+تېما يوللاش
kerindax يوللانغان ۋاقتى:2016-7-18 01:35 4348 قېتىم كۆرۈلدى 15 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
پروگرامما گۇرۇپپىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئەپ يېشىش بولاقلاش قۇرالىنىڭ(UAPKTool) كومپىيوتېر نۇسخىسىنىڭ ئەلالاشتۇرۇلغان نۇسخىسى ۋۇجۇدقا چىقتى. تېخىمۇ كۆپ ئەپلەرنى يىشەلەيدىغان ۋە بولاقلىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى(ئۈندىدارنى يېشىپ بولاقلىيالايدۇ). سۈپەت ۋە سۈرئەتكە زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. بەزىبىر يوقىرى دەرىجىدە مەخپىلەشتۈرۈلگەن ئەپلەرنى يىشەلمەيدۇ. يىشەلىگەن ھەممە ئەپنى بولاقلىيالايدۇ. ئەگەر بولاقلىيالمىغان ئەھۋاللار بولسا ئورگان تورىغا كىرىپ ئىنكاس قىلساڭلار ياكى ئېلخەتكە سۆز قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ.
  مەزكۇر يۇمشاق دىتال ھېچ قانداق سىستېما مۇھىتى تەلەپ قىلمايدۇ. پەقەت كومپىيوتېرغا قاچىلاش ئارقىلىقلا ئەپ يېشىش، ۋە تەرجىمە ئەپنى قايتىدىن بولاقلاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. ئىشلىتىش ئىنتايىن قولاي. كومپىيوتېرغا قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىرويىد ئەپنى قوش چەكسەك ياكى ئوڭنى چېكىپ يېشىش(反编译) نى چەككەندىن كېيىن ئەپنى شۇ مۇندەرىجىگە ئۆز نامىدا مۇندەرىجە قۇرۇپ شۇنىڭ ئىچىگە يېشىدۇ. بولاقلاش ئۈچۈن ئەپ يېشىلگەن مۇندەرىجىگە كىرىپ، apktool.yml دىگەن ھۆججەتنى قوش ھەكسەك ياكى ئوڭنى چېكىپ بولاقلاش(打包) نى چەكسەكلا شۇ مۇندەرىجىگە بولاقلانغان شۇنداقلا ئىمزا قويۇلغان ئەپنى ھاسىللاپ بېرىدۇ.
  مەزكۇر ئەپ قوش تىللىق قىلىپ لاھىيەلەندى. ئۆز ئېھتىياجىڭلارغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتساڭلار بولىدۇ. بۇ قېتىمقىسى بىر قەدەر مۇكەممەل چىققانلىقى ئۈچۈن بۇرۇنقى كونا نەشىرلىرىنى ئۆچۈرۋېتىپ نۆۋەتتىكى يېڭى نەشىرىنى قاچىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
دىتال نامى: UAPKTool
نەشىرى: 3.1.3.0
سىغىمى: 58.1MB
مەشغۇلات مۇھىتى: WinXP,Wista,Win7,Win8,Win8.1,Win10
سىستېما تەلىپى: ھېچ قانداق تەلىپى يوق
چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://download.kerindax.net/UAPKTool/UAPKTool_3.1.3_Setup.exe
  ھۆرمەت بىلەن قېرىنداش پروگرامما گۇرۇپپىسى
ئېلخەت: visualuyghur@126.com
كوت كوت ۋە ئۈندىدار : 1482152356

تولۇقلىما مەزمۇن (2018-3-9 22:10):
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:http://download.csdn.net/download/visualuyghur/9814394

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +15 يىغىش سەۋەبى
Boy卍HEr〇 + 15 ياخشى دېتال

باھا خاتىرىسى

15ئادەم ئىنكاس يازدى

alipalim ۋاقتى: 2016-7-18 09:30:22
كۆپ رەھمەت ، ئەپ تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىدا تېخىمۇ ئاسانلىق بولغۇدەك ، مۇمكىن بولسا مۇشۇ دىتالنىڭ يانفۇن نۇسخىسىنىمۇ
تارقاتقان بولساڭلار
شىرىزات ۋاقتى: 2016-7-18 09:43:45
ھەجەپ ياخشى بۇلۇپتۇ رەھمەت سىلەرگە  ئۇيۇمگە بېرىپلام چۇشىرىپ ئالاي ،
司令 ۋاقتى: 2016-7-18 10:33:51
رەھمەت جاپا چىكىپسىز
ئاق تۇلپار ۋاقتى: 2016-7-18 13:11:12
روملارنىمۇ يىشىپ بولاقلىيالمدۇ؟
tatligim1288 ۋاقتى: 2016-7-18 17:17:20
رەھمەت  مۇمكىن بولسا  يانفۇن نۇسقىسىنىمۇ لاھىلەپ تارقاتقان بولساڭلار
googlee ۋاقتى: 2016-7-18 19:08:01
رەھمەت سىزگە تېخىمۇ قۇلايلىقلىشىپتۇ ، رومنىمۇ تەرجىمە قىلالامدۇ؟
foxtpdf ۋاقتى: 2016-7-18 20:59:37
  رەھمەت مەن ئۈچۈنلا يوللاپسىز   ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن بەركەت تاپقايسىز
foxtpdf ۋاقتى: 2016-7-18 22:55:32
چۈشۈرۈپ قاچىلىغانتىم قارائېكران چىقىپ چۈشەندۈرۈدىغان خەتلەر چىقىدىكەن ئەپنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپقانداق كۆرسىتىپ بىرىمىز ؟ مەن خەنزۇچىغا پىششىق لىكىن مۇشۇ كومپيوتېرغا كەلگەندە مۇشۇ ئاندرويد ئىشلىرىنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم  ياكى   cmd غا كىرىپ بۇيرۇق كودى يازامدۇق  .بولسا ئۇيغۇرتىلىدا سىنلىق دەرس ئىشلەپ تارقاتقان بولساڭلار  بىزدەك خەنچە بىلىدىغان ئىشلىتەلمىگەنلەرگە ئىشلەتكۈدەك تازا بىر پۇرسىتى  كەپتىكەن
opa ۋاقتى: 2016-7-18 23:16:35
كۆپ رەھمەت تىرىشچەنلىقىڭلارغا بارىكاللا
umid ۋاقتى: 2016-7-20 14:02:50
windows10 نورمال ئىشلەتكەنلەر بارمۇ

باھا سۆز

نورمالغۇ  ۋاقتى: 2016-7-20 14:19
qaq ۋاقتى: 2016-7-20 22:44:55
10دا نۇرمال،ئەپسۇس سىستىما ئەپلىرىمۇ يىشەلىگەن بولسا قالتىس بولاتتى.
umid ۋاقتى: 2016-7-24 14:11:10
qaq يوللىغان ۋاقتى  2016-7-20 22:44
10دا نۇرمال،ئەپسۇس سىستىما ئەپلىرىمۇ يىشەلىگەن بولسا ق ...

ئەپلەرنى قانداق يەشتىڭىز بولسا رەسىملىك يوللاڭچۇ
Boy卍HEr〇 ۋاقتى: 2017-3-28 04:55:34
قانداق يىشىدۇ بۇ دىتالدا ئەپنى ؟!  مۇندەرىجىنى كۆرسىتىڭ دەيدۇ ! مۇندەرىجىنى يىزىپ Enter نى باسسام چىكىنىپ كەتتىغۇ ؟!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部