+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2017-4-30 12:08 8586 قېتىم كۆرۈلدى 25 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
گاۋدې خەرىتىسى نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچىدىكى خەرىتە، يول باشلاش بىرلەشتۈرۈلگەن ئەڭ ياخشى يول باشلاش سىستېمىسى. نۆۋەتتىكى ئىشلەتكۈچىلىرى 700 مىليوندىن ئاشىدۇ.
20140211100548-2082329418.jpg
4-ئاينىڭ 20-كۈنى گاۋدې خەرىتىسىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى دوڭ جېن نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەن يېڭى مەھسۇلات «ھەرىكەتچان خەرىتە» (活地图) نى تونۇشتۇردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى تېنچ ھالەتتىكى خەرىتە زاماندىن قالدى. گاۋدې خەرىتىسى چوڭ مەلۇمات ۋە چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ «ھەرىكەتچان خەرىتە» ياسىدى. ھەرىكەتچان خەرىتە ئۆزگىرىشچان يول ئەھۋالى، ھەرىكەتچان ئاپتوموبىل، ھەرىكەتچان ئادەم قاتارلىق ئۈچ تەرەپتىن ھەرىكەتچان ئەقىلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ.

2015082548872341069.jpg

گاۋدې شىركىتى تور سانلىق مەلۇماتىدىن باشقا قاتناش ساقچىلىرى، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزلۇق شەھەر قاتنىشى سانلىق مەلۇماتىنى كىرگۈزۈپ، قوش ئېكېلوگىيىلىك قاتناش چوڭ مەلۇماتىنى قۇرۇپ چىقتى.
نۆۋەتتە گاۋدې خەرىتىسىگە قاتناش ھادىسسى، يول قۇرلۇشى، قاتناشنى كونترول قىلىش ... قاتارلىق قاتناش ۋەقەلىرى سېكۇنت دەرىجىسىدە تورغا چىقىرىلىدۇ. قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرلىرى مىنۇت ئىچىدە يېڭىلىنىدۇ. ئەمەلىي يول ئەھۋالىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %90 دىن ئاشىدۇ. گاۋدې خەرىتىسى  يول باشلاش، قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ھەر كۈنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ 4 مىليون سائەت ۋاقتىنى تېجەۋاتىدۇ.
گاۋدې خەرىتىسى ھەقسىز. GPS ۋە توردىن پايدىلىنىپ ئورۇن بەلگىلەپ يول باشلايدۇ. خەرىتە بولىقىنى ۋايفاي شارائىتىدا چۈشۈرۋېلىپ، سىرتقا چىققاندا شۇ خەرىتىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان تورسىز  (离线) ئىقتىدارى بار. ئەڭ يېڭى نەشىرىدە يول باشلاش ئاۋازىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە تەڭشىگىلى بولىدىغان ئىقتىدارى بار. ئالدىڭىزدا قىزىل چىراق بار، سۈرئىتىڭىز بەلگىلەنگەن تېزلىكتىن ئېشىپ كەتتى، ئالدىڭىزدا سۈرئەت ئۆلچەش رادارى بار، بۇ يولنىڭ بەلگىلگەنگەن تېزلىكى 60 كىلومېتىر... دېگەندەك ئاۋازلارنى ئۆزىڭىز دەپ ئۈنگە ئېلىپ تەڭشەپ قويسىڭىز، يول باشلىغاندا شۇ تەڭشىگەن ئاۋازلار چىقىدىكەن.

گاۋدې خەرىتىسى ئىگە تەرەپتىن ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈش

ئاندرويد نەشىرىنى چۈشۈرۈش

ئالما نەشىرىنى چۈشۈرۈش

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +3 يىغىش سەۋەبى
iltebir107 + 3 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

25ئادەم ئىنكاس يازدى

تەۋەككۇل ۋاقتى: 2017-4-30 12:29:01
مەنمۇ ئىشلىتىۋاتىمەن، بەيدۇ، تېڭشۈننىڭكىگە كۈنەلمىدىم ، ھەممىدىن مۇشۇ ياخشىكەن.
تەۋەككۇل ۋاقتى: 2017-4-30 12:47:12
بۇ يەردىن چۈشۈرەلمىسەڭلا ئەپ بازارلىرقدىن چۈشۈرسەڭلىما بۇلىدۇ.
高德 gaode
chilek175 ۋاقتى: 2017-4-30 13:44:14
高德گاۋدى خەرىتىسى ھەقىقەتەن ياخشى،خەرىتىگە بەك كۈچەيدۇ،
بەيدۇ تېڭشۈن ،باشىقا خەرىتە ياسىغۇچىلار نىسبەتەن  قوشۇمچە تۈر
tursunxayar ۋاقتى: 2017-4-30 13:52:38
شۇنداق، ھەقىقەتەن ياخشى خەرىتىكەن بۇ، باشقىلىرىدا شەھەر ئىچى ئاساس قىلىنغان بولسا ماۋۇ گاۋدې خەرىتىسىدە شەھەر ۋە يېزا شۇنداق تەپسىلى ئىكەن
aksu520 ۋاقتى: 2017-4-30 13:57:00
قالتىس يېڭىلىق بۇپتۇ
چۇمۇلەم ۋاقتى: 2017-4-30 16:40:30
راۋان يولمۇ بۇلىدۇ ،لىكىن ھەقلىق ،سېتۋالاي دىسە يىلدا بىرە قېتىم ئېھتىياج چۇشسە چۇشۇدۇ بولمىسا يوق .شۇڭا مۇشۇ گاۋدى  مۇ بۇلۇپ قالىدۇ .
ozhanbiz ۋاقتى: 2017-4-30 17:32:34
چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي ، قېنى دوستلار!ئالاھىدىلىك ئارتۇقچىلىقلىرى بولسا مەن سىلەرگە يوللايمەن.
hawaskar218 ۋاقتى: 2017-4-30 20:09:31
مۇشۇ  ماشىنىغا قاچىلايدىغان يول باشلاش سېستىمىسىنىڭ ياخشىراقىنى تەۋسىيە قىلساڭلار . كەيلىدىنىڭ ياخشىراقىنى تاپالمايۋاتىمەن بىلسەڭلار يوللاپ قويساڭلار
elbilge ۋاقتى: 2017-4-30 20:18:26
كەيلىدې شەھەرنىلا ئاجايىپ ياخشى تەپسىلى تونۇيدۇ،يېزا بىلەن ئىشى يوق ،گاۋدې بولسا شەھەر ، يېزا ئىككىلىسىنى تونۇيدۇ، ھەتتا كەنتلەر مەھەللىلاردىكى كىچىك ، توپىلاڭ خالتا يوللارمۇ باركەن ، مەن سىناپ باقتىم ، يىغىپ كەلسەك گاۋدې ئەڭ ياخشىسى
كەيلىدېنى ئاچسا ماشىنىدا ناخشا توختايدۇ، ناخشىنى قويساڭ كەيلىدې توختايدۇ، ما يېرى بەك ناچار، گاۋدېدا ناخشا چىقىۋېرىدۇ، گاۋدې گەپ قىلغاندا ناخشا پەسلەپ بېرىدۇ
elbilge ۋاقتى: 2017-4-30 20:22:24
ھەركەتچان دىگىنى قاتناش تارماقلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىنى ھەر ۋاقىت ئېلىپ ئەمىلى،جانلىق يول باشلايدۇ، بىر يىل ئىلگىرى ئىشلەپ قويغان يول ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئۆلۈك يول باشلاۋەرمەيدۇ دىگىنى
ھەر مىنۇتتا بىر يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ دەپتىغۇ، شۇ تورنى ئازراق ئىشلىتىپ تۇرغۇدەك…
elbilge ۋاقتى: 2017-4-30 20:24:03
ماشىنىسىدا ئاندرويد سېستىمىلىق يول باشلىغۇچ بارلار گاۋدې قاچىلاپ ئىشلىتىڭلار
؟؟؟؟ ۋاقتى: 2017-4-30 21:46:47
مۇشۇ خەرتىنى ئىشلەتكەندىن بىرى خەقتىن پەقەت يول سوراپ باقماپتىمەن.
elbilge ۋاقتى: 2017-4-30 23:17:04
xatmen يوللىغان ۋاقتى  2017-4-30 21:54
ئەكىلىڭە قولىڭىزنى بۇرادەر  ، ئىنكاسىڭىزبىلەن يوللاپ ...

قاچىلاشقا ھېچقانداق ئالاھىدە ئىش كەتمەيدۇ ، android يانفونغا ئەپنى قانداق قاچىلىساڭلا ماشىنىدىكى ئاندرويد داۋخاڭغىمۇ شۇنداق قاچىلايسىلە، ئەگەر داۋخاڭ ئاندرويد بولمىسا ئېھتىمال گاۋدېنىڭ win c يوققۇ دەيمەن، قاچىلاپ ئاندىن سېستىما تەڭشىكىدىن 离线地图 نى تاللاپ ئاندىن ئۆزەڭلىگە لازىملىق جاينىڭ تورسىز خەرىتە بولىقىنى چۈشۈرۈۋالساڭلا ئىش تامام، ئۇنىڭدىن كېيىن تور كەتمەيدۇ
xatmen ۋاقتى: 2017-4-30 23:59:32
elbilge يوللىغان ۋاقتى  2017-4-30 23:17
قاچىلاشقا ھېچقانداق ئالاھىدە ئىش كەتمەيدۇ ، android يانف ...

ماشىنامنىڭ  ئورۇن بەلگىلەش سيستىمىسى  ،  ئاندىرويىد ئەمەس  .  
دىگنىڭلا بويىچە سىناپ باقاي
ئەركە1 ۋاقتى: 2017-5-1 12:52:19
手机医生 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-30 21:35
قويۇڭلا بەيدۇنىڭ خەرىتىسىنى، ئىشقىلىپ كۆپ خەرىتە مىنى ...

بۇنىڭ تورسىز خەرىتىسىنى نەدىن چۈشۈرمىز
ئەركە1 ۋاقتى: 2017-5-1 12:53:25
elbilge يوللىغان ۋاقتى  2017-4-30 23:17
قاچىلاشقا ھېچقانداق ئالاھىدە ئىش كەتمەيدۇ ، android يانف ...

تورسىز خەرىتىنىڭ چۈشۈرۈش ئاددىرىسى بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار
تەۋەككۇل ۋاقتى: 2017-5-1 14:57:03
تورسىز خەرىتىنى توردىن چۈشۈرىسىلەر
hawaskar218 ۋاقتى: 2017-5-2 19:37:14
wirus يوللىغان ۋاقتى  2017-5-2 16:22
http://auto.amap.com
مانا مۇشۇ يەردىن ماشىنا نۇسخىسىنى چۈرۈشۈپ  ...

ئاندىروئىد ئەمەس ماشىنىغا قاچىلايدىغان ياخشى خەرىتە  تەۋسىيە قىلسىڭىز
xatmen ۋاقتى: 2017-5-2 20:29:10
naxtar0903 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-2 18:56
ماشىنا خەرىتىسى ئاندىروئىد ئەمەس ئىدى بىراق بۇ apk ھۆج ...

مانا ماۋۇ ئادرىسقا كىرىپ چۈشۈرۈپ بېقىڭلا   ،  دەل جايىدەك قىلىدىغۇ    .  ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ خەرىتە بولىقىمۇ باكەن  .  شىنجاڭنىڭ خەرىتىسى  115 مىگا بايىتكەن   .  
چۈشۈرۈپ قاچىلاپ غەلبە قازىنىپ قالساڭلا ھايىت دەۋىتەسىلە   .
مەنمۇ تەييارلىق پۈتكەندە باشلاپ كىتىمەن  .

http://auto.amap.com/download/map_data/v2
elbilge ۋاقتى: 2017-5-3 01:33:52
win ce دەپ ئىزدەڭلا
isilbiz8778 ۋاقتى: 2017-5-3 23:13:11
تىشلىقمۇ  باللا مەن شىاۋمى  ئالاي  دىگەن شىاۋمى5ياخشى چىقامۇ ياباشقىسى ياخشىمىدۇ  مەسلەھەت بەسەڭلا،پۇلىسى مۇۋاپىق ئۈزى ياخشى ئېكرانى كىچىڭ چىقىدىغىنىدىن
xatmen ۋاقتى: 2017-5-13 22:41:25
ئەگەر دوسلاردا ماشىنىغا قاچىلاش دىتالى بولسا يوللاپ بەرگەن بولساڭلا   ،  سېتىپ بەرسەڭلارمۇ مەيلى   
xatmen ۋاقتى: 2017-5-28 05:08:21
oracle يوللىغان ۋاقتى  2017-5-27 16:09
مەن ئىشلىتىۋاتقىلى بەك ئۇزۇن يىللار بولدى،يوللارنىڭ ق ...

مۇشۇنداق ياخشى خەرىتىنىڭ كۆمۈلۈپ قالغىنى ئەپسۇس   .
مۇشۇ خەرىتىگە ئېرىشىپ قالسام  ، دوسلارنىڭ چۈشۈرۋېلىشى ئۈچۈن ھەقسىز يوللاپ قويىمەن  .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部