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشمەن.
ئەمدى مەركىزى نوقتىغا كەلسەم، مەن ئىزدەن كۆپ تىل تەرجىمانىنىڭ تۈزگۈچىسى، بەلكىم بەزى دوستلار ئوتقاش تورىدىن ياكى ئالىپ تورىدىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن، تۆۋەندە مەزكۇر ئەپنىڭ تۈزۈلۈش جەريانى ھەمدە يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەرنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن، ئەپنىڭ ياسىلىش سەۋىيەسى ئانچە يۇقىرى بولۇپ كەتمىسىمۇ ،لىكىن يېڭى ئۆگىنىۋاتقان تورداشلار ئۈچۈن پايدىلىنىش ئەھمىيىتى بار يەرلىرى چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئۆزۈم كومپيوتېر كەسپىدىن ئىشكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن ، بۇ يىل يەتتىنجى يىلى، ئۇزۇندىن بۇيان تەجرىبىخانىدا مەكتەپنىڭ يۇمشاق دېتال تۈرلىرىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن، بىراق ئۆزۈم ئۆز ئالدىمغا يۇمشاق دېتال ئىشلەپ كۆرمىگەچكە ئۆتكەن يىلى 6- ئايدىن باشلاپ ئاندرويىد ۋە ئالما مەشفۇلات سېستىمىسدا پىروگرامما يىزىشنى ئۆگەندىم، ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا تەجرىبىخانىمىزدا رەسىمدىن چىراي پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى، مۇشۇ جەرياندا رەسىمدىن خەت تۇنۇش دىگەن تېما يەنى OCR غا دېققەت قىلىپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن يانفۇندا رەسىمگە تارىتسا رەسىمدىكى خەتنى تۇنۇپ بېرىدىغان سىناق ئەپتىن بىرنى ياساشقا كىرىشتىم، ئىزدىنىپ كۆرسەم بۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە ئۇسۇل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن:
1.  بەيدۇ شىركىتىنىڭ OCR api سىنى ئىشلىتىش: بۇ ئەڭ قولايلىق ئۇسۇل بۇلۇپ بىرقانچە قۇر كود يىزىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ، تۇنۇش توغرىلىق دەرىجىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى،  بىراق ھەر بىر قېتىم رەسىم تۇنۇش ئۈچۈن بەيدۇ شىركىتىگە ھەق تاپشۇرىدىكەنمەن.

يۇقىرىدىكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بۇيىچە بولغاندا، مەسىلەن: مەن ياسىغان ئەپنى كۈنىگە 5000 ئادەم ئىشلەتسە، ھەر بىر ئادەم بىر كۈندە 5 تال رەسىم تۇنۇتقان بولسا مەن ھەر كۈنى 25000 قېتىم ئۈچۈن ھەر كۈنى بەيدۇ شىركىتىگە 1100 يۈئەن تاپشۇرىدىكەنمەن، يەنى بىر ئايدا 33000 يۈئەن ھەق تاپشۇرىدىكەنمەن.
2.لىڭيۈن شىركىتى قاتارلىق باشقا شىركەتلەرنىڭ OCR api سىنى ئىشلىتىش، مۇبۇ بىرقەدەر قولايلىق ئۇسۇل بۇلۇپ بىرقانچە قۇر كود يىزىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، تۇنۇش توغرىلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى، بىراق بۇمۇ ھەقلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت شىركەتلەر بىلەنلا سودىلىشىدىكەن، شەخىسلەرگە تەمىنلىمەيدىكەن.

بۇ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بۇيىچە بولغاندا مەن ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر كۈنى لىڭيۈن شىركىتىگە 1250 يۈئەن تاپشۇرىدىكەنمەن، يەنى بىر ئايدا 37500 يۈئەن.
3.Tess تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ رەسىمدىن خەت تۇنۇش ئالگورىزىمىنى ئۆزۈم يىزىش ھەمدە خەت تۇنۇش ئامبىرىنى ئۆزۈم مەشىقلەندۈرۈپ تەييارلاش، بۇ ئۇسۇل پۈرۈنلەي ھەقسىز ، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس، ۋاقىت ئىنتايىن كۆپ كىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسىمدىن خەت تۇنۇش توغرىلىق دەرىجىسى مۇقىم ئەمەس.
يۇقارقى ئۈچ خىل ئۇسۇلدىن ئۈچىنجىسىنى تاللاپ سىناپ كۆرمەكچى بولدۇم ، شۇنىڭ بىلەن tess نى ئۆگىنىشكە كىرىشتىم، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ C++ دا يىزىلغان ئەسلى كودىنى توردىن تېپىپ ئىشلەش پىرىنسىپىنى ئۆگەندىم، ئاندىن Visual Studio  ئارقىلىق ئەسلى كودىدىن ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان ھۆججەت ھاسىل قىلماقچى بولدۇم، لىكىن تولا مەغلۇپ بۇلۇپ ئاخىرى كومپيۇتېرنىڭ سېستىمىسىنى Linux قا ئۆزگەرتىپ MinGW ئارقىلىق ھاسىل قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۆزى تەمىنلىگەن ئېنگىلىستىلى ئامبىرى ئارقىلىق ئېنگىلىسچە خەتلەر بار رەسىملەردىن خەت تۇنۇتۇپ باقتىم ، خېلە ئوبدان تۇنىدى. بىراق ئۆزى تەمىنلىگەن خەنزۇچە تىل ئامبىرىنى قوللىنىپ خەنزۇچە خەتنى تۇنۇتۇپ باقسام خاتا تۇنىۋالغان خەتلەر ناھايىتى كۆپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن خەنزۇچە تىل ئامبىرىنى ئۆزۈم مەشىقلەندۈرۈش قارارىغا كەلدىم.
تىل ئامبىرىنى مەشىقلەندۈرۈشنىڭ پىرىنسىپى شۇكى: ئالدى بىلەن tiff ھۆججەت شەكلىدىكى رەسىمدىن خەتنى تۇنىتىمىز، ئەگەر خاتا تۇنىۋالغان خەتلەر بولسا بۇ tiff رەسىمدىن box  ھۆججىتى ياساپ بۇ ھۆججەتنى تەھرىرلىگۈچ يۇمشاق دىتالى بىلەن تەھرىرلەپ خاتا تۇنىۋالغان يەرلىرىنى تۇغرىلايمىز، ئاندىن توغرىلىغان ھۆججەتنى قايتا قايتا تۇنۇتۇپ تاكى توغرا تۇنىغانغىچە قەدەر داۋاملاشتۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ رەسىمنى توغرا تۇنۇيدىغان كىچىك تىل ئامبىرى ھاسىللىنىدۇ، بۇنى ئاپىرىپ بىز ئەسلىدە بار بولغان تىل ئامبىرى بىلەن بىرىكتۈرىۋېتىمىز، يۇقارقى مەشخۇلاتنى قايتا قايتا ئوخشىمىغان رەسىملەرنى ئىشلىتىپ تەھرارلايمىز، شۇنىڭ بىلەن تۇنۇش توغرىلىق دەرىجىسى ئاستا ئاستا ئاشىدۇ.

تىل ئامبىرى بىلەن ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆججەت پۈتكەندىن كىيىن بۇنى يانفۇندا قانداق ئىجرا قىلىش توغرىسىدا ئىزدەندىم، ئاخىرىدا C++  يىزىلغان بۇ سېستىمىدىن Android NDK, JNI ئارقىلىق so ھۆججىتى ھاسىللاپ يانفۇندىكى سىناق ئەپكە قويدۇم، شۇنىڭ بىلەن يانفۇندا رەسىمگە تارتىپ رەسىمدىن خەت تۇنۇشنىڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي نۇسقىسى پۈتتى.

ئاندىن ئويلاپ قالدىم رەسىمدىكى خەتنى تۇنۇپ بەرگەندىن كىيىن يەنىمۇ ئىشكىرلەپ تەرجىمە قىلىۋەتسە تېخىمۇ ياخشى بۇلاركەن، شۇنىڭ بىلەن توردا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن تەرجىمە ئىدارىسى تور بېكىتىگە ئۇلاپ قويدۇم، بىراق قارىسام بۇ تور بېكەت سەل تۇراقسىزكەن تولا ئۇلانماي قالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن 小牛翻译引擎 نىڭ ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈپ ئامازۇن بۇلۇت مۇلازىمىرغا قويدۇم ، ئاندىن ئەپنى مۇشۇ مۇلازىمىرغا ئۇلىنىدىغان قىلدىم، بۇ تەرجىمان تەرجىمە ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئاۋال ئۆزىنىڭ تىل ئامبىرىدىن ئىزدەپ كۆرىدۇ، ئەگەر تاپالىسا بىۋەستە تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ، ئەگەر تاپالمىسا تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ سېستىمىسىدىن تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ، ھەمدە بۇ تەرجىمە نەتىجىسىنى ئۆزىنىڭ تىل ئامبىرىغا ساقلىۋالىدۇ.
شۇنداق قىلىپ مۇشۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كىيىن ئەپنىڭ 1.0 beta سىناق نۇسقىسىنى ياسىدىم ھەمدە ئالىپ تورىدا تارقاتتىم، تورداشلارنىڭ قىزىقىشى مىنىڭ مۆلچەرىمدىن بەكلا ئېشىپ كەتتى، ئەپنىڭ سىناق نۇسقىسى بولغاچقا نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان ئەلۋەتتە، رەسىمدىن خەت تۇنۇش تەرجىمە قىلىش ئىختىدارلىرى مۇكەممەل ئەمەس ئىدى، قىسقىغىنە ئۈچ كۈندە تورداشلارنىڭ ئالىپ تورىدىن كۆرۈشى ھەمدە ھەرقايسى سالونلارنىڭ تارقىتىشى نەتىجىسىدە 5000 دىن ئارتۇق ئادەم قاچىلاپتۇ، ئىشلىتىش جەريانىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يۇلۇقۇپتۇ، بەزىلەر مىنى ئىزدەپ ياخشى سۆزلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرۇپ يۇلۇققان مەسىلىلىرىنى دەپ ئوڭشىۋېتىشىمنى ئېيتتى، يەنە بەزى قىززىققان تورداشلار بەزى ياخشى بولمىغان سۆزلەر بىلەن مەندىن ئاچچىقىنى چىقاردى ، بوپتۇ مەيلى دىدىم . بۇ نەشىرىدىكى ساقلانغان مەسىلىلەر :
1.        تىل بولىقىنى چۈشۈرگىلى بولماسلىق، ھەربىر تىل بولىقىنىڭ سىغىمى 30-50 مىگابايتقىچە بولىدۇ، مەن ئەگەر ئۇلارنى ئالىبابا بۇلۇت مۇلازىمىرى قاتارلىقلارغا ھەق تۆلەپ چىقارسام، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بۇيىچە مەن ھەر gb 1 ئېقىم قىتدارى ئۈچۈن 8 يۈئەن تۆلەيدىكەنمەن، بۇنداق بولغاندا 5000 ئادەمنىڭ بىر قېتىمدىن خەنزۇ تىلى تىل بولىقىنى چۈشىرىشىگە 2500 يۈئەن تۆلەيدىكەنمەن، بۇ پۇلنى چىقىرالمىغىدەكمەن دەپ تىل بولاقلىرىنى ئەرزانراق بولسۇن دەپ ئامازون بۇلۇت سۇپىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن چىقارغان ئىتىبارلىق مۇلازىمىرىغا قويغان، تەپسىلاتىنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ ئىشقىلىپ بەزى رايۇنلاردا بۇ مۇلازىمىر ئۇلانمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تورداشلار چۈشىرەلمەي نارازى بۇلۇشتى.
2.        رەسىمدىن خەت تۇنىيالماسلىق : ئۇ ۋاقىتتا بۇ پەقەتلا بىر ئىپتىدائىي نۇسقىدىكى ئەپ بولغاچقا خەنزۇتىلى تىل بولىقىنى تېخى ياخشى مەشىقلەندۈرۈپ بولالمىغان شۇڭا تۇنۇش توغرىلىق دەرىجىسى بەك تۆۋەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى تورداشلار خەنزۇچە خەت بار رەسىمنى ئېنگىلىسچە تىل بولىقى ئارقىلىق تۇنۇشنى تاللاپ قۇيۇپ يەنى تىل بولىقىنى خاتا تاللىۋېلىپ ھىچنىمىنى تۇنىيالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ كۈرۈلدى. 3.        تەرجىمە توغرا چىقماسلىق، نۇرغۇن تورداشلار بىر سۆز ياكى بىرەر جۈملىنى تەرجىمە قىلغۇزماي، بىر قېتىمدا بىراقلا سەككىز توققۇز قۇر خەتنى تەرجىمە قىلغۇزىدىغان بولغاچقا تەرجىمە نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، بۇنداق جېق خەتنى بىر قېتىمدىلا توغرا تەرجىمە قىلىپ بەر دىسە گوگۇل تەرجىمانىنىڭمۇ قىلالىشى تەس ئەلۋەتتە.
يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرگە قارتا كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ئوڭشىۋەتتىم، خەنزۇ تىلى تىل بولىقىنى ياخشى مەشىقلەندۈرۈپ تۇنۇش توغرىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇردۇم، ئازراق كىرىم بۇلۇپ قالسۇن دەپ ئېلان قۇيۇپ تىللا تۇلۇقلاش ئىختىدارىنى قۇشۇپ قويدۇم، شۇنىڭ بىلەن ئەپنىڭ 1.1 نۇسقىسىنى ئوتقاش ئەپ بازىرىغا قويدۇم، بۇ نەشىرىدە ساقلانغان مەسىلىلەر:
1.        تىل بولىقىنى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مۇلازىمىتى خېلە ياخشى بولغان بۇلۇت سۇپىسىغا قويدۇم، ھەممە رايۇنلاردىكى ئشىلەتكۈچىلەر تىل بولىقىنى چۈشىرەلەيدىغان بولغانتى، بىراق چۈشۈرىدىغانلار بەك كۆپ بولغاچقا، ئۈچۈنجى كۈنى ئۇلار ئېقىم مىقدارىڭ بەك كۆپكەن دەپ تىل بولاقلىرىمنى مۇلازىمىردىن يۇيىۋەتتى، شۇنداق قىلىپ تىل بولىقىنى يەنە چۈشۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى.

2.         ئېلان چىكىپ تىللا تۇلۇقلايدىغان ئىختىدار كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ نارازلىقىنى قوزغىدى، مەن مۇلازىمىرنىڭ چىقىمىنى قامداشنىلا نىشان قىلغان ئىدىم، كۆپلىگەن تورداشلار مىنىڭ ئېلان قۇيۇپ بەك بېيىپ كەتكەن كەتمىگەنلىكىمدىن گۇمانلىنىپ مىنى ئىزدەپ بۇنداق ئاچكۆز بولسام بولمايدىغانلىقىنى ، ئەپكە ئېلان قويماسلىقىم كېرەكلىكىنى ئېيىتتى، مۇئامىلىسى ياخشى بولغان تورداشلارغا ئىشنىڭ تىگى تەكتىنى ئەستايىدىن چۈشەندۈردۈم، مۇئامىلىسى قوپال بولغان تورداشلارغا : پروگراممىرلار بىرەر ئەپنى كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىغا قاش ئېتىپ قويسىلا ياسىلىپ قالمايدۇ، ئۇلارمۇ ئادەم تاماق يەيدۇ ، ھارىدۇ ، چارچايدۇ دەم قويدۇم.
8.png
مۇلازىمىرنىڭ ئىشى جىددىي بولغاچقا دەرھال تېڭشۈن بۇلۇت سېستىمىسىدىن مۇلازىمىر ئىجارىگە ئېلىپ تىل بولاقلىرىنى قويدۇم، ئەمما ئىختىساد چەكلىك بولغاچقا تور سۈرئىتى ئاستاراق مۇلازىمىرنى تاللاپ ئىجارە ئالدىم، شۇنىڭ بىلەن كېچىلەپ 1.2 نۇسقىسىنى پۈتتۈرۈپ ئوتقاش تورىغا چىقىرىۋەتتىم، بۇ نەشىرىدىكى تورداشلار ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىلەر:
Screenshot_2017-05-10-02-23-25.jpg
1.        تىل بولىقى چۈشۈرۈش بەك ئاستا، ئەمدى بۇنىڭغا مەندە راستىنلا ئامال قالمىدى.
2.        ئەپنىڭ سۈرئىتى بەك ئاستا، تۇنىۋاتىدۇ دىگەن خەت بەك ئۇزاق چىقىپ تۇرىدۇ.
ئۇ ۋاقىتلاردا پۈرۈن زېھنىمنى ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمگە قاراتمىسام بولمىغانلىقى تۈپەيلى ئەپنىڭ مەسىلىلىرىنى يېڭىلاشقا ئۈلگۈرمەي ئالدىنقى بىرقانچە ئايدا قۇيۇپ قۇيۇپ تۇردۇم، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئاخىرى بېكار بۇلۇپ 1.3 نۇسقىسىنى ياساشقا كىرىشتىم ھەمدە ئىزچىل ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىشقا بەل باغلىدىم! ئىككى ھەپتىدىن بىرى ياتاقتىن چىقماي ئولتۇرۇپ 1.3 نەشىرىنى پۈتتۈردۈم، يېڭى نەشىردىكى يېڭىلىقلار:
1.        كۆپچىلىك ئىزچىل چۈشۈرۈپ بولالمايۋاتقان خەنزۇتىلى بولىقىنى ئەپنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋەتتىم، چۈشۈرۈش ھاجەتسىز بولدى، ئەپنى قاچىلىغاندىن كىيىن بىۋاستە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى، ئەمما ئەنسىرەيدىغىنىم ئەپنىڭ سىغىمى 40 مىگابايت بولۇپ كەتتى، ئوتقاش تورىغا چىقارالامدىم چىقىرالمامدىم بىلمەيمەن.
2.        رەسىمدىن خەت تۇنۇش سۈرئىتى توغرىلىق دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى، خەتنى ئامال بار ئازراق تاللىسىڭىز تۇنۇش سۈپىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
3.        تەرجىمە سۈرئىتى تېزلەشتۈرۈلدى، مۇلازىمىرغا ئۇلىنىش سۈرئىتى ئاشۇرۇلدى.
4.        ئېلان چىكىش ياكى ئەپنى ھەمبەھىرلەشنى خالىمايدىغان دوستلارغا تىللا تۇلۇقلاش ئىختىدارى قۇشۇلدى، تىللانى مەندىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، 10 يۈئەنگە 10000 تىللا قاچىلاپ بېرىمەن.
5.        ئاۋازلىق تەرجىمان قۇشۇلدى، بېيجىڭ لىڭيۈن بۇلۇت تېخنىكىسى شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەپكە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئاۋازلىق تەرجىمان ئىختىدارىنى قوشتۇم ،يانفۇنغا سۆزلىسىڭىزلا ئاۋازىڭىزنى تۇنۇپ تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. بىراق مەن ئۇ شىركەتتىكىلەرنىڭ قويغان باھاسىغا چىقىش قىلالمىغانلىقىم ئۈچۈن ھازىر ماڭا پەقەت 1000 دانە يانفۇنغا قاچىلىغىلى بولىدىغان SDK ئېچىپ بەردى، ئېشىپ كەتسە يا قۇشۇپ ھەق تۆلەيسەن ياكى ئىتىۋېتىمىز دىدى، شۇڭا ئازراق كىرىم قىلىپ قەرىز قايتۇرۇش ئۈچۈن ھازىرچە تىللا قالدۇق سوممىسى 5000 تىللاغا يەتكەن ئىشلەتكۈچىلەرلا ئىشلىتەلەيدىغان قىلىپ تەڭشىدىم، مەندىن تىللا سېتىۋېلىپ ياكى ئېلان چىكىپ تۇلۇقلاپ ئىشلەتسەكلار بولىدۇ، توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
14.png
6.        ئەپنىڭ لوگوسىنى ئالماشتۇرىۋەتتىم.
7.        ئەپنىڭ تور كۆرگۈچىسىدە ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ئەمدە ئىزدە لۇغىتىگە ئۇلىنىغان ئۇلانما قۇيۇپ قويدۇم، تورداشلار سۆزلەرنىڭ تەپسىلى تەرجىمىسىنى بىلمەكچى بولسا ئۇلانما ئارقىلىق شۇ توربېكەتلەرگە كىرىپ تەرجىمە قىلسا بولىدۇ.
8.        خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىسى چىقىدىغان قىلدىم، رەسىمدىن تۇنىغان خەنزۇچە خەتنى كۆپچىلىكنىڭ بىر قاراپلا بىلەلىشى ئۈچۈن تۇنىغان خەنزۇچە خەتلەرنىڭ پىنيىنى چىقىپ تۇرىدىغان قىلىپ تۈزدۈم.
9.        تەرجىمە نەتىجىسىنى كۈچۈرىۋالغىلى بولىدىغان قىلدىم، كۈچۈرۈش دىگەن كىچىك كۇنۇپكىنى باسسىڭىز مەزمۇننى كۈچۈرەلەيسىز.
9.png 10.jpg 12.jpg
كىيىنكى پىلانىم ئۇيغۇرچە خەتنىمۇ ocr ئارقىلىق تۇنىغىلى بولىدىغان قىلىش، ئەمىلىيەتتە tess تېخنىكىسى نەزىرىيە جەھەتتىن ئۇيغۇرچە خەتنىمۇ تۇنىيالايدىكەن، مۇھىمى يىزىق ئامبىرىنى تەييارلاشكەن، بۇ بەك ۋاقىت كېتىدىغان ئىشكەن، ئەسلىدە تەمىنلىگەن تىل ئامبىرىنىڭ تۇنۇش توغرىلىق دەرىجىسى 10% گىمۇ يەتمەيدىكەن، مەن ئۆزۈم تەييارلىغان مەشىقلەندۈرۈلگە تىل ئامبىرى مۇكەممەل بولمىغاچقا ھازىرچە ئۇيغۇرچىدىن خەت تۇنۇش ئىختىدارى توغرىلىق دەرىجىسى 30% ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ، بۇ ئىختىدارنى مەن ئەپكە ئاللىبۇرۇن قۇشىۋەتتىم لىكىن كۆپچىلىككە كۆرۈنمەيدىغان ئىشلەتكىلى بولمايدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم، چۈنكى توغرا تۇنىيالمىسا  يەنە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ رەنجىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، ئەگەر سىز بۇ تەتقىقاتقا قىززىقسىڭىز ئەپنىڭ تەڭشەك بېتىگە كىرىپ ئەپ نەشىرى دىگەن كۇنۇپكىنى توختىماي 5 قېتىم چەكسىڭىز بۇ ئىختىدار ئېچىلىدۇ، ئاندىن ئەپنى قايتا قوزغىتىپ ئۇيغۇرچە رەسىم تۇنۇش تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.  ئەسكەرتىپ ئۆتسەم بۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس، شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە توغرىلىق دەرىجىسى 75% دىن ئاشقاندا ئاندىن رەسمى ئېلان قىلىمەن.
15.jpg
مىنى توللايدىغان دوستلارنىڭ ئەپتىكى ئېلانلارنى چىكىپ قۇيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئېلاننى چەكسىڭىز خەنزۇچە ئەپ چۈشىدۇ، بۇ ئەپلەرنى ئالىبابا ئەپ سۇپىسى تەمىنلىگەن يېشىل قانۇنلۇق ئەپلەر، چۈشكەن ئەپنى قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق چۈشىۋاتقان ۋاقتىدا توختىتىۋېتىپ يۇيىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ، رەھمەت. مەزكۇر يازمىنى سالونلارغا قۇيۇپ ئەپنى تارقىتىشنى ئويلىغان تورداشلارنىڭ ئەپنى چۈشۈرگۈچىلەرگە تۆۋەندىكىلەرنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قۇيىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن:
1.        كامىرادىن خەت تۇنۇتقاندا ئامال بار ئازراق خەتنى بىر تاللاڭ، مەزكۇر ئەپ كىتاپ يۈزىدىكى خەتلەرنى تۇنۇشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ ، باشقا يەرلەردىكى خەتلەرنى ئەگەر خەت مىقتارى ئازراق بولسىمۇ ياخشى تۇنۇپ بېرىدۇ.
2.        رەسىمدىن خەت تۇنۇپ بولغاندىن كىيىن خاتا تۇنۇۋالغان ھەرىپ ، خەت ، پەش بەلگىلەر بولسا تەھرىرلەپ ئېلىۋېتىپ ئاندىن تەرجىمە كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
3.        مەن ھازىر تەمىنلىگەن چۈشۈرۈش ئادرىسىدىن بەزى تورداشلار ئەپنى چۈشىرەلمەسلىكى مۇمكىن ، بۇنىڭغا ھازىرچە ئامال يوق، ئەگەر ئوتقاش ئەپ بازىرىغا چىقىرالىسام، شۇيەردىن چۈشۈرىۋالسا بولىدۇ.
ئاخىرىدا ئوتقاش ئەپ بازىرىغا ھەمدە قوللاپ يېقىندىن ياردەمدە بولغان ياخشى پىكىرلەرنى بەرگەن تورداشلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئەپنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىپ چۈشىرىۋالسىڭىز بولىدۇ، چۈشۈرىدىغان ئادەم كۆپ بۇلۇپ كەتسە ئاستىلاپ كىتىشى مۇمكىن، ئەپۇ قىلغايسىز :
بۇ خەتنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ سىغىمى 42 مىگابايىت

تولۇقلىما مەزمۇن (2017-5-11 14:04):
ئوتقاش ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://m.otkax.com/apps/com.bodekjan.camerax

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 11تەجرىبە +283 يىغىش سەۋەبى
muhter23 + 20 مەن قوللايمەن
tzad + 20 ياخشى دېتال
150015 + 30 مەن قوللايمەن
2311428287 + 20 مەن قوللايمەن
weli + 30 مەن قوللايمەن
Boy卍HEr〇 + 30 مەن قوللايمەن
alip + 50 ئىجادىي ئەسەر
iltebir107 + 3 مەن قوللايمەن
yawaghaz + 30 ئىجادىي ئەسەر
qut + 20 مەن قوللايمەن
شەرەر + 30 ياخشى دېتال

باھا خاتىرىسى

19ئادەم ئىنكاس يازدى

ozugh ۋاقتى: 2017-5-11 14:51:46
تېما ئىگىسى، ۋاقتىڭىز بولسا «شەرەر» يوللىغان تۆۋەندىكى تېمىنى كۆرۈپ باقسىڭىز... قارىغاندا OCR توغرىسىدا خىلى ئىزدەنگەندەك قىلىسىز، بۇ جەھەتتىمۇ خىلى چوڭقۇرلاپسىز... بولسا شەرەر، يۇمشاق دېتال قاتارلىق پىروگراممىرلار مۇشۇ ئۇيغۇرچە OCR توغرىسىدا بىر ئىزدىنىپ باقساڭلار بولاتتى... باشقىلارمۇ قولىمىزدىن كېلىشمىزچە ھەمدەمدە بولاتتۇق...
http://www.aliptori.com/forum.php?mod=viewthread&tid=51222
farol ۋاقتى: 2017-5-11 16:06:39
ئالمىنىڭمۇ باما
HAKAN49520 ۋاقتى: 2017-5-11 16:13:42
بۇ تەرجىمانغا گەپ كەتمەيدۇ ، بۇنىڭغا كۆپ ئەجىرلەرنى سىڭدۈرۈپتۇ ، مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا كۆپ ياردەمدە بولدى ، باشقىلار ياسىغان رەسىمدىن خەت تۇنىتىش ئەپ دىتالىنى سىناپ باقتىم بۇنىڭغا يەتمەيدىكەن ، بۇ ئەپنى ياسغان ئۇستامغا كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ، بەزى بايقالغان bug لارنى سىزگە مەلۇم قىلىپ تۇرىمەن ، بىلىمىڭىز زىيادە بولغاي ، كۆپ رەھمەت جاپا چەكتىڭىز !
mamataili110 ۋاقتى: 2017-5-11 17:12:43
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamataili110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-5-11 17:16  

رەھمەت ئىنىم ،  ناھايىتى ياخشى ئىشقىلىپسىز ، ئۆزىڭىز يالغۇز مۇشۇنچىلىكلا جاپالىق ئەمگەكنى تۈگىتىشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزدەك بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلارنى بىر  تەرەپ قىلىشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس.ئەمەلىيەتتە ئالدىنقى قېتىملىق ئىشلىگەن نەشرىڭىزنى مەن ئىشلىتىپ كۆرگەندىن كېيىن سىزدىن ناھايىتى خۇشال بولغان ئىدىم ھەمدە بەزىبىريېتەرسىزلىكلەر تۈزىتىلىپ كەتىكەن بولسا دەپ ئويلىغان ئىدىم بۇ قېتىملىق ياسغان بۇ ئەپتەمەن ئويلىغان  يېتەرسىزلىكلەر  تۈگىتىلىپتۇ.جاپالىق ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.
شىرىزات ۋاقتى: 2017-5-12 15:54:26
margan65 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-12 11:05
نەدە42 مىگابايت بولىدۇ

سىز كونا نەشىرنى چۈشىرىپسىز  بۇ يېڭى نەشىرى كەن مەنمۇ 42 مىگابايىت چۇشۇردىم يەنە رەسىممۇ تازا ئوخشاش ئەمەس كونا نەشىرنىڭ رەسىمدەك قىلدۇ يېڭى نەشىرنى چۇشرۇپ ئىشلىتىپ بېقىڭ ئىقتىدارى ياخشى كەن يېڭى نەشىرنىڭ ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部